تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، سۈن پېڭچېڭ

«ماقۇللاندى!»

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالى. گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسى تەستىقلاندى.

بۇلتۇر 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىرىك پىلان تەكلىپى توغرىسىدا ئىزاھات بەرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «<15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى تەتقىق قىلىپ ياخشى تۈزۈش دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.

ئۇلۇغۋار نىشان خۇددى يول باشلايدىغان ماياكقا ئوخشاش ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەخمىنەن 20 مىڭ خەتلىك يىرىك پىلان تەكلىپى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن تومۇرداش بولۇپ، بۇنىڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش؛ قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش... يىرىك پىلاندا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش تەكلىپى بېرىلدى.

مۇشۇ ئاساستا يەنە بەش يىل كۈرەش قىلساق، 2035 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىن يىرىك پىلان پىروگراممىسىغىچە، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلىشىدىكى يېپيېڭى باشلىنىش بولۇپ قالدى.

يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، 16 «كۈچلۈك دۆلەت» قۇرۇلۇشى نىشانى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ئېنىق ۋە كونكرېت، 109 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك... بىر ھەيۋەتلىك بەش يىللىق تەرەققىيات «ئومۇمىي خەرىتىسى» نامايان بولدى.

بىر دەۋرنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى تارىخنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىكىگە قويۇپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

1 - بەش يىللىق پىلاندىن 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» «15 - بەش يىل» «16 - بەش يىل»دىن ئىبارەت 3 بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بىرىنچى قەدەمنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«14 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى: «بۇ ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

قەلبتە ئارزۇ بولسىلا، يولنىڭ يىراقلىقى بىلىنمەيدۇ؛ ئالدىمىزدىكى يول ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى ئۇلاپ يەتكۈزگەندە، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلىگەندە، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغاندا، ئالدىمىزدىكى يول جەزمەن تېخىمۇ پارلاق، نۇرلۇق بولىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.