تومۇز مەزگىلىدە، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى يۈز مو يەردىكى نېلۇپەر گۈلى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلىپ، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ گۈل سەيلىسى قىلىش، تومۇزدا سالقىنداشقا جەلپ قىلدى.

گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ گۈل سەيلىسى قىلىش، تومۇزدا سالقىنداشقا جەلپ قىلدى.
8-ئاينىڭ 1-كۈنى، سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى نېلۇپەر كۆلىدە، تۇتاش كەتكەن نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات بولۇپ، زۇمرەتتەك دولقۇنلار يېيىلغانىدى. ھال رەڭ، سۇس قىزىل رەڭلىك نېلۇپەر گۈللىرى يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، بەزىلىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، نازۇك ئىدى، بەزىلىرى شامالدا پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، گۈزەل ھەم يېقىشلىق كۆرۈنەتتى. مەيىن شامالدا نېلۇپەر شاخلىرى ئىرغاڭلاپ، خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. نېلۇپەر كۆلىدىكى ئاسما يول ئەگرى-بۈگرى سوزۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەردە سەيلە قىلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ مەنزىرە تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلىپ، سۇلۇق يەردىكى نېلۇپەر كۆلىنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىسىدىن چۆكۈش شەكلىدە ھۇزۇرلاندى.

ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى يۈز مو يەردىكى نېلۇپەر گۈلى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى.
ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى يۈز مو يەردىكى نېلۇپەر گۈلى بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى
(ماناس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋارىسجان، ئىختىيارىي مۇخبىرلار: جاڭ يۈچىڭ، جوۋ خۇيمىن، ليۇ خۇيجۈن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






