□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، شىڭ تو
يول داغدام، بۇرچ مەشئەلدەك نۇرلۇق.
ۋاقىت ئىسترېلكىسى 21 - ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى ئون يىلىنى كۆرسەتتى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەدەم قويدۇق.
يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟
2022 - يىلىنىڭ بېشىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تەييارلاشتا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەملىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرو جەھەتتىن نەزەر سېلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم تەدبىرلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ.
2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.
باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى:
«ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش.»
ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى خۇلاسىلىگەندە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىكى مۇھىم مەسىلە بايان قىلىندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش چوڭ ئالاھىدىلىكى، توققۇز ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بەش مۇھىم پىرىنسىپ بايان قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەكىتلەندى...
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالى. ھەممەيلەن تەقەززا بولغان پەيتتە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مەردانە قەسىمىنى بەردى:
«بۇ يەردە، مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.»
كۈچلۈك يادرو ھەيۋەتلىك مۇساپىگە يول باشلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش دەۋر بۇرغىسىنى ياڭراتتۇق.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئىلگىرى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يەنئەندىن بېيجىڭغا كەلگەن. ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنئەندىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللىرىنى قايتا ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ چاقىرىق قىلدى: «بىز يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنايلى!»
تاغ - دەريالار ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، ئىستىقبال پارلاق؛ بۇرغا چېلىندى، بۇرچ مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)






