تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ مېڭجۈن
8-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چۆرېن يېزىسى خېجۇڭ كەنتىدىكى قوغۇنلۇق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.
بۇ يىل كەنتتە تېرىلغان «خۇاڭزۈيشيەن» قوغۇنى تۈركۈملەپ پىشتى. دېھقانلار ئەتىگەندىلا ئېتىزغا بېرىپ قوغۇن ئۈزۈپ، تور خالتا كىيدۈرۈپ، يەشىكلەرگە قاچىلىدى، ناھىيەلىك پوچتا شىركىتىنىڭ «جىسۇشيەن(极速鲜)» تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى ئېتىز بېشىدا توختاپ، مەخسۇس ئاپتوموبىلدا مەخسۇس ئادەم ساقلاپ تۇرۇپ، قوغۇنلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ يولغا سالدى.
خېجۇڭ كەنتىدىكى سۈي جۈەننىڭ ئەتىگەندىلا قولىدىكى ئىش توختاپ باقمىدى، گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن خۇشال ئىدى. «ئىلگىرى قوغۇننى ئۈزۈپ بولۇپ ساتالماسلىقىمدىن، ئېتىزدىلا سېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ھازىر پوچتا تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى بىۋاسىتە ئېتىزغىلا كېلىدۇ، بۈگۈن ئەتىگەن تېخى پېلەكتىكى قوغۇن ئەتە، ئۆگۈن شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى قوغۇن ساتقۇچىلارنىڭ قولىغا تېگىدۇ، بۇ ئىشلارنى ئىلگىرى نەدىمۇ ئويلاپ باققانىدۇق؟»
سۈي جۈەندىكى ئىشەنچ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بارغانسېرى راۋان بولغان يېزا-كەنت تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىدىن كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ناھىيەدىكى 11 يېزا-بازاردا تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى بار بولدى، 65 كەنت ۋە مەھەللىدە تېز يەتكۈزۈش خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلدى، شەھەر-يېزا ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش مەخسۇس لىنىيەسى ھەر كۈنى قاتنايدۇ، يېزا-بازاردىن ناھىيە بازىرىغا ئەڭ تېز بولغاندا بىر سائەتتە يەتكۈزۈلىدۇ.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چۆرېن يېزىسى خېجۇڭ كەنتىدە دېھقانلار قوغۇنلارنى ئايرىماقتا.
ۋاڭ مېڭجۈن فوتوسى
دېھقانلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغىنى، تېز يەتكۈزۈش سوغۇق زەنجىرىمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈلدى. بۇلتۇر، جۇڭگو پوچتىسى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك شۆبە شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇ جايدىن چىقىدىغان كالا، قوي گۆشى، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ساقلاشقا چىدامسىز خام، يېڭى يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى پېتى ساقلاش كاپالىتىگە ئىگە بولدى. سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاش ۋە سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىدا توشۇش ئارقىلىق، خام، يېڭى يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇشتا تولۇق زەنجىرلىك يېڭى پېتى ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۇزۇن يولنى بېسىپ شىنجاڭدىن چىققاندا سۈپىتى ئۆزگىرىپ خوراپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
بۇلتۇر شۇ جاي تېز يەتكۈزۈش سوغۇق زەنجىرى ئارقىلىق جەمئىي 5000دىن ئارتۇق خام، يېڭى مەھسۇلات توشۇدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كالا، قوي گۆشىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 2000دىن ئارتۇق خام، يېڭى مەھسۇلات توشۇلدى. «خۇاڭزۈيشيەن» قوغۇنىدىن ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي گۆشىگىچە، نوقۇتتىن قولدا ئېتىلگەن لەڭمەنگىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ناھىيە بويىچە پوچتا تېز يوللانمىلىرىدىن جەمئىي 4000 پارچە يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتى توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى، بارغانسېرى كۆپ «مورىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتى» جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئالقىشلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.






