تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش» يېڭى مەنزىرىسى ئورتاق سىزىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىدىكى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرغاندا، قويۇق يۇلغۇنلۇقنىڭ ئاقما قۇم بارخانلىرىنى تىزگىنلىگەنلىكىنى، كۆپ يىللار ئىلگىرىكى «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»نىڭ بۈگۈنكى كۈندە «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ يېگانە بىر كۆرۈنۈش ئەمەس. تىيانشان ئېتىكىدە ئۈستىقۇددۇس گۈلى دېڭىزى كەڭ يېيىلدى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى ئەنجۈر بېغى ھاياتىي كۈچكە تولدى... شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇل، بازار مېخانىزمى، ئامما قاتنىشىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى تۈزەشنى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرماقتا. چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نوقۇل «مۇداپىئە جېڭى» بولماستىن، بەلكى «ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش»تىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىگە ئايلاندى.

قۇم تىزگىنلەش ئۈچۈن «ئەڭ ئەۋزەل يېشىم» تېپىلدى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى ھەل قىلىش تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى. يېقىندا، مۇخبىر ئۈچ جايدا ئۈچ خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا گۇۋاھ بولدى.

چامغۇرلۇق كەنتىدە، يۇلغۇن بىلەن توشقانزەدىكىنىڭ بىرىكىشى قۇم تىزگىنلەشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئاچتى. «يۇلغۇن قۇمنى تىزگىنلىدى، توشقانزەدىكى ئالتۇنغا ئايلاندى.» يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇقاھار قەييۇم ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ، يۇلغۇننىڭ يىلتىزىدىن سۈت رەڭلىك توشقانزەدىكىنى كولاپ چىقتى. بۇ خىل ئۇسۇل ئىلگىرى قۇم - بوران ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان تۇپراقنىڭ ئۈچ خىل قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى: ئېكولوگىيە جەھەتتە، يۇلغۇنلۇق قۇم بارخانلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ياخشىلىدى، پۈتۈن يېزىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %8.7تىن %42.3كە ئۆستۈرۈلدى، قۇم - بورانلىق كۈن سانى 42 كۈندىن 18 كۈنگە تۆۋەنلىدى؛ كەسىپ جەھەتتە، قۇملۇق كەسپى پۈتۈن يېزىنىڭ تۈۋرۈك خاس كەسپىگە ئايلاندى؛ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمى، كەنت كوللېكتىپ كىرىمى ماس قەدەمدە ئاشتى.

تىپ ئۆزگەرتىش بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىققان ئەمەس. بۇ كەنتتىكى دىدار دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابلىكىم ئابدۇكېرىم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، ئېتىزدا بىردەم تۇرساق، يانچۇقىمىزمۇ بىر سىقىم قۇمغا توشۇپ كېتەتتى.» يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىلەن دېھقان ئائىلىلىرى قايتا - قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، قۇملۇققا ماس كېلىدىغان سۇدا ئېرىيدىغان مەھەللىۋى ئوغۇتنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، توشقانزەدىكى تېرىش دەۋرىيلىكىنى «شۇ يىلى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»قا قىسقارتتى، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سىرتقا تېخنىكا چىقىرىپ كېڭەيتىش كۆلىمى 18 مىڭ موغا يەتتى.

