□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ
تومۇز مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بۇغداي دولقۇنى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارىلىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى ئاستا - ئاستا نامايان بولماقتا.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «يېرىم يىللىق دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 130 مىليارد 158 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 3402 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.7 ئاشقان، ئەمەلىي ئېشىشى %6.2 بولغان. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.
كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەپ ئارقىلىق سېلىنمىنى زورايتىش، «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش» ئارقىلىق سىياسەتنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك تومۇر سوقۇشى بار. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما كاپالىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسەت تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىي ھالىتى مۇستەھكەملەندى
ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». بۇ يىل، شىنجاڭ مالىيەسى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىدىكى «1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى.
«ھازىر ئاشلىق تېرىشقا ئىلھام بېرىدىغان سىياسەتلەر بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ياردەم پۇلنىڭ ھېساباتقا كىرىشىمۇ تېز بولۇپ، كۆڭلىمىزدە تېخىمۇ سان بار بولدى.» ساۋەن شەھىرى شىگوبى بازىرى بەيتەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى لى يەن 850 مو كۈزگى بۇغداي تېرىپ، 190 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇل ئالدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ مالىيەسى 2 مىليارد 730 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مو يەرگە 230 يۈەندىن ياردەم پۇل بېرىش ئۆلچىمى بويىچە، بۇغداي تېرىغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم پۇلى بەردى. تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم پۇلى بېرىلىپلا قالماي، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىدىمۇ سۈرئەت تېزلىتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ مالىيەسى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق 6 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدىن 1 مىليون 959 مىڭ مو يەرنى يېڭىدىن قۇرۇشقا، 747 مىڭ 100 مو يەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بەردى، مو بېشى سېلىنما ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3114 يۈەن ۋە 2100 يۈەنگە يەتتى.
كۇچا شەھىرى ئەرباتەي بازىرى ئاۋات كەنتىدە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىسى ئابلەت ئاۋۇت ئائىلىسى بۇغدايلىقىغا تېمىتىپ سۇغىرىش ۋە سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەسلىھەسى ئورنىتىلدى، «بۇ يىل بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى، دانلىرى توق بولدى، ماشىنىلاشقان ئورۇش ئارقىلىق ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەپ قالدۇق، ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.»
مالىيە مەبلىغى ھەم «يەر»گە سېلىندى، تېخىمۇ مۇھىمى «تېخنىكا»غا سېلىندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيەسى 1 مىليارد 420 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش ماشىنىسى، ئادەمسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى كەڭ دالىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ 410 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش دەرسخانىسى قاتارلىقلارنى ئېتىز باشلىرىغا يۆتكىدى؛ 110 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىق يادرولۇق ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى تېخنىكىلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەدەت بەردى.
سۇچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ھەربىر ئۈلۈش ئۆسسە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشەنچى بىر ئۈلۈش ئاشىدۇ. «ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەرقىي جۇڭغارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىشقا كۈچ قوشتۇق» دەپ تونۇشتۇردى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېزا ئىگىلىكى - يېزا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياجۈن.
كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى موتورى قوزغىتىلدى
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھالقىسىدىن پىششىقلاش، ئوبوروت، ماركا قاتارلىق ئاخىرقى ئۇچقا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى تېخىمۇ كۆپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
چارۋىچىلىق كەسپى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئاغرىق نۇقتىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، 2 مىليارد 30 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سۈت كالىسى باقمىچىلىقى، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە گۆش كالىسى سىيىرى، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ساغلىق، يەم - خەشەك، سۈت پاراشوكى ھەم پىشلاق پىششىقلاش قاتارلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىپ، گۆش كالىسى، گۆش قويىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ناھىيە بويىچە ئالغا سىلجىتىشقا مەدەت بەردى.
كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قىممەتنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. نەشپۈتنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان كورلا شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى توپلىنىپ، «يېڭى مېۋە سېتىش»تىن «مېۋە شەربىتى سېتىش، نەشپۈت مەلھىمى سېتىش»قا ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ مالىيەسى 520 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك تۆت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى، بەش ئەۋزەل ئۆزگىچە كەسىپلەر توپى، 15 كەسىپتە كۈچلۈك بازار ۋە تۆت ناھىيە، شەھەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باغچە رايونى تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قاتتىق تىرىكى مۇستەھكەملەندى
مەبلەغ سېلىنمىسى ئاساس، باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئاچقۇچ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىشقا كۈچ سەرپ قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى باشقۇرۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ھەربىر پۇڭ مەبلەغنىڭ دەل جايىدا ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشقا ئۆتكەن تۇنجى يىل. كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغى سېلىنما سالمىقىنى كېمەيتمەسلىكنى ساقلاپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغىدىن 20 مىليارد 911 مىليون يۈەننى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 35 ناھىيەگە 14 مىليارد 527 مىليون يۈەن مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئىگىلىگەن نىسبەت %60تىن ئاشتى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغىگە تايىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنى ھازىرلاپ نۇرغۇن ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. «ئىشىكىمىز ئالدىدىلا خىزمەت تاپالايمىز، بىر ئايدا 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە پۇل تاپالايمىز، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدا شوخلا ئۈزۈۋاتقان شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل مەمەت.
مەبلەغ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيەسىنىڭ دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى» «يار - يۆلەك بولۇش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، پاسسىپ تىزىملىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى كۈچەيتتى، بىر يۈرۈش تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللىنىپ، دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مەبلىغىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوتنى ئىجرا قىلىش ۋە ئۈنۈم نىشانىنى «قوش نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش»نى كۈچەيتتى. «مەبلەغ تۈرنى كۈتۈش» قاتارلىق توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ كېڭىشىپ، تۈرلەرنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ليۇ خەييەن مۇنداق بىلدۈردى: «مالىيە سىياسىتى قورالىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دەل جايىدا بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مالىيە تەمىناتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مول ھوسۇل ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ يورۇق، سۈپىتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىمىز.»






