8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتا سەيلە قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاق تومۇز ئىسسىقنى كۈتۈۋالدى، كۈندۈزى ھاۋا قۇرغاق ئىسسىق، كېچىسى سالقىن بولۇپ، ئۆزگىچە كىلىمات ئالاھىدىلىكى يايلاقنىڭ ئۆزگىچە ئاۋات مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. گەرچە كۈندۈزى بەدەن سېزىمى ئىسسىق ھېس قىلسىمۇ، ناراتنىڭ ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغ يايلىقى مەنزىرىسى يەنىلا ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، مەنزىرە رايونىنىڭ يازلىق تەتىللىك ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، تومۇز يازدىكى يايلاقنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتا سەيلە قىلماقتا.
تومۇز كۈنلىرىدىكى بوشلۇقتىكى يايلاق يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، چەكسىز كەتكەن چىملىقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنىدى، قارلىق تاغ، شەمشاد ۋە ياپيېشىل يايلاق بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، مەنزىرىسىنىڭ قاتلاملىرى مول، كەڭ، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىدى. تاغ ئارىسىدىكى ياۋا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، قوي-كالىلار يايلاقتا بەخىرامان ئوتلاپ يۈرەتتى، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلار تاغ ئارىسىدا يايلاقنىڭ جانلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مەنزىرە رايونىنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەر يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي ساياھەتكە چىقىشنى تاللاپ، كۈندۈزدىكى قۇرغاق ئىسسىق ۋاقىتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سالقىن سەھەر ۋە كەچقۇرۇندىن پايدىلىنىپ داكا قىلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىپ، يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن ئۇچراشتى.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ساياھەتچىلەرنىڭ راھەت، بىخەتەر ساياھەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ئەلالاشتۇرۇپ، باغچە رايونىنى چارلاش، مۇھىت تازىلىقى ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەش، تارقاقلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىدى. يايلاقتا سەيلە قىلىش، مەنزىرە تاماشا قىلىپ داكا قىلىش، ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى يەنىلا جانلاندى، ساياھەتچىلەر يېشىللىققا پۈركەنگەن يايلاق مەنزىرىسىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ياز كۈنلىرىدىكى ئۆزگىچە تاغ-دالا خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتىكى تاغ باغرىنى ئايلىنىدىغان يولدا تەرتىپلىك يۈرمەكتە.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتا سەيلە قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقتا سەيلە قىلماقتا.






