7-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلارنى پار بىلەن تەمىنلەش نىزامى» (تۆۋەندە «نىزام» دەپ قىسقارتىلدى) ماقۇللاندى، 2026-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«نىزام»نىڭ 29-ماددىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پار ئىشلەتكۈچى ئاھالىلەر ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ دەپ قارىسا، پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىدىن تېمپېراتۇرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. پار بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن پار ئىشلەتكۈچىلەر تېمپېراتۇرىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ 24 سائەت ئىچىدە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىشى كېرەك، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش ۋاقتىنى چۈش سائەت 12دىن 16گىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئىككى تەرەپ تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. پار ئىشلەتكۈچى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە، ھەرقايسى ئۆيلەرنىڭ مەركىزىي ئورنىدىكى (دىئاگونال كېسىشىش نۇقتىسى) يەر يۈزىدىن 1.4 مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكنى ئۆلچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك؛ ئاھالىلەر ئۆيىدىن باشقا پار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش نۇقتىسىنى پار بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە پار ئىشلەتكۈچى ئىككى تەرەپ توختامدا پۈتۈشىدۇ. ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش ھەمدە مۇناسىپ تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ بېكىتىدۇ.
پار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پار بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرا ئۆلچەش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولسا، پار بىلەن تەمىنلەش مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتقا تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەمگە يەتسە، تەكشۈرۈش ھەققىنى پار ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكى پار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولمىسا، تەكشۈرۈش ھەققىنى پار بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
پار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولمىغان ياتاق ئۆي، تۇرمۇش ئۆيى (زال) ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن، 18 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى (18 سېلسىيە گىرادۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، پار بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن كۈن سانى بويىچە پار ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرغان كۈنلۈك پار پۇلىنىڭ %50ىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى كېمەيتىپ ئالىدۇ؛ 18 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، كۈن سانى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى پار ئىشلەتكۈچىلەردىن ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرغان كۈنلۈك پار پۇلىنى %100 قايتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى كېمەيتىپ ئالىدۇ. پار پۇلىنى قايتۇرۇش ياكى كېمەيتىشنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى پار ئىشلەتكۈچىلەر ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۆلچىگەن تېمپېراتۇرا ئۆلچەمگە يەتكەن كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئىسسىقلىق مەنبەسى ئورۇنلىرىنىڭ سەۋەبىدىن پار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا يەتمىسە، پار بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن ئاۋۋال تۆلەم بېرىپ، ئاندىن ئىسسىقلىق مەنبەسى ئورۇنلىرىدىن تۆلىتىۋېلىشى كېرەك.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






