تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈنلەردە يۈرەك كېسەللىكلىرى كۆرۈلۈش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بۇ تۆت ئىشنى قىلماسلىق كېرەك! بولۇپمۇ ياشانغانلار

   ھازىر، دەل تومۇزنىڭ ئىككىنچى ئون كۈنى، كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى 7-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، يۇقىرى نەم ھاۋارايى مەزگىلىدە، ياشانغانلاردىكى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى جىددىي كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن يىل سەل قاراشقا بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر مەزگىلىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈنلەردە ياشانغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟  يەنە قانداق قىلغاندا ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ بىرلىكتە چۈشىنىۋالايلى 

يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىكتە

ياشانغانلاردىكى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر جىددىي كېسەللىكلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى تېمپېراتۇرا بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى بولسا، ئىسسىقلىق تارقىتىش توسالغۇغا ئۇچراپ، يۈرەك رىتىمى سىجىل تېزلىشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئۇزاق مۇددەت ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ياشانغانلارنىڭ قان تومۇرلارنى تەڭشەش ئىقتىدارى چېكىنىپ، قان بېسىمىدا ئاسانلا قاتتىق داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، سەكتە بولۇش خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.

  يەنە بىر خىل ئەھۋال سۇسىزلىنىش بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ قېنى يېپىشقاق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالدا، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپ-خەتىرىمۇ ئاشىدۇ.

كۆكرەك ئاغرىمىسىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ

يوشۇرۇن يۈرەك تىقىلمىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ياشانغانلار ھەمدە دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى يوشۇرۇن خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كۆرۈلۈشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ خىل يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى «ئاغرىقسىز يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى» ياكى «جىمجىت خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، روشەن، تىپىك دەرىجىدىكى قاتتىق كۆكرەك ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى يېنىك ياكى پۈتۈنلەي كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ.

  ئۇنىڭ ئىپادىسى پەقەت ماغدۇرسىزلىنىش، مەيدىسى چىڭقىلىش، ئاشقازان بىئارامسىزلىنىش، مۈرە-دۈمبە تېلىپ چىڭقىلىش، چىش ئاغرىش، ھەتتا نەپەس ئالالماي قېلىش، سوغۇق تەرلەش بولۇشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولمىغاچقا ھەم يېنىك بولغاچقا، ئاسانلا سەل قارىلىپ، كۆپ ھاللاردا داۋالىنىش كېچىكتۈرۈلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ، خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى.

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا

بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك

  ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئۇدۇل ئولتۇرۇپ سالقىنداش

  ئىسسىق تاشقى مۇھىتتىن ئۆي ئىچىگە كىرىپ ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئۇدۇل ئولتۇرۇپ سالقىندىغاندا، گەرچە بەدەن راھەت ھېس قىلسىمۇ، لېكىن قان تومۇر ۋە يۈرەك زىيادە چوڭ تېمپېراتۇرا پەرقىگە ماسلىشالمايدۇ، ئاسانلا تۇيۇقسىز كېسەللىك قوزغىلىدۇ.

  سۇنى بەك تېز ھەم كۆپ ئىچمەك

  يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا سۇ كەمچىل بولىدۇ، سۇنى بەك تېز ھەم كۆپ ئىچىۋالغاندا، يۈرەك، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يەنە قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يازدا نۇرغۇن كىشى مۇزدەك ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەگەر سوغۇق ئىچىملىكنى بەك تېز ھەم كۆپ ئىچىۋالغاندا، ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، ئاسانلا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر تاسادىپىيلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا قاتتىق ھەرىكەت قىلىش

  يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندا، يۈرەك تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ يېتەرلىك قان بېسىمى ۋە قان ئايلىنىشنى ساقلايدۇ، بۇ ئېنىقكى يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلاردا يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قاتارلىق ئېغىر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تېخىمۇ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار توپى تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، سىرتتا زىيادە ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. سەھەر، كەچقۇرۇن ياكى ھاۋا سالقىن ۋاقىتتا، ھەرىكەت مىقدارى نىسبەتەن ئاز بولغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بادۇەنجىن، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلار.

  تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش 

  تېمپېراتۇرا يۇقىرى چاغدا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئۆرلەيدۇ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان سوغۇق غىدىقلاش ئەتراپ قان تومۇرلارنى تارايتىپلا قالماي، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا تاجسىمان ئارتېرىيە ئېغىر دەرىجىدە تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داغ پارچىلىرى يېرىلىپ قان نۆكچىسى ھاسىل قىلىپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. كۆپچىلىككە ئالدى بىلەن بەدىنىدىكى تەرنى سۈرتىۋېتىپ، 15-10 مىنۇت ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈنلەردە قانداق قىلغاندا ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟

بۇ بىرقانچە ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك

  ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى، نەملىكىنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك

  ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاندا، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، ياشانغانلار ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچتە سالقىندىغاندا پەلەمپەيسىمان تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى 26 سېلسىيە گىرادۇستىن 28 سېلسىيە گىرادۇسقىچە قىلىپ تەڭشىشى، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنى 6 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشى، سوغۇق شامالنىڭ بويۇن، بوغۇملارغا بىۋاسىتە ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك؛

سىرتتىن ئۆيگە قايتقاندا دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا تەڭشىمەسلىك، ئاۋۋال ھاۋا ئالماشتۇرۇپ بىردەم تىنچ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن قېتىمغا بۆلۈپ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش كېرەك؛

كېچە ۋە سەھەر ۋاقتىدا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ؛

ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكى مۇۋاپىق بولمىغاندا، نەملىكنى يوقىتىش ياكى نەملىكنى ئاشۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق نەملىك دەرىجىسىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

 سىرتتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۇرۇشنى ئازايتىش

  سىرتقا چىقىشنى ئازايتىش. سىرتتىكى جىسمانىي ھەرىكەت ۋە دالا ھەرىكىتىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك؛ ئەگەر سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەزگىلدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. سىرتقا چىققاندا يېنىك، ئازادە، سۇس رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش ھەمدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

  سالقىن جايدا ھەرىكەت قىلىش. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىت ۋە قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش. سالقىن جايدا ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

  جىسمانىي كۈچ سەرپىياتىنى ئازايتىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىدا سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، كۈچلۈك ھەرىكەتنى ئازايتىش ھەمدە ۋاقتىدا ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، زىيادە جىسمانىي كۈچ سەرپىياتىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش

  ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى تەييارلاش كېرەك. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى مۇۋاپىق ساقلاش، بىئارام بولغاندا ئىچىش (دورا چۈشەندۈرۈشىنى ئاساس قىلىش كېرەك)؛ ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك، ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار ياكى ئۇزاق مۇددەت كۆپ خىل دورا ئىچكەن بولسا، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

  يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ۋاقتىدا سۇ ئىچىش ھەم ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش؛ تەركىبىدە ئىسپىرت، كوففېئىن ھەمدە كۆپ مىقداردىكى قەنت تەركىبى بار ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش؛ ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش، يېمەك-ئىچمەك ياغسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولۇش كېرەك.

  بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولغاندا سوغۇق سۇ، مۇز خالتىسى قاتارلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ، تېرە ياكى بويۇننىڭ كەينىنى فىزىكىلىق تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ، شارائىت يار بەرگەندە يۇيۇنۇش، سالقىنداش كېرەك.

  «央视一套» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.