تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇش-قوغداش دائىرىسى كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدا.» يېقىندا، شىنجاڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاڭ پېڭ قوغدىلىدىغان رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى تونۇشتۇرغاندا قىلغان بۇ سۆزى بۇ بىپايان جەزبدار مەنزىلنىڭ «نامى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالدىكى پەرق»نىڭ جۇغراپىيەلىك ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ بەردى.
ئاپتوموبىل چىمەن 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ يېنىدىن كېتىۋاتقان بولۇپ، يىراقتىكى كوئېنلۇن تاغ چوققىلىرى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنىدى (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).
2013-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش»تە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون شەرقىي كوئېنلۇن تېغى ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىكى قۇمكۆل چوڭ تىپتىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئويمانلىققا جايلاشقان. ئەينى يىللاردا «ئالتۇنتاغ قوغدىلىدىغان رايونى» دەپ نام بېرىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ رايون ئالتۇنتاغنىڭ جۇغراپىيەلىك توسۇقىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي رايون ئايرىمىسىدا «ئالتۇنتاغ تاغلىق رايونى» دەپ ئايرىلغان.
ھالبۇكى، نەق مەيداننى ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى: قوغدىلىدىغان رايون ئالتۇنتاغ تاغ سىستېمىسىدا بولمايلا قالماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئالتۇنتاغ تىزمىسى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى يوق دېيەرلىك ئىدى. قوغدىلىدىغان رايوننىڭ شىمالىي تەرىپى چىمەنتاغ بىلەن چېگرالىنىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى تەسىراتى ئالتۇنتاغقا يېقىن كېلىدۇ، گېئولوگىيەلىك ئايرىمىدا كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىدىكى تارماق تاغ تىزمىسىغا تەۋە. چىمەنتاغنىڭ شىمالى ئالتۇنتاغ تىزمىسى بولۇپ، بۇ ئىككى تاغ تەبىئىي جىلغا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
چاقىلىق ناھىيەسىدىن چىمەنتاغ يېزىسىغا بارىدىغان تاشيول سېرىق قۇم بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يولنىڭ سول تەرىپى ئالتۇنتاغ تاغ تىزمىسى، جەنۇب تەرىپى كوئېنلۇن تېغىنىڭ تارماق تىزمىسى بولغان چىمەنتاغ، ئىككى تاغ ئارىسىدىكى شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شامالغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).
كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قوغدىلىدىغان رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئاساسىي گەۋدىسى شەرقىي كوئېنلۇن تېغىنىڭ قۇمكۆل ئويمانلىقىغا جايلاشقان. قوغداش رايونى 1983-يىلى تەسىس قىلىنىپ، نامى ھازىرغىچە قوللىنىلغاچقا، ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك قىممىتىگە تايىنىپ خەلقئارادىكى بەزى نوپۇزلۇق لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن، نامى سىرتقا قارىتا ئاللىقاچان ئورتاق قوللىنىلغاچقا، ئۆزگەرتىش قولايسىز.
بۇ «نامى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالدىكى پەرق»نىڭ ئارقىسىدا، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇشتەك مۇستەھكەم ئورنى بار. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 45 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ «دۇنيادىكى پاكىز تۇپراق»تا، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغدىغۇچىلار ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ باغرىدا شىزاڭ بۆكىنى، ياۋا قوتاز قاتارلىق ئەتىۋارلىق تۈرلەرنىڭ ماكانىنى ئۈن-تىنسىز قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ تەسىرلىك سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.
چاقىلىق ناھىيەسىدىن چىمەنتاغ يېزىسىغا بارىدىغان تاشيول لىنىيەسى بويىدا تارتىلغان شامال ئېلېكتىر مەيدانىدا يىراقتىكى ئالتۇنتاغ تاغ تىزمىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).






