8-ئاينىڭ 4-كۈنى
«ۋېيشىنپەي» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
ماقالە ئېلان قىلىپ
ۋېيشنغا دوست قىلىپ قوشمىغان ھالەتتە
ۋېيشىننى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ھەمبەھىرلىدى
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى
ۋاقتىنچە سۈرەت\ھۆججەت يوللاش
پەقەت ۋاقتىنچە بىر نەچچە پارچە سۈرەت ياكى ھۆججەت يوللامسىز؟ قارشى تەرەپنى ۋېيشىنغا دوست قىلىپ قوشۇشىڭىز ھاجەتسىز.
«ساۋما قىلىش-مېنىڭ ئىككىلىك كودىم -يۈزتۇرا سۈرەت ۋە ھۆججەت قوبۇل قىلىش» قاتارلىقلارنى تەرتىپ بويىچە چېكىپ، بىۋاستە ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىش ئارقىلىق، سۈرەت ياكى ھۆججەتلەرنى يوللىيالايسىز، دوست قىلىپ قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئېقىم مىقدارىمۇ سەرپ بولمايدۇ.

1

2

ۋاقتىنچە پۇل يۆتكەش
بەزىدە دوستلارنىڭ نەق مەيداندا بولۇشى ناتايىن، لېكىن پۇلنى نەق مەيداندا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
ئادەم يېنىڭىزدىمۇ؟ ئۇنداقتا «ساۋما قىلىش-مېنىڭ ئىككىلىك كودىم-يۈزتۇرا قىزىل بولاق ئېلىش» قاتارلىقلارنى تەرتىپ بويىچە چېكىڭ. ساۋما قىلىش، ھېساباتقا كىرىش ئىشلىرى ئېنىق بولىدۇ.

ئادەم يېنىڭىزدا ئەمەسما؟ ئۇنداقتا «ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى <+> ئىچىدىكى پۇل تاپشۇرۇۋېلىش»نى چېكىپ، «بانكا كارتىسى ياكى يان تېلېفون نومۇرىغا پۇل يۆتكەش»نى تاللايمىز. بۇنداق بولغاندا، ۋېيشىندا دوست قىلىپ قوشۇش ھالقىسى قىسقىرايدۇ.

5


7

ۋاقىتلىق باش قوشۇش
ۋاقىتلىق ئالاقە توپى قۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، بىر-بىرلەپ دوست قىلىپ قوشۇپ ئاندىن توپقا تارتىش ھاجەتسىز.
«ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى <+> ئىچىدىكى دوست قىلىپ قوشۇش-يۈزتۇرا توپ قۇرۇش»نى چېكىپ، تۆت خانىلىق مەخپىي نومۇرنى بېكىتىپ، نەق مەيداندا جەم بولغىلى بولىدۇ. پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىشكە بولىدۇ، ئالاقىلىشىش خاتىرىسى يەنىلا پاكىز بولىدۇ.

9

ۋېيشىن ئىشلەتكەندە
چوقۇم ۋېيشىنغا دوست قىلىپ قوشۇش ھاجەتسىز
مەنبەسى: ۋېيشىنپەي ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






