—— «دېڭ زۇەنشيەن يولىدا قايتا مېڭىش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (5)
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شياۋ چۇنفېي، جەزىرە نېسىپبېك، جانات
چىت كەنتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ توغراقلىق ئارىسىغا جايلاشقان بىر كەنت بولۇپ، خۇددى ئۆزىنىڭ نامىغا ئوخشاش ئىنتايىن ئۆزگىچە كەنت.
مۇخبىرلار بۇ كەنتكە كىرگەندە، چىت كەنتىنىڭ ئۇنچە ئۆزگىچە ئەمەس بولۇپ، بارلىق تەدرىجىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم لوگىكىلىق باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى.
لوگىكىلىق باغلىنىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش.
چىت كەنتى «ۋاڭخۇڭ كەنت» بولۇپ قالدى
مۇخبىرلار مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ ماڭدى، ئاپتوموبىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يولغا كىرگەندىن كېيىن، تومۇز ئىسسىق بىردىنلا ياندى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىز توغراقلار بار ئىدى. مارالبېشى ناھىيەسىدىكى 3 مىليون 160 مىڭ مو ئىپتىدائىي توغراقلىق تۈركۈمى دۇنيا بويىچە تۇتاش كەتكەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئىي توغراقلىق بولۇپ، ياز پەسلىدە باراقسان يېشىللىققا پۈركىنىدۇ، كۈز كۈنلىرى بۇ جاي ئالتۇن رەڭلىك دۇنياغا ئايلىنىدۇ. ئورمان بىر - بىرىگە تۇتۇشۇپ، نۇر كۆلەڭگۈسى ئۆزگىرىپ تۇراتتى، مۇخبىرلار مۈگدەپ قالغاندا، ئاپتوموبىل تۇيۇقسىز سالاڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى بېشىدا توختىدى، كۆۋرۈكتىن ئۆتسىلا چىت كەنتى ئىدى.
بۇ سالاڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى چىت كەنتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ بېرىدىغان شىفىر ئىدى.
چىت كەنتى مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، مارالبېشى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر، تەۋەلىك ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 3.7 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەكەن دەرياسى بىلەن سالاڭ دەرياسى ئارىلىقىدىكى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندى رايونى تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ توغراقلىق ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، توغراقلىق ئارىسىغا جايلاشقان كەنت. خەرىتىدىن قارىغاندا، چىت كەنتىنى سۇ سىستېمىسى ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، كەنتنىڭ شەرق تەرىپىدىكى يەكەن دەرياسى بۇ كەنتنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ.
كەنتتە ماڭغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىلىرى بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، سېمونت يوللار تەكشى، پاكىز، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالغان، توخۇلار چىللىغان، ئىتلار ھاۋشىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ بىر گۈزەل يېزا - كەنت. چىت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈي جەنجى مۇنداق دېدى: ھازىر چىت كەنتىدە جەمئىي 108 ئائىلىلىك بار، خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نان يېقىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئۆچكە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، قىزىل توقاچ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، 2025 - يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
چىت كەنتى بويىدىكى توغراقلىقتا قوي پادىلىرى بەخىرامان ھالدا يەم - خەشەك يەپ، سەركىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراق ئاۋازى يېقىملىق جىرىڭلاپ تۇراتتى. بۇ قويلارنىڭ ھەممىسى بارچۇق قويى بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە ھازىر قوتاندا 10 مىڭ تۇياققا يېقىن قوي بېقىلىۋاتىدۇ. توغراقلىقتا بېقىلغاچقا، ئىشقارلىق يەملەرنى يەيدۇ، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ، شۇڭا گۆشى تەملىك، بۈگۈنكى كۈندە ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 80 يۈەندىن 90 يۈەنگىچە مۇقىم بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سېتىلىش باھاسى 120 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ.
چىت كەنتىنىڭ ساياھەت كىرىمىمۇ كۈنسېرى ئاشتى. ئەتىياز پەسلىدە، كىشىلەر توغراقلىققا كېلىپ مارالبېشى موگۇسى ئۈزىدۇ. مارالبېشى موگۇسىنىڭ ھەممىسى ياۋا ئۆسكەن بولۇپ، ئېتى قېلىن، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۆش، دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىققا ئىشلىتىلىدۇ، تەمى مەززىلىك. كۈز پەسلىدە، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە توغراقلارنى تاماشا قىلغىلى كېلىدۇ. «چىت كەنتىدىكى توغراقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى ساپ ئالتۇن رەڭدە بولۇپ، قۇياش نۇرى چۈشكەندە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ» دېدى سۈي جەنجى.
