□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، فېڭ جياشۇن
100 نەچچە يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىمىز».
يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدىكى «14تە چىڭ تۇرۇش»تا، «پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش» باش ئورۇنغا قويۇلغان.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈشنى بايرىقى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى.
پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەۋەلىك بويىچە ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مۇھىم ساھەلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىندى؛
يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش، سىياسىي نازارەتچىلىك، سىياسىي كۆزىتىش قاتارلىق تۈزۈملەر كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى؛
تەشكىلىي سىستېما ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ مەركەزدىكى تەشكىلاتلىرى، يەرلىكتىكى تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان پۇختا سىستېما شەكىللەندۈرۈلدى...
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتى، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قەيسەر ئىرادە - پەزىلەت بىلەن پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ - خەتەر، سىناق ۋە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق كۈرەش تارىخىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئىشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن باشلاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن مىخ قېقىش روھى بىلەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىتىشكىچە، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى تۈگىتىشتىن ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشكىچە، ئىللەتلەر بىر - بىرلەپ تۈزىتىلدى، مەسىلىلەردە بىر - بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، يىلمۇيىل چىڭ تۇرۇلدى. يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق، ئۇزاقتىن بۇيان تىزگىنلەنمىگەن بەزى ناتوغرا ئىستىللار تىزگىنلەندى، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىتىلمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەر تۈزىتىلدى، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل قاتتىق بولۇش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇش كەيپىياتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، جەمئىيەت ئىستىلى ۋە خەلق ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى يېڭىدىن يۈكسەلدى.
ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرغاندىلا جاھاننى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشى، باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇشى، ئۆزى جەزمەن باشتىن - ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدىن پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، يەنە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلى پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى «سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاش، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىش» «ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش»كە تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.
يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتقاندا، جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك يېتىپ بارالايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)