خوتەن ناھىيەسىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش پونكىتىدا، 1714 مو كېلىدىغان «ئۆسۈملۈك سىناق مەيدانى» تېخىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى بۇرچنى زىممىگە ئالماقتا. بۇ پونكىتنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى لى يەنجۇڭ قۇرغاقچىلىققا چىداملىق قۇم تىزگىنلەيدىغان 78 خىل كۆچەت ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتتى. «بىز نوقۇل كۆچەتلا تىكمىدۇق، بەلكى قۇم تىزگىنلەش ئۈچۈن <ئەڭ ئەۋزەل يېشىم>نى تاپتۇق.» لى يەنجۇڭنىڭ بۇ سۆزى بىر لوگىكىنى − كۆلەملەشتۈرۈپ قۇم تىزگىنلەشتە جەزمەن پەن - تېخنىكىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ پونكىت تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈپ تىككەن ئەمەننىڭ دورا ئۈنۈملۈك تەركىبى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، قۇملۇق قىزىلگۈلى قۇملۇقتا ھۈپپىدە ئېچىلدى، 20 خىلغا يېقىن مېۋىلىك دەرەخ چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈشتە سۇغا ئېھتىياجلىق بولۇش، ئوغۇتقا ئېھتىياجلىق بولۇش قانۇنىيىتىنى «خاتىرىلىدى». «سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئاندىن كارخانا ۋە ئاممىغا كېڭەيتىلسە، كۆپچىلىك ئەگرى يولنى ئاز ماڭىدۇ» دېدى ئۇ.

سىناق نەتىجىسىگە تايىنىپ، خوتەن ناھىيەسى «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، تېخنىكا تىرەك بولۇش، ئامما قاتنىشىش، كارخانا تولۇقلاپ كاپالەتلەندۈرۈش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەمەن، نان جىگدە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئەتراپتىكى قۇملۇق رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى ياسىن يىمىت مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قۇم - بوران كۆپ چىقىپ، زىرائەتلەر ئەي بولمايتتى. ھازىر بىز تېخنىكلارغا ئەگىشىپ ئورمان بىنا قىلىش، كۆچەت يېتىشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋاتىمىز، ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشالايمىز.»

بىڭتۇەن 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى 224 - تۇەنىنىڭ 73 مىڭ 800 مو يەر قۇرۇلۇش تۈرىدە سىستېمىلىق قۇم تىزگىنلەش كۈچى نامايان قىلىندى. ئۇزۇنلۇقى 380 مېتىر كېلىدىغان ئىسترېلكا شەكىللىك پۈركۈپ سۇغىرىش ماشىنىسى ئېتىز مەركىزىنى ئوق قىلىپ تەكشى سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ، 180دىن ئارتۇق تىك پۈركۈگۈچ ماس قەدەمدە سۇنى تۇمانلاشتۇرۇپ پۈركۈيدۇ. بۇ يۈرۈش مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوماتىك بېسىمدىكى سۇ تېجەپ سۇغىرىش سىستېمىسىدا «توك ئىشلىتىلمەيدۇ» − كوئېنلۇن تېغىدىن باشلانغان قار سۈيى تەبىئىي چۈشۈش پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ تۇرۇبا تورىغا كىرىدۇ. تېخنىك شۈ چاۋياڭ مۇنداق ھېسابات قىلدى: «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش باستۇرۇپ سۇغىرىشقا قارىغاندا سۇنى %40 تېجەيدۇ، سۇ تۇمانلىرى يەر يۈزىدىكى قۇم - بوراننى بېسىپ تۇرىدۇ، تۇمانلاشتۇرۇپ نەمدىگەندە شورلار يىغىلىۋالمايدۇ، يەنە يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.»

تېخىمۇ چوڭقۇر ئەقىل - پاراسەت نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش «ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»غا يوشۇرۇنغان. بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى ئەي يۈن بىر تۈپ بېدىنى يۇلۇپ، يىلتىز سىستېمىسىدىكى سۇس ھال رەڭلىك دانچىلارنى كۆرسىتىپ: «يىلتىز تۈگۈنى ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى تەبىئىي زاۋۇت، بىر مو يەردىكى بېدە بىر يىلدا 20 كىلوگىرام ساپ ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدۇ» دېدى. ئالدى بىلەن سۇلۇ، بېدە قاتارلىق «ئاۋانگارت زىرائەت»لەر تېرىلىدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن يەرنىڭ قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. «تېز پۇل تېپىشقا ئالدىرىمايمىز، توغراقتىن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتىمىز» دېدى ئەي يۈن. بۇلتۇر بۇ يەردە سىناق تەرىقىسىدە سۇلۇ بىلەن بېدە كىرىشتۈرۈپ تېرىلدى، شۇ يىللىق پايدىلا 3 مىليون يۈەندىن ئاشتى. 20 يىلدا، بۇ جايدىكى 262 مىڭ مو يەردىكى سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئەسلىھەسى قۇملاشقان 180 كىۋادرات كىلومېتىر يەرنى تىزگىنلىدى.

