تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1000 دانە ئاممىۋى قاتناش «نان كارتا»سى ئالدىن سېتىلدى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 4-تۈركۈمدىكى شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئاممىۋى قاتناش «نان كارتا»نى ئالدىن سېتىشنى رەسمىي باشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قويۇق شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈچ تۈركۈم «نان كارتا» تېز سېتىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى.

شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئاممىۋى قاتناش «نان كارتا»سى.

دۇەن نەن فوتوسى

  ئاممىنىڭ يىغىپ ساقلاش ۋە ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم 4-تۈركۈمدە ئالدىن سېتىش ئومۇمىي مىقدارى 1000 دانىگە كۆپەيتىلىپ، سېتىلغاندىن بۇيانقى تارقىتىش كۆلىمى ئەڭ كۆپ بىر تۈركۈم بولۇپ قالدى. سېتىشتا قوش سۇپىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ۋاقىتقا بۆلۈپ چەكلىك سېتىش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 16دىن باشلاپ سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، سىن سۇپىسى «ئۈرۈمچى خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى (乌鲁木齐红山一卡通)»دا چەكلىك مىقداردا 500 دانە سېتىلدى؛ سائەت 18دىن باشلاپ سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، شياۋخۇڭشۇ سۇپىسىدىكى «خۇڭسەنتۇڭ كۈنلۇنجى (红山通昆仑集)»دا چەكلىك مىقداردا 500 دانە سېتىلدى.

  نۆۋەتتە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئالدىن سېتىش زاكاز تالونى تالون چۈشۈرۈش تەرتىپى بويىچە ئارقا-ئارقىدىن مال تارقىتىلىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ تاللاپ سېتىۋېلىش، ئاقىلانە ئىستېمال قىلىشنى، ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسىدىن باشقا يوللار ئارقىلىق يۇقىرى باھادا سېتىۋالماسلىقنى ئەسكەرتتى. كېيىنكى باسقۇچتا تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تارقىتىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.