—— شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئەن بېي، شيې شىياۋ، ۋاڭ يۈشياۋ، جاڭ شياۋجيې
2026 - يىلى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە قانداق تەرەققىيات جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلماقتا.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتقان، كەسكىنلىشىۋاتقان دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتى ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك تاشقى زەربە ۋە ئىچكى قىيىنچىلىقلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قۇۋۋەت يېڭى بولۇشقا يۈزلىنىش، قۇرۇلما ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى.
«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.
پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە دولقۇن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، يەلكەن چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا بېسىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ بىپايان دېڭىز تەۋەسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
«دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك»
بۇ يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت بارغانسېرى داۋالغۇش، ئەنسىزلىككە تولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى سىجىل تۈردە بېسىمغا بەرداشلىق بەردى. جۇڭگو ئىقتىسادى بوران - چاپقۇندىن قورقماي، جاسارەت بىلەن دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇستەھكەم ئالغا ئىلگىرىلەش، مۇقىم يۈكسىلىشتىن ئىبارەت باشلىنىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى:
«مۇقىم بولۇش»نىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختا بولدى − ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى 3 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ، يېقىنقى بەش يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارى؛ كارخانىلارنىڭ پايدىسى ئاشتى، مال باھاسى مۆتىدىل قايتا ئۆرلىدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، خەلقئارادىكى ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كۆپ خىل زەربىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى تەستە قولغا كەلگەن پۇختا تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.
«يېڭى بولۇش»نىڭ قۇۋۋىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى − سودا ئىشلىرى ئالەم قاتنىشى بويىچە كۆپ خىل تىپتىكى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، كىۋانت ئۇچۇرى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى، جۇڭگو كارخانىسى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوچۇق كود مودېلىنى ئېلان قىلدى، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىقتىساد، زامانىۋى مۇلازىمەت ۋەكىللىكىدىكى يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %40تىن ئاشتى.
«جانلىنىش» كەيپىياتى تېخىمۇ يارقىن بولدى − مۇلازىمەت ئىستېمالى، يېشىل ئىستېمال، يېڭىچە ئىستېمالدا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى يۈكسەك دەرىجىدە جانلاندى، جۇڭگودىكى بىر كۈنلۈك تېز يوللانما مىقدارى 550 مىليون پارچىدىن كۆپرەككە يېتىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار يوشۇرۇن كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى.
«يۇغۇرۇلۇش» قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى − جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، 63 دۆلەتكە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىمپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %22.1كە يېتىپ، ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى؛ «جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش» «جۇڭگودا مال سېتىۋېلىش» «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ھەمتۈرتكە بولۇپ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو دۇنيا بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى، قول تۇتۇشۇپ يىراققا يۈرۈش قىلدى.
7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېچىلغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىچكى - تاشقى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.»
تەستە قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
«جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىش» «جەزمەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش» «جەزمەن ھەم <قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش> ھەم <ياخشى باشقۇرۇش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش» «جەزمەن نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» «جەزمەن جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش».
2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش جەزمەن» ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان يېڭى تونۇش ۋە تەسىراتنى يىغىنچاقلاپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يېڭى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە بىر - بىرىگە ھۆسن قوشتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نۇقتىلىق ساھە، رايون، كەسىپلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «جياڭسۇ قاتارلىق ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى، تەجرىبە ھاسىل قىلىشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛
خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا: «ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش، ئامىل بايلىقىنى مۇۋاپىق توپلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق يېڭى رايوننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش» ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىدە ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى؛
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا: «تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛
...
چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سىستېمىلىق ئىگىلىدى؛ ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئاچتى، نېگىزنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارنى يۈرۈشتۈردى.
«ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاپ، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلان تۈزۈپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.»
1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشنىڭ ئاچقۇچىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئومۇملۇقنى كۆزلەش ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى.
«سۇ تورى، يېڭىچە ئېلېكتىر تورى، ھېسابلاش كۈچى تورى، يېڭى بىر ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تورى، شەھەر يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، ئەشيا ئوبوروتى تورى قاتارلىقلارنى پىلانلاش، قۇرۇشنى كۈچەيتىش» «ئەقلىي ئىقتىدار ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش»... يىغىندا بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچ ئۇرغۇتۇلدى.
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىش باشلاپ قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ تۇنجى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى − سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.
