تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىش»

—— جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىدىكى دۇنياۋى ھېسسىيات ۋە چوڭ دۆلەت سالاپىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چياۋ جىخۇڭ

«ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىلا ھەقىقىي تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشىش، بايلار بارغانسېرى بېيىش ئاساسىدا ئورنىتىلسا بولمايدۇ. ھەربىر دۆلەت ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ، زامانىۋىلىشىش قايسىدۇر بىر دۆلەتنىڭ ئىمتىيازى ئەمەس.»

2022 - يىلى 11 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۇنياغا رىشتە باغلاش ھېسسىياتى ۋە چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى بايان قىلدى.

گىرېتسىيەدىكى پىرائېئۇس پورتى ئالدىراشچىلىققا تولغان ھەم تەرتىپلىك بولۇپ، ھەرخىل پاراخوتلار ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. 2019 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا مەخسۇس بۇ جايغا كەلدى. ئىلگىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، كېيىن جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش داۋامىدا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ پورتتا تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ گىرېتسىيە خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تاشقى ئالاقىدە باشتىن - ئاخىر توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. سىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى پىرائېئۇس پورتى تۈرىنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.»

«شى جۇشى، بىز سىزنىڭ جىسمىڭىزدىن دوستلاردا بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەتنى كۆردۇق!» ئەينى چاغدىكى گىرېتسىيە دېڭىز تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قىلغان بۇ سۆزگە چوڭ دۆلەت داھىيسىغا بولغان قايىللىق، جۇڭگونىڭ ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىق مۇجەسسەملەنگەنىدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسى يۇغۇرۇلغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىن، ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىمپورت كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونى يېتەكلەپ باشتىن - ئاخىر ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى يول ئېچىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى سۇپا بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.

«خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك!» ياشلىق مەزگىلىدە شەنشى لياڭجياخېدىكى كەچۈرمىشى رەئىس شى جىنپىڭدا ئۆزگەرمەس ئېتىقاد يېتىلدۈرگەنىدى.

كۆپ يىللاردىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا ئاشۇ يىللارنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. «مەن جۇڭگونىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدىكى بىر كىچىك كەنتتە دېھقان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ دېھقانچىلىق ئەمگىكىنىڭ جاپاسىنى ۋە كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.»

2014 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغاندا جۇڭگو - تاجىكىستان ھەمكارلىقىدىكى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا توك، پار كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مەنمۇ قىيىنچىلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن، ھېسسىياتىڭلارنى چۈشىنىمەن»، «خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكىنى ئەڭ ياخشى تۈر».

خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلدى.

جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيې قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈشكىچە، ئاندىن جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغان پېرۇ چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە قاتنىشىشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ھەر بىر ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدىكى ئىللىق ئاساسىي رەڭنى پۈتۈپ چىقتى.

«زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، بىرمۇ دۆلەت سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ.» 2024 - يىلى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شۇنداق دېدى.

2013 - يىلى، دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىغا باردى. تانزانىيەدە، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ <ھەققانىيلىق> جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.»

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن ئافرىقىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا، مومباسا - نايروبى تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، شەرقىي ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ تومۇرىغا ئايلاندى؛ جۇڭگو تەرەپ مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ يولغا قويغان يېزا - كەنت قۇدۇق قېزىش قۇرۇلۇشى نەچچە مىليون كىشىنى «خاتىرجەم سۇ» ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى باش ئىشتابى قەد كۆتۈرۈپ، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە سېپىنى يەنىمۇ پۇختىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشتى؛ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى... ھەربىر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ھەربىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئافرىقا خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش دەل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق مەنپەئەتى». پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مول بولغان يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونى يېتەكلەپ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، بۇ «كىشىنى ئىنتايىن قايىل قىلىدۇ».

2023 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ماراپى بىلەن كۆرۈشۈپ يەنە زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى توغرىسىدا توختالدى.

زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسى شى جىنپىڭ ئىلگىرى فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان ۋە تۈرتكە بولغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكۈر قورالى». 2000 - يىلى، ئەينى چاغدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دۇڭگاۋدى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى رافاناما بىلەن كۆرۈشتى. «مەن ئۇنىڭغا زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردۇم، بۇ ئۆلكە باشلىقى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى قىزىقتى. مەن <تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى لىن جەنشىنى شۇ جايغا ئەۋەتتىم» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ كېيىن.

«ئۆزىنىڭ غېمىنى يەپلا بولدى قىلماي، بەلكى باشقىلارنىڭمۇ قەددىنى رۇسلىشى ئۈچۈن غەم يېيىش كېرەك؛ ئۆزى ياخشى كۈن كۆرۈشنى ئويلاش بىلەن بىللە باشقىلارنىڭمۇ ياخشى كۈن كۆرۈشىگە ھەمدەم بولۇش كېرەك.» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تېمىسىغا قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىدى. «جۇڭگونىڭ ئۆسۈملۈكلىرى»، «جۇڭگونىڭ شاللىرى»، جۇڭگو تېخنىكىلىرى، جۇڭگو تەجرىبىلىرى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى.

دۇنيادا سانائەت يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئىشلىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى كۆزلەپ، «يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش»نى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يەرشارى ماكانى»نى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى.

«ئەگەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بولمىغان بولسا، بىزمۇ <پارىژ كېلىشىمى>نى ھاسىل قىلالمىغان بولاتتۇق» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى باش كاتىپى پەن جىۋېن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا شۇنداق دېدى. «پارىژ كېلىشىمى» دۇنياۋى كىلىماتنى تۈزەش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدە، كېلىشىم ھاسىل قىلىش، ئىمزالاشتىن كۈچكە ئىگە بولۇش، يولغا قويۇشقىچە، جۇڭگو ھەممىسىگە پائال تۈرتكە بولدى، تارىخىي تۆھپە قوشتى.

«بۇ، جۇڭگونىڭ <پارىژ كېلىشىمى>دىكى تەلەپكە سېلىشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى نامايان قىلىپ بېكىتكەن نىشانى.» 2025 - يىلى، دۇنياۋى كىلىماتنى تۈزەش يەنە ئاچقۇچلۇق پەيتنى كۈتۈۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشىنى جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتى ۋە ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق بىلدۈردى.

دۇنياۋى كىلىماتنى تۈزەشكە قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن دۇنيادىكى بالىلارغا يېشىللىق ئۈمىدى چېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقىچە، يەنە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دۇنيا ئېكولوگىيە زور پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىشكىچە، رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ئاندرېۋ سۋارتز مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسى دۇنيانى «تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ ئادىل كەلگۈسى»گە ئاتلىنىشقا يېتەكلىمەكتە.

«جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭمۇ ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي، مەردانە سۆزلىرى تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىپ، تېخىمۇ كۆپ سەپەرداشلارنى، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنى قەتئىي تۈردە تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.