ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى ئېيىدا (7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە) جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى 9600 قېتىمدىن، توشۇلغان يولۇچى 1 مىليون 630 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان.
يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش باشلانغاندىن بۇيان، «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 7-ئايدا شىنجاڭغا كېلىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى سىجىل ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىئەن، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلار شىنجاڭغا كېلىدىغان ئاساسلىق ساياھەتچىلەر مەنبەسى بولغان جايلارغا ئايلاندى، ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچى-ئورۇن نىسبىتى %88تىن ئاشتى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى نىسبىتىنى زورايتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچىدىن تەييۈەن، چىڭداۋ، نەنتۇڭ، نەنچاڭ قاتارلىق ئاۋات جايلارغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئاچتى، 7-ئايدا ئۈرۈمچىدىن جېڭجوۋ، تەييۈەن، جىنەن قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچى-ئورۇن نىسبىتى %90تىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى قىزىق نۇقتا ساياھەت مەنزىلگاھلىرىغا قارىتىلغان توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتتى، يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى ئېيىدا قەشقەردىن بېيجىڭ، چېڭدۇ، شاڭخەي قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ۋە غۇلجىدىن جېڭجوۋ، چېڭدۇغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى يولۇچى-ئورۇن نىسبىتى %90تىن ئاشتى، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىقلارغا بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى ئوتتۇرىچە يولۇچى-ئورۇن نىسبىتى %85كە يەتتى.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچماقتا.
شى ۋېي فوتوسى
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنىڭ پايدىسى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ كۈنسېرى زىچلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، 7-ئايدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىن توشۇغان خەلقئارا ۋە رايونلاردىكى ساياھەتچىلەر 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21تىن كۆپرەك ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن تاشكەنت، تىبىلىس، باكۇ، موسكۋا قاتارلىق خەلقئارادىكى ئاۋات ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە بېرىپ-كېلىشتىكى يولۇچى-ئورۇن نىسبىتى بىردەك %80تىن ئاشتى؛ پۈتۈنلەي يېڭىدىن قاتناش باشلانغان ئۈرۈمچى-يەنتەي-سېئۇل ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە بېرىپ-كېلىشتىكى يولۇچى-ئورۇن نىسبىتى %90تىن ئاشتى.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى دىققەتنى سەپەرگە چىقىشتىكى يادرولۇق كۆرۈنۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يازلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، ئىللىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىنچىكە مۇلازىمەت ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى ئاشۇرۇپ، چوڭلار ھەمراھ بولمىغان بالىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى سىجىل قويۇپ بېرىلگەن. شىنجاڭدىن يولغا چىقىشقا زاكاز قىلىنغان ئورۇن مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22تىن كۆپرەك ئاشقان، ئۈرۈمچىدىن جېڭجوۋ، شىئەن، يىۋۇ قاتارلىق دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە زاكاز قىلىنغان ئورۇن مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %110تىن كۆپرەك ئاشقان؛ ئۈرۈمچىدىن ئىستانبول، بېشكەك قاتارلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە زاكاز قىلىنغان ئورۇن مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150تىن كۆپرەك ئاشقان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






