شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يەن شياۋتيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «تېررورىزم يېڭى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش: دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش» باش تېمىسىدىكى 2026 - يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى جەي جۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۆسۇڭ ھەم دۇنيا مۇسۇلمانلار رايونى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالى، ئېفىيوپىيە فېدېراتسىيە ساقچى باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېرسۇتۇ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئاقىللار ئامبىرى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، شۆبە مۇنبىرى ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جۇڭگو تەرەپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا تېررورىزم ھەرىكىتى يەنە باش كۆتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمى ئاشماقتا، تېررورىزم تۇمانلىرى ئۇزاققىچە تۈگىمەي دۇنياۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ئاشكارىلانماقتا. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش كېرەك؛ خەلقئارا قانۇنچىللىققا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەمكارلىق ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى، ھەم رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قانۇنچىللىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئۈنۈملۈك يولنى تېپىپ چىقتى، ئۇدا توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى، تەشەببۇسى ۋە تەجرىبىسى، نەتىجىسىنى تولۇق ھەمبەھرىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېررورىزمنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى كۆپ خىل كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشتىكى داۋالغۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلاردىن قالايمىقان پايدىلىنىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يامرىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى كۈچەيتىۋەتتى. قىسمەن دۆلەتلەر تېررورىزم ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىپ ۋە ئۇنىڭدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ جۇغراپىيەلىك شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، ھەتتا تېررورىزمنى قوللاپ، تېررورىزمدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق ئاساسى ۋە ھەمكارلىشىش ئۈنۈمىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تېررورىزم ياخشى - يامان دەپ ئايرىلمايدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، ئەسەبىي كۈچلەر ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا قارشى تەرەپتە تۇردى. ھەرقانداق ئەھۋالدا تېررورلۇققا تاللاش خاراكتېرلىك قارشى تۇرۇشقا، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلاردىن قالايمىقان پايدىلىنىشنى چەكلىشى كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تەجرىبە - ئۇسۇللىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
پەن شى، ياڭ شيۇلى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى، دۇنيا مۇسۇلمانلار رايونى كېڭىشى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، يىغىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.






