تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا مۈشۈكئېيىق «باۋيۈەن»نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئەرمەك ھايۋاننىڭ سەيلە قىلىشىنى كۆرۈش

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى  

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى. شادلىق دۇنياسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، باغچە رايونى ماس قەدەمدە ھەر كۈنلۈك ھايۋانات سەيلىسى ۋە مۈشۈكئېيىق «باۋيۈەن» باش تېمىلىق تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدىن ئىبارەت يازلىق تەتىللىك قوش ئالاھىدە پائالىيەتنى باشلىدى، پائالىيەت كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىش، ياز كۈنلىرىدىكى گۈزەل مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۈشۈكئېيىق «باۋيۈەن» تۇغۇلغان كۈن تامىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھەر كۈنى سائەت 14تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھايۋانات سەيلىسى دەل ۋاقتىدا باشلىنىدىكەن. ھەر تۈرلۈك ئوماق ھايۋان شەكلىدە ياسانغان خىزمەتچىلەر باغچە رايونىدىكى غول يولنى بويلاپ ئاستا ماڭىدىكەن، خىزمەتچى خادىملار كىچىك ھايۋانلارنى يېتىلەپ يول بويى شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەيپىيات تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىكەن. 

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ھايۋانات سەيلىسى نەق مەيدانى.

  8-ئاينىڭ 4-كۈنى «باۋيۈەن»نىڭ تۇغۇلغان كۈنى، باغچە رايونى مەخسۇس تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى. باقمىچىلار يېڭى بامبۇك نوتىسى، مېۋە، كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ تۇغۇلغان كۈن تورتى ياسىدى، «باۋيۈەن» مەززىلىك يېمەكلىكلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ئوماق ئىدى. 

  ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە مۈشۈكئېيىقنىڭ تۇغۇلغان كۈن ھەپتىلىكى بولۇپ، ھەر كۈنى باغچىغا كىرگەن ئالدىنقى 400 ساياھەتچى چەكلىك تورتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، داكا قىلىپ، سۈرەتكە چۈشسە يەنە تۇغۇلغان كۈن مەدەنىيەت ئىجادىيەت سوۋغىتى ئالالايدىكەن.

 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسىدا مۈشۈكئېيىقنى تاماشا قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ساياھەتچىلەرگە چەكلىك تورت تەييارلىدى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسى . شادلىق دۇنياسى مۈشۈكئېيىق تۇغۇلغان كۈن ھەپتىلىكىدە سۆز قالدۇرۇش تاختىسىغا تەبرىك سۆزى يازماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.