تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز 2026 - يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە 2026 - يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشىدىكى روشەن ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق. بىز جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۇق. تېررورىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ساھەسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىمىز. ھەرقايسى مېھمانلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە دائىر تېخىمۇ كۆپ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورىزمنى ئورتاق توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى جەي جۈن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۆسۇڭ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى خەلقئارادا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قانۇنچىللاشقان ئەمەلىيەت ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەر توپلاندى. خەلقئارادا تېررورىزمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى سىجىل قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغدايدۇ.

سېربىيە ئىسلام ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رەئىسى دۇدىچ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق تەھدىت. بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئائىلە ۋە دىنىي مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ گاڭ، پەن شى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.