ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەم ئىسسىق بولغاچقا، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپلىگەن ئائىلىلەر توڭلاتقۇنى يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاشتىكى «بىخەتەرلىك ساندۇقى» قىلىدۇ، ئەمما تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ پەقەت مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلىقىنى، باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مۇۋاپىق ساقلىمىغاندا ئاسانلا يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر توپىدا ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت. ياز پەسلىدە يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق ساقلىغىلى، بىخەتەر ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ؟

بېيجىڭ سودا-سانائەت داشۆسى يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «科普中国»نىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ بېي مۇنداق تونۇشتۇردى: مىكرو جانلىقلار 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 60 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلىغاندا يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى 4 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تۆۋەنلىتىپ ساقلىغاندا، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ. يەككە يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى بولغان لىستېر باكتېرىيەسى سوغۇق ساقلاش مۇھىتىدا ئاستا-ئاستا ئۆسىدۇ، تەييار گۆش مەھسۇلاتلىرى، سوغۇق سەي قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدا دائىم ئۇچرايدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەرگە بولغان تەھدىتى ئىنتايىن زور، شۇڭا توڭلاتقۇدا يېمەكلىك ساقلاشتا ئۈچ چوڭ مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش كېرەك.
يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئېنىق ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ سوغۇق ساقلاش
پىششىق گۆش، بېلىق، راك، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق ياسالمىلىرى، كېسىلگەن مېۋە، كۆكتات ۋە ئاشقان تاماق، ئاشقان قورۇمىلارنىڭ سۇ تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇقى يېتەرلىك بولۇپ، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، ۋاقتىدا سوغۇق ساقلاش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرى سوغۇق ساقلاشقا ماس كەلمەيدۇ، شياڭجاۋ، ماڭگو قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا ئۈششۈپ، قارىداپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، تەمى ناچارلىشىپ كېتىدۇ؛ ياڭيۇ، باش پىياز، سامساق سالقىن، قۇرغاق، شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا ساقلاشقا ماس كېلىدۇ، توڭلاتقۇغا سېلىش ھاجەتسىز.
رايونغا ئايرىپ قويۇپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش
توڭلاتقۇدا يېمەكلىك ساقلاشتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ بىرى خام بىلەن پىششىق يېمەكلىكنىڭ گىرەلەشمە بۇلغىنىشى بولۇپ، خام گۆش، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىرنىسى ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەنى ئېلىپ يۈرۈپ، تەييار يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى بۇلغايدۇ.
سوغۇق ساقلاش قەۋىتىدە «ئۈستى پىششىق، ئاستى خام بولۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتە پىششىق يېمەكلىك، تەييار يېمەكلىكلەر، ئاستىنقى قەۋەتتە خام گۆش، سۇ مەھسۇلاتلىرنى ساقلاش كېرەك.
توڭلىتىش قەۋىتى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئوخشاشلا «ئۈستى پىششىق، ئاستى خام بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئۇن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ماروژنى، يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى ساقلاش كېرەك.
يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى كىچىك قاچىلارغا بۆلۈپ قاچىلاپ، قايتا-قايتا توڭلىتىش، ئېرىتىشتىن ساقلىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. توڭلاتقۇغا ھەرگىز لىق قاچىلىماسلىق، سوغۇق ھاۋانىڭ ئايلىنىشىغا %30 بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇش، يىغىلىپ قالغان سۇنى ۋاقتىدا تازىلاپ، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىنى بىخەتەر ئىستېمال قىلىش كېرەك
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنى يېيىشكە بولامدۇ-يوق، بۇنىڭ بىر كېچە تۇرۇپ قالغان-قالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئاساسلىقى سوغۇق ساقلاش ۋاقىت ئۈنۈمى، ھىم ئېتىش ھالىتى، ساقلاش ۋاقتى ۋە قايتا قىزىتىش ئۈنۈمىگە باغلىق. يېيىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش كېرەك، رەڭگى ئۆزگىرىش، يېپىشقاق بولۇش، كۆكىرىش، غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بىۋاسىتە تاشلىۋېتىش، ھەرگىزمۇ قىزىتىپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكە تايانماسلىق كېرەك. ھالىتى نورمال بولغان ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى چوقۇم تولۇق قىزىتىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ياز پەسلىدىكى نورمال تېمپېراتۇرىدا گۆشلۈك قورۇما، ئېشىپ قالغان يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلاشقا بولمايدۇ، تېمپېراتۇرا 32 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندا بىر سائەتكە قىسقارتىپ، تېزدىن توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش كېرەك. دۈملىمە قورۇما، پىششىق گۆشنى سوغۇق ساقلىغاندا ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ، گۆش شورپىسى، گۆش قىيامىنى بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە يەپ بولۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
ۋاڭ بېي مۇنداق ئەسكەرتتى: توڭلاتقۇدا يېڭى پېتى ساقلاشتا مۇھىمى تېمپېراتۇرا، ۋاقىت ۋە پاكىزلىقنى كونترول قىلىش كېرەك. ياز پەسلىدە بارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سوغۇق ساقلاش ھاجەتسىز، ئاسان چىرىيدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا سوغۇق ساقلاش، سوغۇقتىن قورقىدىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى كۈن نۇرىدىن دالدىلاپ، شامال ئۆتۈشتۈرۈپ ساقلاش، خام-پىششىقىنى رايونغا ئايرىپ ساقلاش، ئاشقان قورۇمىلارنى ئۆلچەملىك ساقلاپ قايتا ئىسسىتقاندىلا، يېمەك-ئىچمەك خەۋپ-خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، ساغلاملىقنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق گېزىتى مۇخبىر: لۇ فەنبىڭ
«خەلق گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