باشلىنىش يىلىدا، «ئالتە تور» قۇرۇلۇشى ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر - بىرىگە كۈچ قوشۇپ، 109 چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئېھتىياج ئۈنۈملۈك كېڭەيتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
بېكىتىلگەن نىشاننى چىڭ كۆزلىدى، داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.
تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەت يولغا قويۇلۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتى؛ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېڭىدىن 2 تىرىليون 70 مىليارد يۈەن مەخسۇس زايوم كۆپەيتىپ تارقىتىلىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتىگە دائىر ئۆسۈم نىسبىتى تەڭشەپ تۆۋەنلىتىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا قايتا بېرىلىدىغان قەرز پۇل ئايرىم تەسىس قىلىندى؛ بۇ يىل 800 مىليارد يۈەنلىك «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇش تۈرى تىزىملىكى ۋە 200 مىليارد يۈەنلىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش مەبلىغىنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلۈپ بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر زەربىدارلىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا تىرىشىپ، سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۈلگە كۆرسەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئالمىشىشى تېزلىتىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد ئاچقۇچلۇق تىرەككە ئايلاندى.
كەڭ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەمدىن يۇقىرى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30كە يېقىن ئاشتى. زور بىر تۈركۈم كارخانىلار ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا سىجىل قۇۋۋەت ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
داۋاملىق كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، ئىشەنچ ۋە غەيرەت تېخىمۇ پۇختا بولدى، تولۇپ تاشتى.
3 - ئايدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى. 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، 16 جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، 109 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىكى يول خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «يەرلىكنىڭ يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنىڭ روھى ۋە تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىت ۋە ئىشقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك».
پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ھەممىسى ئېلان قىلىندى؛ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «زامانىۋىلاشقان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاتارلىق مەخسۇس يىرىك پىلانلار ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىندى...
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈردى.
بۇ، ھازىرقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك يوشۇرۇن ئىقتىدارى.
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، تېخىمۇ مۇرەككەپ مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. دولقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، يول باشلىغۇچىنىڭ رولنى شۇنچە چىڭ تۇتۇپ، يۆنىلىشنى بەلگىلىشىگە توغرا كېلىدۇ.
7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
«ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك» «ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك» «ئادىل، تەرتىپلىك بولغان بازار رىقابىتى مۇھىتى يارىتىش كېرەك» «خەلقئارا ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك» «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك» «كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك» «بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك»...
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى.
قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، بوران - چاپقۇنغا قارىماي كەلگۈسىگە يۈزلەندى.
خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، باسقۇچمۇباسقۇچ پۇختا ئالغا سىلجىتساقلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىنى جۇغلاش ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.»
«ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»
تومۇزدىكى 7 - ئايدا، پۇجياڭ دەرياسى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتاتتى. بىر مەيدان خەلقئارالىق كاتتا يىغىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ئىبارەت بۇ تۇلپارنى ھەم تېز ھەم مۇقىم چېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.»
7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى جانلىق بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، دۇنياغا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
پېڭبو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تارىخ شاڭخەيدە پۈتۈلمەكتە. ئەگەر جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار توغرىسىدىكى كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى ئىشقا ئاشسا، ئۇنىڭ تەسىرى بازار ئۈلۈشىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.
«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، دۇنيا شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، گەرچە يەنىلا قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاغرىق ئازابىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ساغلام يېتىلىۋاتقان يېڭى قۇۋۋەت جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇھىم تىرىكىگە ئايلانماقتا.
بىر ئاساسىي لىنىيە ئادەتتىن تاشقىرى ئېنىق بولدى −
1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يېڭى يىل كىرگەندىكى تۇنجى قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، دىققەت ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى.
2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش - ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.
7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۇختا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغىلا قاراشقا بولمايدۇ، ھازىر ئېشىۋاتقىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، ئىنتىلىدىغىنىمىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. ئۈزلۈكسىز تۈردە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق، قەدەممۇقەدەم يۇقىرىغا قاراپ مېڭىش كېرەك.»
مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش؛ بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي)، شاڭخەي (چاڭجياڭ دېلتىسى)، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش...
يۆنىلىش بېكىتىلىپ، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتى قوزغىتىلدى.