2020 - يىلى، چىت كەنتى دۇڭفاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش گۆھەر ماكان سەپىرى» ناملىق پىروگراممىسىنىڭ سۈرەتكە ئالىدىغان جايىغا ئايلاندى. پىروگرامما تەشۋىقاتىغا تايىنىپ، چىت كەنتى تېزدىن داڭ چىقىرىپ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت چوڭ ئايلانما لىنىيەسىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن ۋە يەكەن دەرياسى ساياھەت كارىدورىدىكى خاس يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە ئۈچ ئائىلىۋى مېھمانخانا، جەمئىي 20 ئېغىز ياتاق بار بولۇپ، ئالتە ئورۇندا ساياھەت ئارام ئېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى، ئىستىراھەت ۋە قونالغۇ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدىكى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىدە، چىت كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھى ناھايىتى ئالقىشلىنىپ، يەرلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى جانلاندى، بارچۇق قويى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. مۇخبىر سۈي جەنجىدىن: «بۇنداق چوڭ قوينى ساياھەتچىلەر قانداق ئېلىپ كېتىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا: «كەنتىمىز سوغۇق زەنجىرلىك ئەۋەتىپ بېرىدۇ!» دەپ جاۋاب بەردى.
يول راۋانلاشتى، ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى
2019 - يىلىدىن بۇرۇن، چىت كەنتى پۈتۈنلەي بۇنداق قىياپەتتە ئەمەس ئىدى.
تۆت ئەتراپىنى سۇ ئوراپ تۇرغاچقا، چىت كەنتى ئىلگىرى سىرت بىلەن بولغان ئالاقىدە پۈتۈنلەي سالاڭ دەرياسىدىكى ئاددىي ياغاچ كۆۋرۈككە تايىناتتى. سالاڭ دەرياسى يەكەن دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنى. بۇ دەريانىڭ سۇ رايى ھالىتى تۇراقسىز بولۇپ، مۆلچەرلىگىلى بولمايتتى، كەلكۈن كەلسىلا ياغاچ كۆۋرۈكنى بۇزۇۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن چىت كەنتى سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى.
مۇشۇنداق جۇغراپىيەلىك ئورۇن چىت كەنتىنى شامال يېزىسىدىكى ئەڭ چەت، يىراق كەنتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئىلگىرى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونغا تەۋە ئىدى.
مۇخبىرلار كەلكۈن ياغاچ كۆۋرۈكنى بۇزۇۋەتكەندىن كېيىنكى ناھىيە، يېزىنىڭ كەنتكە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇۋاتقان سىننى كۆردى: ئۆركەشلىگەن لاي ئېقىندا، كىشىلەر تۆمۈر كېمىگە تايىنىپ دەريادىن جاپا - مۇشەققەتتە ئۆتۈۋاتاتتى، تۆمۈر كېمە قىرغاققا يېقىنلىشالمىدى، كىشىلەر كېمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ماددىي ئەشيالارنى مۈرىسىگە ئارتقىنىچە، قولىدا كۆتۈرگىنىچە سۇ كېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى، ئەھۋال خەتەرلىك ئىدى.
2019 - يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان دەۋر چوڭ دولقۇنىدا، سالاڭ دەرياسىدا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 96 مېتىر كېلىدىغان چوڭ كۆۋرۈك ياسالدى. ئىلگىرى چىت كەنتى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنى تۇتاشتۇرىدىغان توپا يولمۇ كەڭ، تەكشى بېتون تاشيولغا ئۆزگەرتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىندى.
يول راۋانلىشىپلا قالماي، يەنە سۇ، توك ۋە تورمۇ يەتكۈزۈلدى.
چىت كەنتى بۇنىڭ بىلەن تەقدىرىدىكى بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يول راۋانلىشىشتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن بەش ھەسسە ئاشتى.
تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى ئىشەنچ.
