تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كىرىمى، كەسىپ مىقدارى قوش ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى جەمئىي 4 مىليارد 150 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 307 مىليون 892 مىڭ پارچە ئورۇندىلىپ، كىرىم بىلەن كەسىپ مىقدارىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3، %21.6 ئاشقان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ پوچتا ساھەسىنىڭ كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 5 مىليارد 810 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان؛ ساھەنىڭ يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 554 مىليون 721 مىڭ پارچە ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان. تېز يەتكۈزۈش كەسپى يەنىلا ئېشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي قوشۇن بولۇپ، سودا ئوبوروتى، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى ۋە رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.

تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، شەھەر ئىچى تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 49 مىليون 241 مىڭ پارچە ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئېشىپ، خەلققە قولايلىق بولغان يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى سىجىل ئۆسكەن؛ باشقا جايغا تېز يەتكۈزۈشتە ئېھتىياج كۈچلۈك بولۇپ، كەسىپ مىقدارى 257 مىليون 567 مىڭ پارچىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.9 ئېشىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلىنىپ، رايون ھالقىغان سودا ئوبوروتى بارغانسېرى جانلانغان؛ خەلقئاراغا\ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 1 مىليون 84 مىڭ پارچە ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.2 ئېشىپ، چېگرا ھالقىغان يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تەدرىجىي ئۇرغۇتۇلغان.

يەككە ئاي بويىچە قارىغاندا، 6 - ئايدا، شىنجاڭ پوچتا ساھەسىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان، ساھە بويىچە كەسىپ كىرىمى 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان؛ يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 95 مىليون 404 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «618»، ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلى ۋە شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋە پەسلىنىڭ تۈرتكىسىدە، 6 - ئايدا تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 780 مىليون يۈەن، كەسىپ مىقدارى 3 مىليون 949 مىڭ پارچە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.3، %17.6 ئېشىپ، ئېشىش قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولغان.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پوچتا ساھەسى كۈچلۈك تەرەققىيات ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئىستېمال ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپلا قالماي، يەنە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، خاس مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقا سېتىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى يولى ھازىرلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.