بىر گۇرۇپپا بازار ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتى جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈردى −
پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى 100 مىڭ كالىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجىدىن تاشقىرى توپى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگونىڭ سۆزلۈكلەرنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مىقدارى كۈنىگە نەچچە يۈز تىرىليونغا يەتتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ مودېلنىڭ دۇنيا بويىچە ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش مىقدارى 10 مىليارد قېتىمدىن ئاشتى، دۇنيا بويىچە سېتىلغان ھەر ئون دانە ئادەمسىمان ۋە تۆت پۇتلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ سەككىزى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلدى... چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى «پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش» يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەش ئارقىلىق تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى، ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق تەرەققىيات ئۈنۈمىنى قوزغاتتى.
6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - يىغىنىدا تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ساھەسىدە ئادىل رىقابەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرى دەپ قارالدى.
مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى نىزامىنى تۈزۈش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «<ئىچكى تالىشىش شەكلى>دىكى رىقابەتنى داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش»نى تەكىتلەشكىچە، سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغان مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىدا ئادىل، تەرتىپلىك بازار رىقابىتى مۇھىتى بەرپا قىلىنىپ، ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاساس پۇختىلاندى.
«ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەرەققىيات يولىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى بېكىتىپ، ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك، قارىغۇلارچە ئەگىشىپ قىزىق نۇقتا قوغلىشىپ، <ئىچكى تالىشىش شەكلى>دە رىقابەتلىشىشكە، بىر خىللاشقان تەرەققىياتنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانا يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىشتا ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىللاشقان سېلىنما مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى... ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى توپلىنىپ ئەۋزەللىككە ئايلاندى.
ئەنخۇي ئارىلىق سىناق ئارقىلىق دەلىللەشنى مۇلازىمەت كەسپىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يۈزلەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى؛ جېجياڭ «پۇقراۋى ئىگىلىككە دائىر 32 ماددا»نى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن 13 ماددىنى كۆپەيتىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى... ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرىدىغان تۈزۈم مۇنبەت تۇپرىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى.
ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئاساسنى مۇستەھكەملىدى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇردى، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزدى.
3 - ئايدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ قانۇن قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزۈم ئاساسى پۇختىلاندى.
بۇ يىلدىن بۇيان، «گوۋۇيۈەننىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا دائىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك قانۇن چىقىرىش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، «رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى... قانۇنچىللىق كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇختا تىرەك بەرپا قىلىندى.
بىر پارچە ئەمەلىي قىممىتى تولۇق بولغان ئوچۇق جاۋاب قەغىزى جۇڭگودىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگونىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كۆلىمى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۇنجى قېتىم 25 تىرىليون يۈەن ئاشتى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سانائەت ماشىنا ئادىمى، يېشىل مەھسۇلات قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار ئېكسپورت يېڭى موتورىغا ئايلاندى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەردە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى...
دۆلەت ھالقىغان كارخانا رەھبەرلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 2026 - يىل يىللىق يىغىنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2026 - يىل يىللىق يىغىنى، 2026 - يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرى قاتارلىق خەلقئارا كاتتا مەرىكىلەرگە قاتنىشىشتىن، كۆپ دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىچ زىيارەتكە كېلىشكىچە، جۇڭگو دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى.
دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشتىن، مېتېئورولوگىيە بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى «مازۇ»نىڭ 30 دۆلەتتە ئەمەلىيلىشىپ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىپ خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇشقىچە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە كۈچ چىقاردى.
بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش بايلىق ئامىللىرىنى جەلپ قىلىدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى»نى بەرپا قىلدى؛ خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتتى... «جۇڭگو پۇرسىتى 2.0» پۈتۈن دۇنيانى تېخىمۇ چوڭ بازار پايدىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش پايدىسى بىلەن تەمىنلىدى.
«پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ياخشى قىلىش كېرەك»
خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا، بەنسۇڭيۈەن يولى كوچىسى شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىدا، ئىلگىرىكى «كونا، ۋەيرانە، كىچىك» مەھەللىدە بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل ئاشخانا، ھاجەتخانا بار بولدى، لىفىت ئورنىتىلدى، ئۆينىڭ سىرتىدا يەنە كىچىك گۈللۈك بولۇپ، كونا قوشنىلار يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى.
7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا بۇ جايغا كېلىپ، شەھەر يېڭىلاش داۋامىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇنداق سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلدى: «پۇقرالارنىڭ ئىشى چوڭ ئىش. شاڭخەيدىكى چوڭ - كىچىك كوچىلارنى ئۆزگەرتىش، بېيجىڭدىكى خۇتۇڭلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشلار.»
زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇپ چىقىش باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش.
