تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

℃26.1! شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ئىسسىق 7-ئاينى باشتىن كەچۈردى

«ئەمدىلا ئاياغلاشقان 7-ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 26.1قا يېتىپ، ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.4 يۇقىرى بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىللەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇردى». 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كىلىمات كۆزىتىپ ئۆلچەپ باھالىغۇچىسى ۋۇ شيۇلەن تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رېكورت 2015-يىلى ۋە 2025-يىلىدىكى 25.8 ئىدى.

شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃26.2، تىيانشان تاغلىق رايونلىرىنىڭ ℃20.1، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ℃28.0 بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ℃2.3 ،℃2.7 ،℃2.3 يۇقىرى بولغان، بۇلار بىردەك 7-ئاي بويىچە تارىختىكى 1-ئورۇندا تۇرغان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى %37 ئۆلچەش پونكىتىدا تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق چىقىپ، 7-ئاي بويىچە تارىختىكى 1-ئورۇندا تۇرغان، %30 ئۆلچەش پونكىتىدا 2-ئورۇندا تۇرغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا، شىنجاڭ بويىچە ئوتتۇرىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى (كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35تىن يۇقىرى ياكى تەڭ) 11.5 كۈن بولۇپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 5.0 كۈن كۆپ، بۇلتۇرقىدىن 1.4 كۈن كۆپ بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە 2-ئورۇندا تۇرۇپ، 2015-يىلىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرغان.

ماتېرىيال سۈرەت

«7-ئايدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا جەريانىدا زىيادە كۈچلۈك بولۇش، يۈزبېرىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ كىلىماتنى ئالدىن مۆلچەرلەش باش مۇتەخەسسىسى چېن يىڭ.

چېن يىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە بولغان ئىككى قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا جەريانىدا، 25 پونكىتتا پونكىتلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا تارىخىي رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى ياكى تەڭلەشتى، بولۇپمۇ 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا جەريانىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچلۈكلۈك كۆرسەتكۈچى 21.9 بولۇپ، تارىختا 2-ئورۇندا تۇرۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى.

7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولغان رايون خاراكتېرلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 90 پونكىت (پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %86ىنى ئىگىلەيدۇ)تا ℃35.0 ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، 80 پونكىت (پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %76 ىنى ئىگىلەيدۇ)تا ℃37.0 ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ كۆرۈلۈش دائىرىسى كەڭ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۆلەمنىڭ چوققا قىممىتى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، ℃35.0تىن يۇقىرى ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولغان ئەڭ چوڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۆلەم 1 مىليون 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا جەريانىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %74 ئۆلچەش پونكىتىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا بەش كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى %39 ئۆلچەش پونكىتىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 10 كۈندىن 16 كۈنگىچە داۋاملاشتى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولدى.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، بالىلار ئۈرۈمچى نەنمېندىكى كىچىك باغچا فونتانىدا خۇشال ئوينىماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).

چېن يىڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: 7-ئايدا، شىنجاڭدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىراننىڭ قوشۇمچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى سىجىل كۈچلۈكرەك بولدى، يەنە كېلىپ ئورنى شىمالغا قىيپاش بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرب شامىلى شىنجاڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىللىق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىغاچقا، 7-ئايدا شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا سىجىل كۈچلۈكرەك بولۇشتەك كىلىمات ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى ئېلان قىلغان كىلىمات يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەشكە ئاساسلانغاندا، 8-ئايدا شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ℃1.2تىن ℃2.8قىچە يۇقىرى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ھەم شەرقىي شىنجاڭدا ℃2 يۇقىرى بولىدىكەن؛ ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئورمان، ئوتلاقلاردىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىشكە توغرا كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.