تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆزىتىشنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن شياۋجياڭ 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

كۆزىتىشنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، كۆزىتىشنىڭ چۆچۈتۈش كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تيەن شياڭلى 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گاڭ 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارارنى ئوقۇدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق 9 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلىرى»نى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، شۇجىلىرىنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»ىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، تۈزىتىش مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش ھېسابات دەپتىرى ئورنىتىپ، ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، سۆھبەتكە چاقىرتىش، ئەسكەرتىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئەپلەپ - سەپلەپ تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىشكە قارىتا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىر مەسىلىنى تۈزىتىش، بىر يۈرۈش مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بىر ساھەنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشىدە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىسىدىن بەشى ۋە تەرەققىيات رايونىدىن تۆتىگە قارىتا كۆزىتىش بويىچە «قايتا تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرىدۇ.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە «قايتا تەكشۈرۈش» خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «سىياسىي جەھەتتە قايتا تەكشۈرۈش»نىڭ يادرولۇق ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن تەرەققىيات رايونىنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىرىنچى باشلىق»، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى بىلەن كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشى، ماس قەدەمدە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش بىلەن باشقا نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ، تۈزىتىشنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك ۋە 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى، كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.