ئېكولوگىيە گۈزەللىكى ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىلدى

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش جەريانى ئەسلىدىنلا يېشىل كەسىپنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىغانلىق. مۇخبىر ئاتۇش شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيەسىدە شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە بايلىقىنى قانداق قىلىپ كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، بازار ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى خاتىرىلىدى.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى ئازغان كەنتىدىكى بىر تۈپ 100 يىللىق ئەنجۈر دەرىخىنىڭ غايەت زور دەرەخ تاجى يېيىلىپ تۇراتتى. ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ئاھالىسى ئابلا ئازىل دەرەخ غولىغا يېنىك ئۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ دەرەخ 100 نەچچە ياشقا كىردى، ھەر يىلى نەچچە يۈز جىڭ مېۋە بېرىدۇ.» بۇ كەنتتىكى 1477 مو باغ - ئورمان يېرىدە ئەنجۈرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشىدۇ. خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەي، زەھىرى كۈچلۈك دېھقانچىلىق دورىسى چاچماي، قوي قىغىدا ئېچىتىلغان مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىلىدۇ، ساياھەتچىلەر ساۋما قىلىپلا چېچەكلەشتىن مېۋە ئۈزۈشكىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى سۈرۈشتۈرەلەيدۇ.

ئىلگىرى ئەنجۈر مېۋىسىنى يېڭى پېتى ساقلاش مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيلىرىدە يۇيۇش، تېز توڭلىتىش، ۋاكۇئۇملۇق توڭلىتىپ قۇرۇتۇش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قاقلاپ قۇرۇتۇش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت ئارقىلىق، يېڭى مېۋە توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئەنجۈر، ئەنجۈر مۇرابباسى، ئەنجۈر يۈز چاپلىقى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، باھاسى نەچچە ھەسسە قاتلاندى. ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ. «ئەنجۈر + ساياھەت» ماس قەدەمدە كۈچ چىقاردى، بۇ كەنتتىكى خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش كوچىسى «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە تۈزۈش» بويىچە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، غىزالىنىش يۇقىرى پەللىسىدە «بى لەن دېھقانلار ھويلىسى»دا ئورۇن تېپىش تەس بولدى. تىجارەتچى گۈزەلنۇر تۇرغۇن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بوۋام بىلەن دادام ئەنجۈر ئۆستۈرۈپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، لېكىن ھەممىسى تەبىئەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ ئەنجۈرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن، ئەمما ئۇلاردىن كۆپ پۇل تېپىۋاتىمەن.»

قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى 12 مىڭ مو كېلىدىغان ئۈستىقۇددۇس ئېتىزىدا سۆسۈن رەڭلىك دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. بۇ كەنت يەنە «خۇاڭخۇاڭ كەنتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كەنت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نىگارە ئابدۇنەبى كەنت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «<晃> دېگەن خەتنى پارچىلىساق <日> ۋە <光> خېتىگە ئايرىلىدۇ، بىز شىمالىي كەڭلىك 43 گىرادۇسقا جايلاشقان، پىروۋېنس بىلەن ئوخشاش بىر پاراللېل بەلباغدا، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ئۇزاق. بۇنىڭدىكى يەنە بىر قاتلام مەنە − كەلگەنلەرنى بىمالال، ئەركىن - ئازادە سەيلە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.»

