تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ! بۇ پويىز بېلەتلىرىنى ئالدىن كېلىشىش باشلاندى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ

«2026-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىغا ئاساسەن

2026-يىللىق دۆلەت بايرىمىدا

10-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 7-كۈنى (چارشەنبە)گىچە

يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش كالېندارى كەلدى

بېيجىڭ-شاڭخەي گاۋتيېسى، بېيجىڭ-شاڭخەي تۆمۈريولىدىكى 200 قېتىملىقتىن ئارتۇق پويىزنىڭ

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش باشلاندى

سەپەرگە چىقىش پىلانى بار يولۇچىلار دىققەت قىلىڭلار

 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالدىن كېلىشىشكە بولىدۇ

بۇ ئېلان AI تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە ھاسىل قىلىنغان

ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟

يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 APPسىنىڭ

«ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش» مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى ئارقىلىق

پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 60-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە

ئالدىن كېلىشىش ئېھتىياجىنى تولدۇرسا بولىدۇ

ھەر كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ

پويىز قوزغىلىشتىن 60-كۈن بۇرۇنقى ئالدىن كېلىشىش زاكازىنى تاپشۇرسا بولىدۇ

يولۇچىلار ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن

«دەل جايىدا ئالدىن كېلىشىش» ياكى «مۈجمەل ئالدىن كېلىشىش»نى تاللىسا بولىدۇ

ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىشنى نەقلەشتۈرۈش ۋە بىكار قىلىش قائىدىسى

تۆمۈريول 12306 سىستېمىسى

پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 20-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئالدىن كېلىشىپ قويغان زاكازنى نەقلەشتۈرىدۇ

نەقلەشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن

يولۇچىلار شۇ كۈنى سائەت 23تىن بۇرۇن پۇل تۆلەشنى تاماملىشى كېرەك

مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ پۇل تۆلىمىگەن بولسا

 زاكاز ئاپتوماتىك بىكار قىلىنىدۇ

دىققەت!

  30 كۈن ئىچىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم

نەقلەشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ پۇل تۆلىمىگەن بولسا

(نەقلەشتۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان زاكازنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىكار قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

شۇنىڭدىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە، بۇ 12306 ھېساباتىدا

ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش، بېلەت قايتۇرۇش ھەم بېلەت ئۆزگەرتىش قائىدىسى

ئالدىن كېلىشىپ قويغان پويىز بېلىتى پۇلىنى تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن

بېلەت سېتىۋالغۇچى ۋە پويىزغا ئولتۇرغۇچى بىردەك

بېلەت قايتۇرۇش، بېلەت ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ

ئالدىن كېلىشىپ قويغان پويىز بېلىتى ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى يېڭى پويىز بېلىتىنى

پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 20-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە قايتۇرۇشقا بولىدۇ

بېلەت باھاسىنىڭ %5ى بويىچە بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئېلىنىدۇ

پويىز قوزغىلىشتىن سەككىز كۈن بۇرۇن (ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بېلەت قايتۇرۇلسا

يەنىلا ئالدىن سېتىلغان پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش قائىدىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ

 ئالدىن كېلىشىپ قويغان پويىز بېلىتىنى بىر قېتىم ئالدىن سېتىش مۇددىتى ئىچىدىكى پويىز بېلىتىگە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ

پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 20-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بولغان بېلەتكە ئۆزگەرتىلسە

ھەمدە يېڭى پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى پويىز بېلىتىدىن تۆۋەن بولسا ئارىدىكى پەرق سوممىسى قايتۇرۇلىدۇ

پەرق سوممىسى قىسمىدىن %5 بويىچە بېلەت قايتۇرۇش ھەققى ئېلىنىدۇ

باشقا ئۆزگەرتىش كەسىپلىرىدە

ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پەلەمپەيسىمان ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ

15 كۈن ئالدىن سېتىش مۇددىتى ئىچىدىكى پويىز بېلىتىنى

سېتىش، قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق قائىدىلەر ئۆزگەرمەيدۇ

سەپەرگە چىقىشنى پىلانلىغان دوستلار

قوڭغۇراقلىق سائەتنى توغرىلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار

كۆپچىلىكنىڭ ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشنى نەقلەشتۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.