مۇخبىرلار كەنت ئاھالىسى ئەيسا مۇسانىڭ ئۆيىگە كىردى. ھويلا ناھايىتى پاكىز يىغىشتۇرۇلغان، لەيلىگۈل كۆركەم پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ئاسلان ئېرىنچەكلىك بىلەن مۈگدەۋاتتى، ئۆي ئىگىسى ئايال ئاپتاپپەرەس گازىرىنى ئايرىپ، نەۋرىسىگە گازىر قورۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتاتتى، بۇنىڭدىن تىنچ، خاتىرجەملىككە تولغان يىللارنىڭ مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. 66 ياشلىق ئەيسانىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئىلگىرى، توپا يولدا ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپا - چاڭ ئۇچۇپ تۇراتتى، ھەربىر دەسسىگەندە پاقالچاققىچە توپا - چاڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ يامغۇرلۇق كۈنلەردە، ھەقىقەتەن «پاتقاق يول»غا ئايلىناتتى. كەنتتە دۇكان يوق، توك يوق بولۇپ، مېھمان كەلگەندە ھەتتا مېۋە ۋە ئىچىملىكلەرنىمۇ بازارغا بېرىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە نۇرغۇن دۇكان ئېچىلدى، ئائىلىلەردە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولدى، يەنە سۇ تازىلىغۇچ ئورنىتىلدى. يول راۋانلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە كورلا، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلدى.
يەنە بىر كەنت ئاھالىسى قۇربان مامۇتنىڭ ئائىلىسىنىڭ 23 مو يېرى، 100 تۇياق قويى بار، بۇ ئىككى يىلدا ئۇ خوتۇنى بىلەن دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئەخمەت قۇربان بۇ يىل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزدى. «مەن ئاتا - ئانامغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، كىچىك ۋاقتىمدىلا ئۇلار مېنى مەكىت ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇردى.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: گەرچە دادام مەكتەپتە ئوقۇمىغان، ئانام باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ئوقۇشنى تاماملىشىمنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى.
ئەخمەتنىڭ ئوقۇغان كەسپى ھايۋانات ئىلمى بولغاچقا ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىقىغا زور پايدىسى تەگدى. ئەخمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: مېنىڭ يېتەكچىلىكىمدە دادام قويلاردىكى قۇرت يوقىتىشنى، بوغاز ساغلىقنى ئىلمىي بېقىشنى ئۆگەندى، باقمىچىلىق ئۈنۈمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى.
ئەخمەت يەنە داۋاملىق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولدى، ئۇ چىت كەنتىدىكى تۇنجى ئاسپىرانت بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.
چىت كەنتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى يۇرتىغا قايتىپ، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشكە قاتناشتى. كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىققاندىن كېيىن نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، مائارىپقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. ھازىر، كەنتتە بار 34 داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە يېرىمى ئايال.
چىت كەنتىدە بىر ئېكسكۇرسىيە نۇقتىسى بار بولۇپ، ئىچىگە نۇرغۇن كونا بۇيۇملار تىزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1941 - يىلىدىكى قەدىمىي چىنە بار بولۇپ، ئۈستىگە نەچچە تال مىخ قېقىلغانىدى. چىنە ياماشنىڭ يەنە بىر نامى مىخ بىلەن يامىغان چىنە بولۇپ، بۇنىڭغا ۋاقىت ناھايىتى كۆپ كېتەتتى، بۇ، ئاساسەن يوقىلىپ كەتكەن قول ھۈنەر - سەنئىتى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەينى يىللاردىكى ماددىي ئەشيالارنى چىت كەنتىگە توشۇپ ئەكىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش ئارقىسىدا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال تىرەك بولۇشى بار
چىت كەنتى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشتىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى.
100 نەچچە يىل ئىلگىرى، دېڭ زۇەنشيەننىڭ «قاغىلىق - دىخۇا سەپىرى خاتىرىسى»دىكى ئېرىشكەن ئەڭ كۆپ تەسىراتى «يول يۈرۈش قىيىن بولۇش» بولۇپ، ھارۋا قۇملۇققا پېتىپ قالغاندىكى ئامالسىزلىق، چۆل - جەزىرىنى كېسىپ ئۆتكەندىكى جاپا - مۇشەققەت، تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتۈشتىكى خەۋپ - خەتەر ئىدى... قاغىلىقتىن دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)غىچە، ئۇ توپتوغرا ئىككى ئايدىن كۆپرەك يول يۈردى.