ئىلگىرىكى خۇاڭخۇاڭ كەنتىدە «كەنتكە بارىدىغان بىرلا توپىلىق يول بولۇپ، ھەممە جاي تاشلىق ئىدى». قاقاسلىقتا ئورمان بىنا قىلىش، ئوتلاقنى ئاسراش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، مۇھىتنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35كىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن ئۆرلەپ %68كە يەتتى. ئۈستىقۇددۇسقا «خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەي، دېھقانچىلىق دورىسى چاچماي، پۈتۈنلەي ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىلدى»، سۈپىتى ئارقىلىق بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2019 - يىلىدىكى 15 مىڭ يۈەندىن ئۆسۈپ 2025 - يىلىدىكى 24 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئېكولوگىيەنىڭ ياخشىلىنىشى «يېڭى كەنت ئاھالە»سىنى جەلپ قىلدى. ياتلىق بولۇپ بۇ كەنتكە كەلگەن چېڭ لىن «شۇشيا قەھۋەخانىسى» ئاچتى. «ھەر كۈنى گۈل دېڭىزىغا قاراپ ئىشلەيمەن، شەھەردە نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟» يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاڭ خەيپېڭ بىكار تۇرغان كونا تۇرالغۇسىنى ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار ئائىلىۋى مېھمانخانىسىغا ئۆزگەرتتى، ئاۋات پەسىلدە مۇددەتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ياتاق زاكاز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گۈزەل ھويلا - ئاران 286گە، ئېكولوگىيەلىك باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلار 32گە يەتتى، ئىلگىرى كەنتتىكىلەر كۆپرەك سىرتقا چىقىپ كېتەتتى، ھازىرقى خۇاڭخۇاڭ كەنتىدە پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولدى، ئادەملەرمۇ قايتىپ كەلدى.

«كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش» شارائىت پىشىپ يېتىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئايلانغاندا، بىر روشەن تومۇر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى يولنى تېپىپ چىقىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.

ئاساسەن دېگۈدەك ھەربىر مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالنىڭ ئارقىسىدا پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سىيماسى بار. يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ئوغۇت تەييارلىشى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ 78 خىل كۆچەتنى تاللىشى، 224 - تۇەننىڭ «بىر چالمىدا تۆت پاختەك سوققان» ئاپتوماتىك بېسىمدىكى تېمىتىپ سۇغىرىشى، ئازغان كەنتىنىڭ توڭلىتىپ قۇرۇتۇپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى... بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئاۋۋال تېخىنىكىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىنىپ، ئاندىن كەسىپ ۋەزىيىتى يارىتىلغان.

ئوخشاشلا ئاچقۇچلۇق بولغىنى ئاممىنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى داۋامىدا ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكۈچىلەرگە ئايلاندۇرۇش. توشقانزەدىكى كەسپىدە «كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتە «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانا تولۇقلاپ كاپالەتلەندۈرۈش» ئۇسۇلى قوللىنىلىپ دېھقانلار خاتىرجەم قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى، ئەنجۈر كەسپىدە «دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش» مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا كەنتتە قالدۇرۇلدى. يۇلغۇن ئۆستۈرۈش، ئەمەن تېرىش، مېۋىلىك باغ پەرۋىش قىلىشنى كىرىمنى ھەقىقىي ئاشۇرىدىغان ھۈنەرگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزۈل - كېسىل قوزغىتىلىدۇ.

يەنە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات، ئۇنىۋېرسال ھېسابات، ئايلانما ھېسابات قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. غۇلجا شەھىرى شىمالىي تاغ ئېتىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۈگۈنكى كۈندە قۇم - بوران ئازايدى، ياۋايى ھايۋانلار قايتىپ كەلدى، تۆت پەسىلدە مەنزىرە بار بولدى، ئورمانلىقنىڭ ئۆزىلا قىممەتكە ئىگە بولدى. 224 - تۇەن قۇملۇق يەرنى ئېچىشتا، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا پەقەت «ئاۋانگارت زىرائەت» تېرىپ يەرنى كۈچلەندۈردى، تېز پۇل تېپىشقا ئالدىرىمىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت كەلگۈسىدە ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن. داۋشياڭ كەنتى «ئەڭ ئاخىرقى قۇم بارخىنى»دىن ۋاڭخۇڭ كەنتكە ئايلاندى، سۇ، توك، يول، تەبىئىي گازنىڭ ھەممىسى بار بولدى، قەلبلەر مۇجەسسەملىنىپ، تۇرمۇشتا ئۆزگىرىش بولدى. ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىسە بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئۆزىدىكى ئايلاندۇرۇش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىشتا − بەزىلىرى قۇم كەسپى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلدى، بەزىلىرى خاس باغ - ئورمانچىلىققا كۈچىدى، بەزىلىرى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇپ ئاچتى. يول ئوخشاش بولمىسىمۇ، يۆنىلىش بىردەك بولدى.

