تومۇز مەزگىلىدە، كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، زۇمرەتتەك سۇلار دولقۇنلىنىپ، توپ-توپ قومۇشلار شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، سۈپسۈزۈك سۇ رايونىدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنىڭ شولىسى ئەكس ئېتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر پارچە ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىلمىي سۇ تولۇقلاش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى كۆزىتىش-ئۆلچەش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، سۇلۇق يەرنىڭ سۇ كۆلىمىنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ياخشى ماكانلىشىش مۇھىتى نۇرغۇن سۇ قۇشلىرىنى بۇ يەردە كۆپىيىپ ياشاشقا جەلپ قىلدى، ئاق قۇ، ئاق قوتان، كۈل رەڭ تۇرنا قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇش تۈرلىرىنىڭ تۈر توپى سانى سىجىل ئۆرلەپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنسېرى بېيىپ، ئېكولوگىيە توسۇقى ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا تارتىلغان گۈزەل مەنزىرە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى