تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى | قۇملۇق چوققىسى! شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايدىكى قۇملۇق ۋە سۇ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جەزبدار مەنزىلنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) ياز كۈنلىرى سەھەردە، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى كەڭ تۇپراققا چېچىلدى. ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئېشەكپاتتى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىدىن يىراققا نەزەر سالغاندا، بىر پارچە بىر-بىرى بىلەن بوي تالاشقان قۇم تاغ شەرق-غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، سەھەر شامىلىدا ئۇششاق قۇم شامالغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خۇددى ئالتۇن رەڭلىك تاۋار-دۇردۇنغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى شاڭ پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قۇملۇقنىڭ نامى قۇمكۆل قۇملۇقى بولۇپ، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چىمەنتاغ تېغى بىلەن چۆمېلېك تېغى ئارىسىدىكى تاغ جىلغىسى بەلبېغىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3900 مېتىردىن 4800 مېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 1660 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئېشەكپاتتى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىدىن يىراققا نەزەر سالغاندا، بىر پارچە تۇتاش كەتكەن بىر-بىرى بىلەن بوي تالاشقان قۇم تاغ شەرقتىن غەربكە سوزۇلۇپ ياتىدۇ  (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

   قۇمكۆل قۇملۇقىنىڭ يەر شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، يېڭى ئايسىمان قۇم بارخانلىرى، يېڭى ئايسىمان تۇتاش قۇم بارخانلىرى، پىرامىدا قۇم بارخانلىرى، بىرىكمە شەكىلدىكى زەنجىرسىمان قۇم تاغ قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان قۇم بۇلاقلار ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، قۇملۇقتىكى كۆللەردىن ئېقىپ چىققان بۇلاق سۈيى قۇم بارخانلىرىنى توختىماي يالاپ، غايەت زور ۋارونكىسىمان بۇلاق كۆزىنى شەكىللەندۈرگەن، ئەڭ چوڭ بۇلاق كۆزىنىڭ دىئامېتىرى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ قۇم دېڭىزىدا 100دىن ئارتۇق كىچىك كۆل تارقالغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك قۇملۇق ساھىلى كىچىك كۆللەر توپىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ كۆللەر سۇ ئوتلىرى مول بولغان ئېشەكپاتتى سۇلۇق يېرى بىلەن بىللە ياۋا قوتاز، شىزاڭ قۇلىنى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياخشى كۆرىدىغان ماكانغا ئايلاندى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، قۇملۇقتىكى كۆللەردىن ئېقىپ چىققان بۇلاق سۈيى قۇم بارخانلىرىنى توختىماي يالاپ، غايەت زور ۋارونكىسىمان بۇلاق كۆزى − شازىچۈەننى شەكىللەندۈرگەن (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

  تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىزلىكتە، ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان ئېگىزلىك قۇملۇق توپى شەكىللەنگەن. قۇمكۆل قۇملۇقىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە شەكلى ھەر خىل كۆپلىگەن قۇملۇقلار تارقالغان، قۇم سۈپىتى ۋە تارقىلىش رايونىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كۆپىنچە ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن 250 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەرىكەتچان يېڭى ئايسىمان قۇم بارخانلىرى زەنجىرى ۋە بىرىكمە زەنجىرسىمان قۇم تاغلار بار، قۇم تاغلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، ھەيۋەتلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئېگىزلىكتە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ تەبىئەت بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.

قۇمكۆل قۇملۇقىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئۆسۈملۈك مايسىلىرى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئېشەكپاتتى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىدا سۈرەتكە تارتىلغان قۇمكۆل قۇملۇق مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

شازىچۈەندە سۈرەتكە تارتىلغان قۇمكۆل قۇملۇق مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

  بۇنىڭ ئىچىدە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ جەنۇبىدىكى جىڭيۈ كۆلى بويىغا جايلاشقان جىڭيۈ كۆلى قۇملۇقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4800 مېتىردىن 5200 مېتىرغىچە بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە مەلۇم بولغان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇملۇق يېڭى ئايسىمان قۇم بارخانلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 120 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شۇڭا «قۇملۇق چوققىسى» دەپ ئاتالغان. قۇم تاغلار ھەيۋەتلىك، قۇم بۇلاقلىرى سۈزۈك، سۇلۇق يەرلەر يېشىللىققا پۈركەنگەن، جانلىقلار بەخىرامان ياشايدىغان، ھەممە گىرەلەشمە يۇغۇرۇلغان، ھەيۋەتلىك، جانلىق ئېگىزلىك ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى شەكىللىنىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.