بۇ يىلدىن بۇيان، بېيجىڭنىڭ بوشلۇق قالدۇرۇپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش، بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تەكىتلەشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى دەل جايىدا بولغان كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.
5 - ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك شەھەر يېڭىلاش مەخسۇس يىرىك پىلانى ئېلان قىلىندى. شەھەر - بازارلاردا خەتەرلىك، كونا ئۆيلەردىن 500 مىڭ يۈرۈش(ئېغىز)ى ئۆزگەرتىلدى، شەھەر - بازارلاردا كونا ئولتۇراق رايوندىن 115 مىڭى يېڭىدىن ئىش باشلاپ ئۆزگەرتىلدى، شەھەرلەردىكى باغچە، يېشىللىق ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 20 مىڭ گېكتارغا يەتتى... «شەھەر يېڭىلاش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»دا كەلگۈسى بەش يىللىق ۋەزىپىنامە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، بۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.
ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرسى تېز، بىرسى ئاستا بولسا بولمايدۇ» «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك».
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق قىلىپ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، قانداق قىلىپ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېمىلارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.»
باشلىنىش يىلىدا، جۇڭگو تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سالىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» بېسىپ تارقىتىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، كەسىپ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمى كۈچەيتىلدى؛ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش توغرىسىدا مەركەزنىڭ تۇنجى مەخسۇس ھۆججىتى ئېلان قىلىنىپ، يېشى ئېشىپ كەتكەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۇنجى مەخسۇس قائىدە ئېلان قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا 6 مىليون 950 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.2 بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.
«شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش» ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قانۇنى يولغا قويۇلدى، «دائىم تۇرۇشلۇق جاي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» بېسىپ تارقىتىلدى؛ مالىيە جەھەتتە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكى پۇختىلاندى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى...
3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا چوڭقۇر قاتلاملىق ئويلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. <15 - بەش يىل> بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»
ئاساسىي قاتلام داۋالاش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بالىلارنى دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىندى؛ «جۇڭگودىكى سەمرىپ كېتىش ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئارىلىشىش كۆرسەتمىسى» قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ، ئامما ئاز كېسەل بولۇش، تېخىمۇ ساغلام بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛ ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر ئېلان قىلىنىپ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئاممىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش - پەرۋىش قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
«ياشانغانلار بىزنىڭ بايلىقىمىز، بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز.» باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كوچا رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. «ياشانغانلار، بالىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى»، چۈنكى بۇ ئىككى كىشىلەر توپى ھەم يۈز مىليونلىغان ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشنى ئاساس قىلىدۇ.
ئاساس مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتى توغرىسىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى... نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئۇنى چوڭقۇر پىلانلىدى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش.
بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، قاتتىق يامغۇر جەريانى كۆپ بولدى، ۋاقىت، بوشلۇق بويىچە تارقىلىشى تەكشى بولمىدى، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدا كەلكۈن كۆپ يۈزبەردى، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ناچار ھاۋارايى گەۋدىلىك بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تەرەپلەر تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك» «ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك» «تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش «چوڭ سىنىقى» ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، جەڭگە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.
تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىش شەرت بولغان پىرىنسىپ.
يازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، «يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك» دەپ تەكىتلىدى، «ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»نى تاپىلىدى.
يۈز مىليونلىغان دېھقان ئاممىسى تىرىشىپ ئەمگەك قىلدى، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر كۈچ بەردى، كەڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ مۇلازىمەت قىلدى... بۇ يىل، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ كۆلەمدە كېچىكىپ تېرىش، ھوسۇل يىغىش مەزگىلىدە كۆپ قېتىم يامغۇر يېغىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ھوسۇل تۇنجى قېتىم 300 مىليارد جىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ئېغىر زەربە بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىككى قېتىم تەدبىر قوللىنىپ، تەييار ماي باھاسىغا قارىتا تەڭشەش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قىلدى؛ تومۇز يازدىكى ئېنېرگىيە تەمىناتى يۇقىرى پەللىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى، نۇقتىلىق سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدى؛ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇردى.
ئىچكى - تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلدى.
باشلاش، قەدەم ئېلىش، كەيپىياتنى يېڭىلاش. 2026 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. ھازىر، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتماقتا.
جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىغا خەلق داھىيسىنىڭ سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن: «خىزمەتلەردە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئۈنۈملۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.»
كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك.
ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتساقلا، بىز چوقۇم پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)