بۇ خىل «ھېسابات قىلىش» ئەقىل - پاراسىتى قەغەز يۈزىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ھالقىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا جانلىق يېزىلدى. داۋشياڭسۈن كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەخمەتتوختى ئىقلىم «داۋشياڭ پولۇسى» يايمىسى ئېچىپ، ھەر كۈنى 580 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى؛ 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت غۇجىم غوجىئابدۇللانىڭ مېغىزلىق دوغاپتىن قىلغان كۈندىلىك تىجارەت كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى؛ داۋشياڭ بىلىم ئورنىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلار بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش، جۇڭگو مەدەنىيەت ئىلمى دەرسخانىسى قاتارلىق پائالىيەتلىرى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى بىلەن داۋشياڭسۈن كەنتىنى يۇغۇردى؛ «يۈرەك ھەرىكىتىنى تەڭشەش كىچىك ھويلىسى» جۇڭيى تېبابىتىنىڭ «بەش قەدەملىك يۈرەك ھەرىكىتىنى تەڭشەپ داۋالاش ئۇسۇلى»نى كىرگۈزدى، كەنت ئاھالىلىرى يېنىك كېسەللەرنى داۋالىتىشنى كەينىگە سۈرمەيدىغان، ئېغىر كېسەللىرىنىمۇ داۋالىتالايدىغان بولدى. بۇ كەنتنىڭ كادىرى مەدىنەم مەتتوختى مۇنداق دېدى: «ھەممەيلەن ئالدىراش، ھېچكىم بىكار يۈرمەيدۇ، ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق.»

غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغ باغرىدىكى ئۆزگىرىشلەر بۇ «ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسلىكى»نى بىپايان تاغ - دالىلارغا يېزىپ چىقتى. پەرۋىش قىلىش - قوغداشقا مەسئۇل جاڭ يىڭ مۇخبىرنى باشلاپ ئورمانلىقلارنى ئارىلىدى: شياڭفېي تاشئالمىسى مېۋىگە كىرگەن بولۇپ، شاخلىرى مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، شاختا قۇرۇتۇلغان ئۆرۈكنى چىشلىسىلا شىرنىسى ئېقىپ چىقاتتى، 8000 مو يەردىكى پىندىق ياڭىقىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر ئىدى. ئورمانلىققا خاسىڭ، خۇڭشۇ، لازا كىرىشتۈرۈپ تېرىش ۋە باغدا توخۇ بېقىشتىن ئاشۇرۇلغان كىرىم 1 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. غۇلجا شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېڭ جۈن ئۆزگىرىشلەرنى مۇنداق خۇلاسىلىدى: «قۇم - بوران ئازايدى، ھاۋا نەملەشتى، ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل قاتارلىق ئون نەچچە خىل ھايۋان قايتىپ كەلدى.»

زىيارەت داۋامىدا مۇخبىر مۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى بۇ تۇپراقتا ئابستراكت ئۇقۇم بولماستىن، بەلكى تۈپ - تۈپ يۇلغۇن، تۈپ - تۈپ توغراق، پارچە - پارچە ئۈستىقۇددۇسلۇققا ئايلانغان، ئاممىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم ۋە ئىشلەش غەيرىتىگە ئايلانغانىدى. بۇ «كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش» يولى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا ئۇزارتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېشىللىق جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقماقتا ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.