ھازىر دەل يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلى بولۇپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى سىجىل ئاشتى. ئايروپورتنىڭ P2 ئالتە قەۋەتلىك يولۇچىلار تور تاكسىغا چىقىش رايونىنى سىستېمىلىق ئەلالاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، «قاتتىق دېتال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش + ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت قوش چاقلىق قوزغىتىش ئارقىلىق، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش تەسىراتى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىكى P2 ئالتە قەۋەتلىك يولۇچىلار تور تاكسىغا چىقىش رايونىدا يول ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولماسلىق، كۆرسەتمە بەلگىسى ئېنىق بولماسلىق، يول باشلاش ئورۇن بەلگىلىشى توغرا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تور تاكسىلارنىڭ راۋان توشۇش ئۈنۈمىنى چەكلەپ قويۇپ، تور تاكسىلارنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە توشۇش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى قىيىن بولغان.
ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى مەسىلىگە يۈزلىنىپ، ئەسلىدىكى قالدۇق كۆرسەتمە چىراغلىرىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، قايتىدىن مۇستەقىل يولۇچى توشۇش يولىدىن يەتتىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى، يەككە يولدا 20گە يېقىن تور تاكسى ساقلاپ تۇرالايدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاش ۋە يول يۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرسىتىش بەلگە تاختىسى ۋە چىراغ ساندۇقى ئارقىلىق يېتەكلەش قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاۋىياتسىيە بىناسىدىن يولۇچىلار رايونىغا بارىدىغان مۇكەممەل يېتەكلەش زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلدى، يولۇچىلار ئېنىق كۆرسەتمىنى بويلاپ يولۇچىلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش رايونىغا بىۋاسىتە بارالايدىغان بولدى ھەمدە ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا چوڭ تىپتىكى يېتەكلەش تاختىسى ۋە يەر يۈزى يېتەكلەش بەلگىسى كۆپەيتىلىپ، يېتەكلەش ئۈنۈمى كۈچەيتىلدى.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تور تاكسىغا ئولتۇرۇش چىراغ ساندۇقى يېتەكلەش تاختىسى. سۈرەتنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى تەمىنلىگەن
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى يەنە گاۋدې، بەيدۇ، تېڭشۈندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سۇپا بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا چىقىش نۇقتىسىنىڭ نامى ۋە ئورنىنى ماس قەدەمدە يېڭىلاپ، شوپۇرلارنىڭ بىنا قەۋەتلىرى ۋە رايونلارنى خاتا تېپىپ قويۇشىدىن ساقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دائىملىق ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىپ، يول باشلاش ئۇچۇرىنىڭ ۋاقتىدا يېڭىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«تىيانشان تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