تەبىئىي توسۇق راۋان يولغا ئايلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مۇخبىرلار جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭ كۆۋرۈك، تونېل، ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، قۇملۇق تۆمۈر يولى قاتارلىقلارنى كۆردى... ئىستېرېئولۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىلغار بولغان قاتناش تورى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
«تىيانشاننىڭ ئۇ تەرىپىدە خەلق بولغاچقا، تەس بولسىمۇ تىيانشاننى تېشىپ ئۆتتۇق.» تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەرگە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنى تونۇشتۇرغاندا، شىنجاڭلىق ساياھەت يېتەكچىسى دىلنۇر تۇرسۇنجاننىڭ ھاياجانلانغان ھالدا قىلغان ئاشۇ سۆزى توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.
ئۇنىڭ بۇ بۆلەك سۆزى بەلكىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ كۆپ يىل داۋاملاشقان بىر گۇمانىغا بېرىلگەن جاۋاب بولۇشى مۇمكىن:
«جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ھەمىشە نوپۇسى كۆپ بولمىغان، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان جايلاردا غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ، مەبلەغنى پەقەتلا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان بۇ خىل يولنى ياسايدۇ؟»
ۋال كوچىسىدىكى قابىللارنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ زىيان تارتقانلىق. لېكىن جۇڭگودا، بۇ، بارلىق كىشىلەرنىڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەت تىرىشچانلىقى. مانا بۇ «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» بىلەن «كاپىتالنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»نىڭ پەرقى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەزەلدىن «كىمنى شاللىۋېتىش»نى تاللىمايدۇ، بەلكى «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىدۇ.
تىيانشاننى تېشىپ ئۆتۈش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىلدى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئەزەلدىن تار مەنىدىكى سېلىنما - ھاسىلات ئۈستىدە باش قاتۇرمايدۇ، بەلكى خەلقنى ئۇزاق يىل قىينىغان «يول يۈرۈش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
«يۇرتۇمدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.» ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدا چوڭ بولغان دىلنۇر جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىلگىرى ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ سەپەرگە چىققانلىق تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا قاتناش باشلىنىپ ھەممىنى ئۆزگەرتتى. ئىلگىرى تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدىغان جاپالىق بولغان تىيانشاندىن ھالقىش سەپىرىگە بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا 20 مىنۇت كېتىدىغان بولدى. دىلنۇر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سانسىزلىغان خەلققە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «تەبىئىي توسۇقنى راۋان يولغا ئايلاندۇرۇش» ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ھەقىقىي، كونكرېت بولدى.
ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە ئوخشاش بولمىغان لوگىكىنى بەلگىلەيدۇ.
«كاپىتالنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» لوگىكىسى بولسا: پۇل تاپقىلى بولامدۇ - بولمامدۇ؟ «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» لوگىكىسى بولسا: خەلق ئېھتىياجلىقمۇ - ئەمەسمۇ؟
جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىدىن باشقا، مۇخبىرلار يەنە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۆردى... كەڭ كۆلەمدىكى زامانىۋى ئۇل قۇرۇلۇشنىڭ بەزىلىرى قارىماققا «ئەرزىمەيدىغان»دەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇستەھكەم جەمئىيەت ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئاممىنى يول ياخشىلانغان، چىراغلار دائىم يېنىپ تۇرغان، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، سۇ تاتلىق بولغان، ئاغرىپ قالسا داۋالىنالايدىغان، ئائىلە بىخەتەر ماكانغا ئايلانغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇردى. 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش دەرىجىسى كۈچلۈك، لېكىن ئۆلۈش - يارىلىنىش ئاز بولدى، يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر چارۋىچىلارنىڭ ئۆزى سالغان ئۆيلىرى ۋە يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ۋاقىتلىق تۇرىدىغان ئۆيلەر بولۇپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەرنىڭ بىرىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشمىدى.
ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش قاتتىق ماتېرىيال بىلەن چەكلىنىپ قالامدۇ؟
بۇ يىل 4 - ئايدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى يۆتكىلىشچان ئاقىللاشقان قان تازىلاش ئاپتوموبىلى قەشقەرگە ماكانلىشىپ، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاغرىقلارنى ئۆز جايىدا قان تازىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. قان تازىلاش بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ئاغرىقلارنىڭ «جان تومۇرى»، مەملىكەت بويىچە %99تىن ئارتۇق قان تازىلىتىدىغان ئاغرىقنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتىدە 1310دىن ئارتۇق ئاغرىق داۋاملاشما خاراكتېرلىك قان تازىلىتىش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق، بۇنىڭ ئىچىدە %80 ئاغرىق يېزا - بازارلاردا بولۇپ، چەت، يىراق يېزا - بازارلاردىكى ئاغرىقلار ھەر ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ قېتىم يۈز كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئۇياق - بۇياققا چېپىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاپ كېتىدۇ.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئاغرىق نۇقتىنى ھەل قىلدى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشلامچى بولۇپ، شاڭخەي قاتناش داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارمىقىدىكى رېنجى دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى يۆتكىلىشچان ئاقىللاشقان قان تازىلاش ئاپتوموبىلىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزدى. مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازارلىق مەركىزىي دوختۇرخانىدا، كەنت ئاھالىسى ئەلى ئابلىز قان تازىلىتىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن ئون مىنۇتتىلا داۋالاش نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايمەن، قان تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تېزلا ئۆيگە قايتىپ كېتەلەيمەن». بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ھەر قېتىم 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ داۋالىناتتى، بېرىش - كېلىشتە قاتناش ۋە يېمەك - ئىچمەك چىقىمى داۋالىنىش خىراجىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتەتتى.
شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بى گۇيپىڭ مۇنداق دېدى: «شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بۇ يۆتكىلىشچان داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، شاڭخەينىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى داۋاملىق تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرىدۇ.»
زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىرلار پەن - تېخنىكا ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولدى. مەكىت ۋەنفاڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامباردا ساقلاش رايونىدا، قوي تېرىسى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى، بۇلارنىڭ ئورگانىك ئوغۇت خام ئەشياسى ئىكەنلىكىنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ شىنجاڭ چارۋىچىلىقىدا ھەر يىلى زور مىقداردا قوي يۇڭى، قوي تېرىسى قاتارلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلار بارلىققا كېلىدۇ، ئىلگىرى، «تېرە، يۇڭ، سۆڭەك، قان» جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى بىر چوڭ بۇلغىنىش مەنبەسى بولۇپ، بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىزچىل شۇ جاينى قىيناۋاتقان قىيىن مەسىلە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەت يۇقىرى پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ قوي تېرىسى، قوي يۇڭىدىن ئىبارەت بۇ «كېرەكسىز ماتېرىيال»نى بىر خىل ئاجىز كىسلاتالىق كىچىك مولېكۇلىلىق پېپتىدلىق سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇتقا ئايلاندۇردى − بۇ، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى %30 ئازايتىپ، شورلۇق يەردە مەھسۇلاتنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى.
مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىسىنىڭ خامانكۆيدى كەنتىدە، مۇخبىرلار يەنە كەنتتە قۇرۇلغان چىلان تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلدى. مەكىت ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك چىلان چىقىدىغان يادرولۇق ئاساسلىق رايون بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، كەسىپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاس ماركا يېتىلدۈرۈپ، چىلان كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ھالبۇكى، كەسىپ تەرەققىياتى جەريانىدا، ئېتىز پەرۋىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مېۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بۇ كەنتتە چىلان تەتقىقات ئورنى قۇردى، شىنجاڭ چىلان كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش ئالىمى، مەكىت ناھىيەلىك چىلان كەسپى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خاۋ چىڭ مۇنداق دېدى: «بەزى كەنت ئاھالىلىرى دائىم كېسەل تەگكەن مايسىلارنى ئېلىپ بىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ، بىز بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز.»
بۇ دەل دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭنى تەمىنلىگەن ئۇنىۋېرسال تىرەك.
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئەخمەت ۋە نەۋرە ئاچىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىت كەنتىگە قايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىيانشاننى كېسىپ ئۆتكەن چاغدىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن، ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!






