تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدىكى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقلىرى يازلىق تەتىلدىكى ئالقىشلىق «داكا قىلىدىغان جاي»غا ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، تومۇز ئىسسىق داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ شىنخۇا كىتابخانىلىرى، كۇتۇپخانىلار ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى، ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرگە كېلىپ خاتىرجەم كىتاب ئوقۇپ، كىتاب تاللاپ سېتىۋېلىپ، كىتاب ھىدى ئارىسىدا يازلىق تەتىلنى سالقىن، مەنىلىك ئۆتكۈزدى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسىدا كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كىتابخانىدا، خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلچەملىك يېزىشقا يېتەكلىمەكتە.

كىچىك دوستلار شياۋخې يۈشۇيۈەندە (小荷·渔书苑) بالىلار ئوقۇشلۇقىنى ئوقۇماقتا.

نىڭ زىمىڭ فوتوسى

  تومۇزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا، سىرتتىكى ئىسسىققا چىدىغىلى بولمايتتى، جىمجىت، سالقىن كىتابخانا، كۇتۇپخانىلار ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سالقىندىغاچ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سورۇنىغا ئايلاندى. نۇرغۇن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇشۇپ كېلىشتى، بەزىلىرى ئەدەبىيات تۈرىدىكى رەسىملىك كىتابلارنى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى تاللاپ ئوقۇدى؛ بەزىلىرى ياخشى سۆز، ياخشى جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ، يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلىدى؛ يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئاتا-ئانىلار، بالىلار كىتابلىرىنى ئوقۇپ، چۆكۈش شەكلىدە كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. كىتاب جازىلىرى ئارىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، كۆپچىلىك كىتاب بەتلىرىگە چۆكۈپ، كەيپىيات شۇ قەدەر جىمجىت ۋە قىزغىن ئىدى.

  شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، يازلىق تەتىلدىن بۇيان، كىتابخانىدا ئادەملەر ئېقىمى داۋاملىق كۆپەيدى. كىتابخانا مەخسۇس ياش-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش توپلاملىرى، قىزىل كىلاسسىك كىتاب قاتارلىق كىتابلارنى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىتاب ئوقۇش ئورنىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە ئوقۇش، ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.