تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

«شىنجاڭ كۆمۈرى» 19 ئۆلكىگە يەتكۈزۈلدى

مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، 100 مىليون توننا دەرىجىلىك بازا كۈچ ئۇلاپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

«شىنجاڭ كۆمۈرى» 19 ئۆلكىگە يەتكۈزۈلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

كۆمۈر دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول»ى، مۆلچەردىكى كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40.6ىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك قوزغاتتى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ بازارنى كېڭەيتىش، ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، جەمئىي 259 مىليون 535 مىڭ توننا ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقاردى، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

مۇسابىقە يولى ئىنچىكە ئايرىلىپ، «كۆمۈر»دىن كۆپ خىل ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بەيشىخۇ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا ئالدىراشلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى نامايان بولدى، 1000غا يېقىن شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى كۆمۈر، داشقاللارنى تەرتىپلىك توشۇۋاتاتتى.

«ھازىر دەل يازدىكى ئېنېرگىيە يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، دىققەتنى توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بەيشىخۇ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى تولۇق نورمىدا ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، كۈندىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 - پەسىلدىكىدىن 40 - 30 مىڭ توننا كۆپ بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جيې.

قومۇلنىڭ مۆلچەردىكى كۆمۈر بايلىقى مىقدارى 570 مىليارد 800 مىليون توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەككىزدىن بىرىنى، شىنجاڭنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر 14 مىليون توننىدىن ئېشىپ، سېتىلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قومۇل سەنتاڭخۇ ئېنېرگىيە ئېچىش قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بازار ئۆزگىرىشىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى خېرىدارلارنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا ماسلىشىشچانلىقى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى.

كارخانا «ئادەم كۈچى بىلەن نەق مەيداندا ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش + ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۈسكۈنىلەر بىلەن تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش + تەييار كۆمۈرنى قايتا تەكشۈرۈش، قايتا بېكىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن سۈپەت تەكشۈرۈش ھەمتۈرتكە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سۈپەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، قېزىش، ئايرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغىچە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، كۆمۈرنىڭ كۈل تەركىبى كۆرسەتكۈچى تەكشى، مۇقىم، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتنى ساقلاپ، كۆمۈر سۈپىتىنى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. كارخانىلار ئېھتىياجغا ئاساسەن زاكاز بويىچە ئوخشاش بولمىغان ئىسسىقلىق قىممىتى، ئوخشاش بولمىغان دانچە ئۆلچىمىدىكى ئۇۋاق كۆمۈر تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، «5200 كالورىيەلىك كۆمۈر ئارقىلىق ئاساسنى مۇقىملاشتۇرۇش، 5000 كالورىيەلىك كۆمۈر ئارقىلىق كۆلەمنى كېڭەيتىش، 5500 كالورىيەلىك كۆمۈر ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، 5350 كالورىيەلىك كۆمۈر ئارقىلىق دەرىجىنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنىڭ تۈر جەھەتتە كۆپ خىللىشىشى، پەرقلىق تەمىنلەشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

«مەھسۇلات قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خېرىدارلارنى قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپلا قالماي، كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا ماسلىشىش سەۋىيەسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، كارخانىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت ئۈنۈمى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى» دېدى شىنجاڭ قومۇل سەنتاڭخۇ ئېنېرگىيە ئېچىش قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ يى.

تاشقى بازارنى پائال ئاچتى. بۇ يىل جۇڭمېي گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن ئىككى خىل كۆمۈر تۈرىنى كۆپەيتتى: بىر خىلى بىر - ئۈچ سانتىمېتىرلىق دانچە كۆمۈر بولۇپ، دانچىلىرى تەكشى، كۆيگەندىكى ھاۋا ئۆتۈشچانلىقى ياخشى، تولۇق، مۇقىم كۆيىدۇ، ئاساسلىقى ئاشلىق قۇرۇتۇش مۇنارى، ئايلانما ئاقما ئوقۇرلۇق پار قازان ۋە كىچىك تىپتىكى سانائەت پار قازانلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەمىنلىنىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ يەنە بىر خىلى كىچىك پارچە كۆمۈر بولۇپ، پارچە شەكلى ئۆلچەملىك، زەنجىرلىك پار قازان، ئاھالىلەرنى پار بىلەن تەمىنلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، كۆيۈش مۇقىمچانلىقى كۈچلۈك، بازار ئېھتىياجى يۇقىرى.

«قارا ئالتۇن» ئۆركەشلەپ، تاغ - دەريالاردىن ھالقىدى

بۇلتۇردىن بۇيان، كۆمۈر بازىرىدىكى تۆۋەنلەش بېسىمىغا قارىتا، قومۇل شەھىرى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىش خىزمىتى مەخسۇس بەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، قىسقا مۇددەتلىك «كۆمۈرنى كۆپ سېتىش، زاپاسنى تۈگىتىش، مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇش» باسقۇچلۇق ۋەزىپىسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك «داڭلىق ماركا يارىتىش، بازارنى كېڭەيتىش، ئۈلۈشنى ئاشۇرۇش» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى، توشۇش ھالقىسى، سېتىش ھالقىسى، بازار ھالقىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى.

