مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
تىيانشاندا ماڭغاندا، ئادىمىيەت ۋە تەرەققىيات گۈزەللىكى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىسىز.
«ئاخىر دىدارلاشتۇق، سۇ دۇڭپو» ناملىق جۇڭگو ئۇسلۇبى چوڭ كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭ يىلدىن ھالقىغان شېئىرىي ئۇچرىشىشنى باشلىدى. خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە چىراغلار چاقناپ، چۆكۈش شەكىلدىكى ئويۇن قويۇش ئۇسۇلى قەدىمكى يۈتيەندىكى بارچە خەلق ساز چېلىۋاتقان مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلدى؛ لەرزان سەنەم مۇزىكىسى مۇڭلۇق ياڭرىدى.
مەدەنىيەت تومۇرى سالاپىتى ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىي مەنزىرىسى بىر-بىرىنى جۇلالاندۇردى: فوتوۋولت قۇرۇلۇش ئورنىدا ئادەم بىلەن ماشىنا ھەمكارلىشىپ قۇرۇلۇش قىلدى، كۆمۈر كان تۈرىدە ئىش باشلاندى، يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىغا ئورنىتىلدى، سوغۇق زەنجىرسىمان ساقلاش سىستېمىسىدا ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش راۋانلاشتۇرۇلدى، شوخلا ئېتىزلىرىدا يىغىۋېلىش ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەدەنىيەت تومۇرى بىلەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ھاياتىي كۈچ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
دۇڭپو نەپىس توپلىمى

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەملىكەتلىك سەييارە دۆلەت ئۇسلۇبى مەدەنىيەت چوڭ كۆرگەزمىسى «ئاخىر دىدارلاشتۇق، سۇ دۇڭپو» شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە نامايان قىلىندى. تاماشىبىنلار بۇ يەردە سۇ دۇڭپونىڭ تۈرلۈك داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلىك ھاياتىغا چوڭقۇر نەزەر سېلىپ، زامان-ماكان ھالقىغان شېئىرىي دېئالوگنى باشلىدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
شاديانە مۇزىكا بىلەن ئەنئەنىۋى پۇراققا ۋارىسلىق قىلىش

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى «سەنەم» ئېيتماقتا. بۇ كۈنى، «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تاللاش كۆرىكى ۋە خەلق ئىچى سەنئەت نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى خېجىڭ ناھىيەلىك تىياتىرخانىدا باشلاندى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى
قەدىمىي شەھەردىكى كېچە مېلودىيەسى
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر بىلەن ئارتىسلار ھەمتۈرتكە بولماقتا. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» ناملىق ئويۇن باشلاندى. ساياھەتچىلەر قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى كوچىلارنى ئارىلاپ، ئارتىسلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، مۇزىكىغا جور بولۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆزىنى خۇددى قەدىمكى يۈتيەندىكى ئاۋات بازاردا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى
يېڭى بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىش
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، بالىلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى ھېس قىلماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى داۋان شىمالىي يولى غەربىي مەھەللىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىغا بېرىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ھېس قىلىپ، يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
ئادەم بىلەن ماشىنا ھەمكارلىشىش

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، تۇرپان-قومۇل نېفىتلىكى پىچان شەرقى 1 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى نەق مەيدانىدا، ماشىنا ئادەم بىلەن قۇرۇلۇش خادىملىرى ھەمكارلىشىپ يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئورناتماقتا. بۇ تۈر ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى، كوللېكتىپ تۇنجى قېتىم زاكازلاشقان زەنجىر تاپان شەكلىدىكى يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە زاپچاسلىرىنى ئورنىتىش ماشىنا ئادىمىنى كىرگۈزدى، ئادەم بىلەن ماشىنا ئادەم ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، تۈرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. جاڭ مىڭشيەن فوتوسى
كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى باشلاندى
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەنتاڭخۇ كان رايونىدىكى شىتوۋمېي 2-نومۇرلۇق كۆمۈر كان تۈرىدە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى، 2029-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنى تاماملاش پىلانلاندى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش يولى ئارقىلىق، خۇادۇڭ، خۇاجۇڭ رايونلىرىغا مۇقىم يەتكۈزۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىيىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. جۇڭ ۋېيلياڭ فوتوسى
مۇنارغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىش
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چۆچەك-دۆربىلجىن-قاراماي 750 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايوننىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق، ئۇللۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئاخىرلاشتۇرۇش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى. يېرسىن توقاي فوتوسى
سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش

7-ئاينىڭ 27-كۈنى، قاراماي خېجيالې سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىدە مەھسۇلاتلارنى توشۇماقتا. بۇ كارخانا كۆلىمى 7000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆلچەملەشكەن چوڭ تىپتىكى پىششىق يېمەكلىكلەرنى مىكروبسىز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، تولۇق ئاپتوماتىك يېپىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، دۇكاندا سېتىلىدىغان پىششىق يېمەكلىك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىغا پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، «ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا بىۋاسىتە يىغىش-مىكروبسىز پىششىقلاش-سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش-ئاخىرقى ئۇچقا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش»بىر گەۋدىلەشكەن تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. مىن يۇڭ فوتوسى
ماشىنىدا شوخلا يىغىش
8-ئاينىڭ 1-كۈنى، قۇتۇبى نەسىللىك كالا فېرمىسى شوخلا ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى ئېتىزدا شوخلا يىغىش ماشىنىسى ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. شۇ جاي شوخلىنى زاكازلىق تېرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، كارخانا شوخلا ئۆستۈرگۈچىلەرنى تېرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ھوسۇل ئېلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
كەچكى شەپەققە نەزەر
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيمۇگوۋ رايونى شىرېنزىگوۋ جىلغىسىدىكى بىر تاغ باغرىدا كەچكى شەپەق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى






