تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىش

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ زېڭيى، جاڭ يۇڭجيەن، لى مىڭخۇي

غەربىي فۇجيەندىكى گۇتيەندە تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، «گۇتيەن يىغىنى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ» دېگەن سەككىز چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. گۇتيەن يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنى زالىغا كىرگەندە، ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوت ئىزى ھېلىھەم ساقلىنىپ قالغانىدى − 97 يىل ئىلگىرىكى قىشتا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ جايدا ئىسسىنىش ئۈچۈن ئوت ياققان، شۇنداقلا پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ئۇچقۇنىنى ياندۇرغانىدى.

2014 - يىلى ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قارار قىلىپ بۇ جايدا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، خەلق ئارمىيەسىنى يىلتىز، مەنبەسىنى ئىزدەش، قايتا تەرتىپكە سېلىپ يەنە يولغا چىقىشقا يېتەكلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىدا مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى كۆزلەنگەن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئومۇمىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك ئاساسى تىكلەنگەن بولۇپ، بۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ دۆلەت ئارمىيەسى، قۇدرەتلىك دۆلەت ئارمىيەسى بولۇش قىياپىتىنى بەلگىلىدى.

بۇ نىشاننى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنى نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە قانداق بىر قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش، قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسىنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش كېرەكلىكىنى، مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتتى، ماركسىزملىق ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش − روھ، بۇ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش روھى، ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش ئارمىيەمىز سىياسىي خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.»

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

پۈتۈن ئارمىيە ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي تەلەپ دەپ بىلىپ رىئايە قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى سىياسىي ئىنتىزام دەپ بىلىپ قوغداپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يوليورۇق سوراش - دوكلات قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، شى جۇشىنىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولۇش، شى جۇشىنى خاتىرجەم قىلىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر ئاساسىي تەدبىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى پارتىيە نىزامنامىسىدە بېكىتىلدى.

«ئالتۇن رەڭلىك يۇلتۇز ئارمىيە بايرىقىدا چاقناپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش...» ناخشا ساداسى گازارمىدا ياڭراپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى.

غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇش − يادرو، بۇ، ئارمىيەنىڭ تۈپ فۇنكسىيەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان چاغدا، بىزنىڭ بۇ ئارمىيەمىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرالامدۇ، دەرھال ئاتلىنالامدۇ، غەلىبىلىك جەڭ قىلالامدۇ، ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار ئەسكەر باشلاپ جەڭ قىلالامدۇ، جەڭگە قوماندانلىق قىلالامدۇ؟» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جەڭدە غەلىبە قىلىش سوئالى» دىللارنى يورۇتتى، بىر مەيدان «جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى توغرىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمە» پۈتۈن ئارمىيەنى قاپلىدى. پۈتۈن ئارمىيە جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن زېھنىنى جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جەڭ قىلىشقا كۈچەشكە قاراتتى.

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېز ۋە پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھاتى، ھەربىي سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ جەڭ» قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى يېڭىلاندى، قۇرۇلمىسى يېڭىلاندى، ئەندىزىسى يېڭىلاندى، قىياپىتى يېڭىلاندى.

دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئاۋىياماتكا، جيەن − 20، يۈن − 20 قاتارلىق ئىلغار قورال - جابدۇقلار سەپلەندى، «دۇڭفېڭ» ناملىق يۈرۈشلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈردى. دۇڭخەي دېڭىزى، نەنخەي دېڭىزى، تەيۋەن بوغۇزى يۆنىلىشىدە مەشىق مانېۋىرى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى، ئادېن قولتۇقىدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش، مەملىكەت سىرتىدىن چياۋمىنلارنى قايتۇرۇپ كېلىش چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدىكى ئەمەلىي ئەسكەرلەر تىركىشىشىدىن چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدىكى ئەمەلىي جەڭ مەشىق مانېۋىرىغىچە، خەلق ئارمىيەسى ئىس - تۈتەك ئىچىدە تاۋلىنىش جەريانىدا بىرلەشمە جەڭ قىلىش ۋە پۈتۈن رايوندا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەيۋىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش كۈچى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى.

ئېسىل ئىستىل − كاپالەت، بۇ ئارمىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىستىل ئېسىل بولسا قەھرىمان قىسىم بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، ئىستىل چېچىلاڭغۇ بولسا يېڭىلمەس قوشۇنمۇ ۋەيران بولىدۇ.» پۈتۈن ئارمىيە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سەككىز مەخسۇس تۈر بويىچە ئېنىقلاش، تۈزەش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەتكە قاتنىشىش، ھاراق ئىچىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىپ پايدا ئېلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش قاتارلىق ئىنتىزام بويىچە چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقاردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، «تۆھپىكار 3 - ليەن» قاتارلىق ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقماسلىق»تەك كۈرەش قىلىش روھىنى سىجىل ساقلاپ كەلدى. قاراقۇرۇمدا ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىگىچە، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھەرىكىتى ئارقىلىق «ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن»نى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خەلق ئارمىيەسى سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىش يېڭى قىياپىتى، كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتىكى يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق، شەرەپ بىلەن شى جۇشىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.

ھازىر، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، شۇنداقلا بىر قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق. خەلق ئارمىيەسى دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بويلاپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرۇشقا ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئارمىيە بايرىقى جەۋلان قىلدى، جەڭ دۇمبىقى سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىدى. 100 يىلغا يېقىن شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ئارمىيەسى يېڭى دەۋرنىڭ بۇرغا ساداسى ئىچىدە مۇقەررەر ھالدا غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.