تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭدا ياسالغان» دورىلار قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سۈپىتى ئارقىلىق دۆلەت دەرىجىلىك نوپۇزلۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ تېفېڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىم تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارماقتا.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىم تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

   يېقىندا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان يەرلىك دورا كارخانىسى شىنجاڭ تېفېڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان دىچۈ يۈنتۇڭ تابلېتى مۇقىم سۈپەت، پىشقان دورا ياساش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە سىجىل، مۇقىم مال بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي باھالاشتا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، نوپۇزلۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، رايون دورا ياساش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىپ دورا ئىشلەپچىقارماقتا.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىم پەن تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

   بۇ قېتىمقى باھالاشتا كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى، ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى كونترول قىلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كۆپ ئۆلچەملىك قاتتىق باھالاش چۆرىدىلىپ، بۇ دورىنىڭ كىلىنىكىلىق بىخەتەرلىكلىكى ۋە دورا ئۈنۈمىنىڭ مۇقىملىقى تولۇق ئېتىراپ قىلىندى. تېفېڭ دورىگەرلىكى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان يەرلىك دورا ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللار، بالىلار ساغلاملىقى ئۈستىدە سىجىل چوڭقۇر ئىزدىنىپ، دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شىنجاڭدا ياسالغان» تېببىي دورا داڭلىق ماركىسىنى چاقنىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىيو تېببىي دورا كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.