8-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۆت كوماندىدىن ئىككىنى تاللاپ، ئىككىنى شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى غۇلجىدا ئاياغلاشتى، ئىلى كوماندىسى 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئالتاي كوماندىسىنى يەڭدى.
بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۆت كوماندىدىن ئىككىنى تاللاپ، ئىككىنى شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقە جەريانى ئاخىرلاشتى، قەشقەر كوماندىسى بىلەن ئىلى كوماندىسى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەشقەر كوماندىسى، تۇرپان كوماندىسى، ئىلى كوماندىسى، ئالتاي كوماندىسىدىن ئىبارەت تۆت كوماندا تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەنىدى.
تۆت كوماندىدىن ئىككىنى تاللاپ، ئىككىنى شاللاش مۇسابىقىسىگە نەزەر سالساق، ئۆز مەيدان، قارشى تەرەپ مەيدانىدا قوش ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر كوماندىسى بىلەن تۇرپان كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇنجى ئۇچرىشىشتا قەشقەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1:0 نەتىجە بىلەن تۇرپان كوماندىسىنى يەڭدى؛ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 2-ئۇچرىشىشتا تۇرپان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1:1 نەتىجە بىلەن قەشقەر كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، ئاخىرىدا قەشقەر كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن تۇرپان كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
ئالتاي كوماندىسى بىلەن ئىلى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇنجى ئۇچرىشىشتا ئالتاي كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1:1 نەتىجە بىلەن ئىلى كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى؛ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2-ئۇچرىشىشتا ئىلى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3:0 نەتىجە بىلەن ئالتاي كوماندىسىنى يەڭدى، ئاخىرقى نەتىجىدە ئىلى كوماندىسى 4:1 نەتىجە بىلەن ئالتاي كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
مۇسابىقە جەريانىغا ئاساسەن، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە)، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە) تۆت كۈچلۈك كوماندا چېمپىيۇنلۇق ۋە 2-لىكنى تالىشىش گۇرۇپپىسى، 3-ۋە 4-لىكنى تالىشىش گۇرۇپپىسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. يەنى قەشقەر كوماندىسى بىلەن ئىلى كوماندىسى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، چىمپىيۇن ۋە 2-لىككە ئايرىلىدۇ؛ ئالتاي كوماندىسى بىلەن تۇرپان كوماندىسى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 3-لىكنى تالىشىدۇ. ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى چېمپىيونىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە گۇۋاھچى بولايلى.
«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






