يېقىنقى كۈنلەردە
ئاتۇش ۋوگزالىدا
ھەمىشە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان سېرىق رەڭنى كۆرگىلى بولىدۇ
يولۇچىلارنىڭ ھەربىرى كۆتۈرۈۋالغان «كىچىك سېرىق ساندۇق»
«ئۆلچەملىك سەپلىمە»گە ئايلاندى
بۇنىڭ ئىچىگە زادى قانداق گۆھەر قاچىلانغاندۇ؟
جاۋابى شۇكى
ئاتۇشنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى چەكلىك، تاتلىق بولغان − ئەنجۈرى

ھەر يىلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ۋاقىت
ئاتۇش ئەنجۈرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئالتۇندەك مەزگىل
بۇ چاغدىكى ۋوگزالدا
يولۇچىلار «كىچىك سېرىق ساندۇق»لارنى كۆتۈرۈشۈپ
يازنىڭ بۇ شېرىن تەمىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ
يېتەرلىك يورۇقلۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇش
ئوزۇقلاندۇرۇپ يېتىشتۈرگەن ئاتۇش ئەنجۈرى
يۇمشاق، شىرنىلىك، ھەسەل پۇرىقى كۈچلۈك
كۆپچىلىك تەرىپىدىن «دەرەختىكى شېكەر مانتا» دەپ ئاتالغان
ئۇنى يېيىشتىن بۇرۇن «ئۆتكۈزىدىغان»
ئالاھىدە بىر مۇراسىم بار
يوپۇرماق بىلەن مېۋىنى كۆتۈرۈپ ئاستا يېپىپ قويىمىز
ئاندىن ئالقىنىمىز بىلەن ئۇرۇپ قويىمىز
نېپىز مېۋە ئېتىنى
بىر چىشلەپلا يېرىۋەتسەك
خۇش ھىدى تىلىمىزنىڭ ئۇچىدا ئاستا-ئاستا تارىلىدۇ
ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى ئازغان كەنتىدە شاخلار ئەنجۈرلەر بىلەن لىق تولغانىدى. كې شۈەن فوتوسى
ئىلگىرى
ئەنجۈرنى يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا
نورمال تېمپېراتۇرىدا پەقەت بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە بولىدۇ
پىشىپ كەتسە چوقۇم دەرھال يەۋېتىش كېرەك
ياكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇۋېلىش ياكى مۇراببا قىلىۋېلىش كېرەك

ئەنجۈر. مەنبەسى: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان
ئاتۇش شەھىرى ئازوتلۇق يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى
ئەنجۈرنىڭ يېڭى ساقلاش مۇددىتى
20~15 كۈن ئۇزارتىلدى
يىراق ئارىلىققا تىرانسپورت قىلىشتا «يېشىل يول» ئېچىلدى
ئازوتلۇق يېڭى پېتى ساقلاشقا پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق زەنجىر قوشۇش
ئاتۇش ئەنجۈرىنىڭ سېتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى
ئەتراپتىكى نەچچە يۈز كىلومېتىردىن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بىر تۈركۈم «دەرەختىكى شېكەر مانتا»لار
بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق نۇرغۇن جايدىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا
ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى
تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ شېرىنلىكنى تېتىيالايدۇ
ئاتۇش شەھىرىدىكى ئەنجۈر 3-كەسىپ يۇغۇرما پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى. مەنبە: ئاتۇش شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
ئاتۇش ئەنجۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى
يېڭى مېۋىلەرنىڭ شىنجاڭدىن چىقىرىلىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى
ئاتۇش شەھىرىدىكى ئەنجۈر 3-كەسىپ يۇغۇرما پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىدا، شىنجاڭ خەيدېكۇن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆلچەملەشكەن پارنىك ئارقىلىق كۆلەملەشكەن ئۆستۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، چۆللۈكتە مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى قىيىن ئۆتكىلىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئەنجۈرنى تېز سۈرئەتتە مېۋىلىتىش ۋە يىل بويى ئۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت ئىنچىكە پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئەنجۈر ھارىقى، مېۋە قېقى، مېۋە مۇرابباسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، «ئۆستۈرۈش-پىششىقلاش-سېتىش» بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.