قومۇل شەھىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، بازارنى كېڭەيتىپ، 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە كۆمۈر ئىشلىتىشتىكى ئاخىرقى ئۇچ بولغان ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، گەنسۇ - نىڭشيا - ئىچكى موڭغۇل، سىچۇەن - چۇڭچىڭ - يۈننەن قاتارلىق كۆمۈرنى سىرتقا توشۇش ھەمكارلىقىدىكى 12 «ئالتۇن يول»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، بازار رىقابەت كۈچى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسىدە، قومۇل شەھىرى كۆمۈر كەسپى تەرەققىيات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن يولنى ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى 12 ئالتۇن يولنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قومۇل شەھىرىدىن سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.2 ئېشىپ، سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %49.1ىنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بازىرىنى ئېچىشقا سىجىل ئەجىر سىڭدۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇ يىل، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ كۆمۈرىنى شەندۇڭغا يەتكۈزۈش، شىنجاڭ كۆمۈرىنى ئەنخۇيگە يەتكۈزۈش قاتارلىق توشۇش لىنىيەلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشۇردى.

«ئىلگىرى <شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش>تىكى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى ئېلېكتىر كۆمۈر بازىرى ئىدى، بۇ يىل خىمىيە سانائىتى كۆمۈر بازىرى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، خىمىيە سانائىتى كۆمۈرىنىڭ شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %34.5كە يەتتى» دېدى شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فەن بىڭ.

رايون بازىرى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش، كەسىپ رىقابىتى كەسكىنلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل خىرىس ئالدىدا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى «بىر كانغا بىر تەدبىر قوللىنىش» ماركېتىڭ تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خېرىداردىن 16نى يېڭىدىن كۆپەيتتى. 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنىگىچە، كۆمۈرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىلىش مىقدارى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى 140 − 150 مىڭ توننىدىن قايتا ئۆرلەپ 230 − 240 مىڭ توننىغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «خېيشەن يوۋخۇن» ماركىلىق كۆمۈرنىڭ سېتىلىش مىقدارى جەمئىي 5 مىليون 568 مىڭ 900 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.72 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بازار ماركېتىڭىغا سىجىل ئەجىر سىڭدۈرۈلۈپ، يادرولۇق خېرىدارلار توپى مۇستەھكەملەندى. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە زاكازلاشقان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باھادا رىقابەتلىك سودىغا تايىنىپ مەھسۇلات باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئۈچ ھالقا» تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتۈن زەنجىر جانلاندى

مەۋقە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇلدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قوزغاتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا شەرقىي جۇڭغار، قومۇلدىن ئىبارەت 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى، يەككە قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يەتتى، چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان كان قۇدۇقلىرى توپىنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر تەمىناتىدىكى مۇھىم داۋاملاشما بازا بولۇپ قالدى.

كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كاندىن 63ى قۇرۇلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %97تىن يۇقىرى بولۇپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى.

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باركۆل ناھىيەسىنىڭ سەنتاڭخۇ كان رايونىغا جايلاشقان شىتوۋمېي 2 - نومۇرلۇق كۆمۈر كانىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. شىتوۋمېي 2 - نومۇرلۇق كۆمۈر كانى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلۇش باشلانغان ئالاھىدە چوڭ كۆمۈر كان بولۇپ، يىلىغا 8 مىليون توننا ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، 2029 - يىلى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش پىلانلانغان.

«شىتوۋمېي 2 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى بىلەن ماس قەدەمدە يۈرۈشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچىدە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياجنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتە ماس تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ» دېدى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ خۇڭشيا.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ئاساسىي ئوق، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنى شىمالىي قانات، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنى جەنۇبىي قانات قىلغان «بىر ئوق، ئىككى قانات، كۆپ خىل تۇتىشىش»تىن ئىبارەت تۆمۈريول لىنىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

دۆلىتىمىزنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى قۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئەلالاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يۈك توشۇش ئىقتىدارى 200 مىليون توننىغا يېتىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى مۇھىم ئالتۇن يولغا ئايلىنىدۇ.

2026 - يىللىق ياز پەسىللىك مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا يەرمەنكىسىدە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر سېتىۋېلىش، تۆمۈريول، پورت كارخانىلىرى شىنجاڭغا جەم بولۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق كۆمۈر سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ قېتىمقى كۆمۈر سودا يەرمەنكىسىنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت زاكازلا بولۇپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بازارنىڭ «شىنجاڭ كۆمۈرى»گە بولغان ئىشەنچى بولدى.

«15 - بەش يىل»نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ دەل جايىدا تەمىنلەش، قولايلىق يول، جانلىق ماركېتىڭ ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»نىڭ پۇختا ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.