ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل 10 - ئايدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرقانچە مۇھىم مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەگە، دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە، تارىخقا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتىكى سوغۇققانلىقى، سەگەكلىكى ۋە قەيسەرلىكى، قەتئىيلىكىنى نامايان قىلدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا، يۈكسىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، «ئالتە تور»نى پىلانلاپ قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ۋە قوزغىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپىدە ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار+» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىجىل تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىقلارغا دائىر ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قىلچە بوشاشماي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېرىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 27 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئارمىيەگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ «زەنجىر باشلىقى تۈزۈمى» قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەر ئارقىلىق يېتەكلەش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.






