تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ھەرقايسى جايلاردىكى كۆرۈرمەنلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكىدىن خۇشال بەھرىلەندى  خاس پائالىيەتلەر نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې خەۋەر قىلىدۇ) 2026-يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ياردەم بېرىش باش تېمىلىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. پائالىيەتتە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۆسىن قوشۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 651 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى ۋە 549 ۋارىسى توپلاندى. باش تېمىلىق كۆرگەزمىدىن باشقا، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى. ئۇسسۇل-مۇزىكا يىغىلىشى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . ئۆرپ-ئادەت ۋە يادىكارلىق مەرىكىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . ۋارىسلىق قىلىش-ئۆگىنىش سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرى، «شېئىردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ھەمتۈرتكىلىك كۆرگەزمە ئويۇنى قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەر بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نومۇرلىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىخەنزە شەھىرى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، كۆرۈرمەنلەر خېمىر شار پۈۋلەش ماھارىتىنى كۆرمەكتە.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر سىچۇەن ئۇزۇن چوغىلىق چەينەك چاي سەنئىتى ئويۇنىنى كۆرمەكتە.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر سىچۇەن ئۇزۇن چوغىلىق چەينەك چاي سەنئىتى ئويۇنىنى كۆرمەكتە.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، تۇرپاندىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى كۆرۈرمەنلەرگە نازىركوم ئېلىپ كەلدى.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، خېيلۇڭجياڭدىن كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن نەزمىسىنى ئورۇنلىماقتا.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر يىڭگې ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.  

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملىرىنى تەييارلاشنى كۆرمەكتە.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى . ئۇسسۇل-مۇزىكا يىغىلىشىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر پىپا ئويۇنىدىن ھۇزۇرلانماقتا. 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.