□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، جاڭ يەن
2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە توپلانغان يېڭى تەجرىبىلەرنى نۇقتىلىق خۇلاسىلىدى.
پارتىيەمىز تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 1945 - يىلى پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا «بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، 1981 - يىلى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، مۇھىم تارىخىي پەيتتە پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلدى، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي بايان ۋە يەكۈن ھازىرغىچە يەنىلا تەتبىقلانماقتا.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى> ھەققىدە ئىزاھات»تا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، بىرىنچى تارىخىي قارارنى تۈزگىنىمىزگە 76 يىل بولدى، ئىككىنچى تارىخىي قارارنى تۈزگىنىمىزگىمۇ 40 يىل بولدى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىمۇ زور دەرىجىدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر، بولۇپمۇ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەشتە ھەم ئوبيېكتىپ ئېھتىياج بار، ھەم سۇبيېكتىپ شارائىت ھازىرلاندى.
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، ئۈچىنچى تارىخىي قارار چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار تەييارلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ھەم مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قارار تەييارلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.
قارار تەييارلاش جەريانىدا، دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەندى. 2021 - يىلى 4 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش ئۈستىدە پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالدى. 9 - ئايدا، قارارنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە تارقىتىلىپ پىكىر ئېلىندى، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئېلىندى، يەنە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىدىن مەخسۇس پىكىر ئېلىندى. قارار نۇسخىسىنى تەييارلاش جەريانىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان قارار نۇسخىسىنى شەكىللەندۈردى.
2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى بىردەك ماقۇللىدى.
قاراردا يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر 13 جەھەتتىن ساھەلەر بويىچە خۇلاسىلىنىپ، توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەر نۇقتىلىق خۇلاسىلەندى.
قاراردا بىر مۇھىم سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلدى: «پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.»
قاراردا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق ماھىيەتلىك مەزمۇنى يەنىمۇ يىغىنچاقلاندى. «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى تېز ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.»
قاراردا كەڭ تارىخىي نەزەر ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى بەش جەھەتتىن خۇلاسىلەندى: «جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئاچتى» «ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى» «دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى» «دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى».
قاراردا چوڭقۇر تارىخىي ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق، «ئوندا چىڭ تۇرۇش»تىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى: «پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش» «نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش» «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» «جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش» «جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش» «يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش» «دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش» «ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا چىڭ تۇرۇش».
تارىخىي مۇساپىگە بولغان تونۇش قانچە ئەتراپلىق بولغانسېرى، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەش قانچە چوڭقۇر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ تارىخىي ئەقىل - پاراسىتى شۇنچە مول بولىدۇ، ئىستىقبالنى ئىگىلەشتە شۇنچە تەشەببۇسكار بولىدۇ.
بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى، قاراردىكى ھۆكۈملەر ۋاقىتتىن ھالقىغان كۈچنى بارغانسېرى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، مۇقەررەر ھالدا غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ قەدەم تاشلايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)






