تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار دەۋر سەھنىسىگە چىقتى

—— «دېڭ زۇەنشيەن يولىدا قايتا مېڭىش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (4)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شياۋ چۇنفېي، جەزىرە نېسىپبېك، نەفىسە نەبى

جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلانغىنىڭىزدا، ئاياللارنىڭ بىر يارقىن مەنزىرە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئېتىزلاردا ئەمگەك قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا ئۇلار بار، زاۋۇت سېخلىرىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلار ئارىسىدا ئۇلار بار، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش نەق مەيدانىدا، تېخنىكا مۇلازىمەت بىرىنچى سېپىدە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ئورگان - مەكتەپلەردە ئۇلار بار... ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە، ھەممىلا جايدا ئۇلارنىڭ جانلىق، ئىشەنچكە تولغان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

دەۋرنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىنى 100 يىللىق ۋاقىت كوردىناتىغا قويۇپ قارىغاندا، كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، دېڭ زۇەنشيەن قاغىلىقتىن يولغا چىقىپ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك يول يۈرۈپ، ھەر كۈنى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى، ئويلىغانلىرىنى خاتىرىلەپ، «قاغىلىق - دىخۇا سەپىرى خاتىرىسى» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققانىدى، مول مەزمۇنلۇق بۇ كىتابنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى، بىرى يەكەندە شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆل سۈيى ئىچكەنلىكتىن بوينىدا پوقىقى بارلىقى خاتىرىلەنگەنىدى، يەنە بىرى تىيانشاندىن ھالقىپ تۇرپانغا كېلىش جەريانىدا: «ئىدىقۇتنىڭ ئۈزۈمى، قومۇلنىڭ قوغۇنى تاتلىق، كۇچا قىزلىرى گۈلدەك چىرايلىق» دېگەن بىر مىسرا خەلق قوشىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەنىدى.

قىسقىغىنا بىرنەچچە تەسۋىر كونا دەۋردىكى ھەقىقىي قىيىنچىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. 100 يىل ئىلگىرى، جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك سەل قارىلاتتى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىدى. دەۋر چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىدە، شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ئۆيدىن چىقىش، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى، كىشىلىك ھاياتتىكى تاللاش يولى قاتمۇقات توسالغۇغا ئۇچرىغانىدى.

100 يىل ۋاقىت ئاستا - ئاستا ئۆتۈپ، جاھاندا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار تارىختىكى جىمجىتلىق ئىچىدىن ئۈزۈل - كېسىل مېڭىپ چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالدى، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلىدى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئاياللار تەقدىرىدىكى زور ئۆزگىرىش دەل مۇشۇ تۇپراقنىڭ كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقانلىقى، جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق دەۋر ئىزاھاتى.

ئىجتىمائىي كاپالەت تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ غەيرەتكە تولۇپ ياشاش

35 ياشلىق ھۆرىگۈل نۇراق مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازىرى سەكسەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئۇ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلىگەندە، كەنتنىڭ ئارقىدا قالغان ئىچىملىك سۇ شارائىتى ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى. ئۇ چاغلاردا كەنتتە يەر ئاستى سۈيى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەممە ئائىلىلەر يىل بويى ئېرىق سۈيى، كۆل سۈيى ئىچەتتى، سۇ سۈپىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى. قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچكەندىن كېيىن، ئوڭايلا ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلەتتى، ئەمما ئەينى چاغدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ئاجىز بولغاچقا، بەدىنى بىئارام بولسىمۇ دوختۇرخانىغا كېسىلىنى كۆرسىتىشكە ئىنتايىن ئاز باراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىجىل ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، سۇ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولدى؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، يېزا ئاياللىرىنى «ئىككى خىل راك كېسىلى» بويىچە ھەقسىز تاسقاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئېشىپ، يېزا - كەنت ئاياللىرىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم توسۇق بەرپا قىلىندى.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ بېشىدا، سەكسەن كەنتى 35 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان 200 نەپەر ئايالنى تەشكىللەپ «ئىككى خىل راك كېسىلى» بويىچە ھەقسىز تاسقاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ھۆرىگۈل بىرىنچى ۋاقىتتا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. «ھازىر ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىق قارىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كەنت ھەر پەسىلدە، ھەر يىلى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ، ھەرقانچە ئالدىراش بولساقمۇ ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشىمىز» دېدى ئۇ.

مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدار ئۈلگىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ماھىنۇر نىياز كۆپ يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. 2006 - يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم ئەترەت باشلاپ يېزىلارغا بېرىپ تاسقاپ تەكشۈرگەندە، كۆپ ساندىكى يېزا ئاياللىرىدا ئىلمىي تونۇش كەمچىل بولۇش، كۆڭلىدە ئەندىشە بولۇش، ياخشى ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ناھايىتى جاپالىق بولغانىدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىدىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق، سالامەتلىكنى تاسقاپ تەكشۈرۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش خېلى بۇرۇنلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلانغانىدى. سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تاسقاپ تەكشۈرۈلۈپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق 2006 - يىلىدىكىدىن %60 تۆۋەنلىگەن، ئاممىنىڭ ساغلاملىق بەخت - سائادىتى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تەن ساغلاملىقىنى قوغداپلا قالماي، ئاياللارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە غەيرىتىگە تىرەك بولدى. «ھازىر بىز دادىل ياسىنىدىغان، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، ئەركىن كىيىنىدىغان، تۇرمۇشنى ئازادە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. ئائىلىلەردە زىددىيەت كۆرۈلسە، ئارازلىشىپ قالساق، كەنت ئاياللار بىرلەشمىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ مۇرەسسە قىلىپ، ھوقۇق - مەنپەئىتىمىزنى قوغدايدۇ. تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى خاتىرجەم بولدى، بارغانسېرى غەيرەتكە تولدۇق» دېدى ھۆرىگۈل ھاياجانلانغان ھالدا.

ساغلاملىق كاپالىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش بىلەن بىللە، باراۋەرلەشكەن مائارىپ سىياسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىزلارنىڭ بىلىم ئېلىش تەقدىرىنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى.

ھۆرىگۈلنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ھېلىھەم ئېسىدە، كۆپلىگەن قىزلار ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن بالدۇرلا توختاپ دېھقانچىلىق قىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلار يىل بويى ئائىلىلەرگە كىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئاتا - ئانىلارغا قىزلىرىنى دەرسخانىغا قايتۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى. «ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇسى يوق ئەمەس، ئائىلە شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، ئائىلىسىگە قايتىپ ئىشلىمەكتىن باشقا ئامالى يوق» دېدى ھۆرىگۈل.

تەقدىرنىڭ ئۆزگىرىشى سىياسەت ئىللىق نۇرىدا ئەمەلىيلەشتى. دادىسى بالدۇر ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەن، ھۆرىگۈلمۇ ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدا مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، يېزا - كەنتتىكى قىزلار ئوقۇشتا ئائىلە قىيىنچىلىقىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدىغان بولدى، ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ، داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، «ئاياللار تولۇق ئوقۇيالمايدىغان، ئوقۇشى قىيىن بولغان» كونا قىياپەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى. ھۆرىگۈلنىڭ ئىككى قىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى تىرىشىپ پۇل تېپىپ، قىزلىرىنى داشۆنى ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ پۈتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ مېڭنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەسىراتى ئىنتايىن چوڭقۇر. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئوقۇشتىن توختاپ قالغان قىزلارغا مەكتەپكە قايتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار بېقىنىش سالاھىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مەردانە ھالدا جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.

ئىقتىسادىي كىرىمنى قولدا تۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ كەڭ مەنزىلىنى ئېچىش

خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئۇلنى مۇستەھكەملىدى، ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللارنى كىشىلىك ھاياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ھەقىقىي ئىگە قىلدى. مۇقىم كىرىم، ئۆز ئالدىغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇلارنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش تۇراقلىق شەكلىدىن ھالقىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كەڭ، تاللىشىنى تېخىمۇ كۆپ خىل، قىممىتىنى تېخىمۇ جۇلالىق قىلدى.

تۇمشۇق شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ تاڭجىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك پاختا بايلىقىغا تايىنىپ، 1500مو كۆلەمدىكى ئاقىل بولغان پايپاق توقۇش كەسىپلەر باغچىسى قۇردى، 8500 دانە پايپاق توقۇش ماشىنىسى ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىپ، كۈنىگە 2 مىليون 500 مىڭ جۈپ پاختا پايپاق ئىشلەپچىقاردى، مەھسۇلاتلىرى 22 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى. باغچە رايونىدىكى 1200دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى.

يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشتەك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، كارخانىلار «ئائىلىۋى ھۈنەرخانا» ئەندىزىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئائىلىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ، تېخنىكا جەھەتتىن پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلدى، شۇنداقلا كەنت(مەھەللە)، ليەندۈي مەيدانلىرىغا تايىنىپ مەركەزلىك ئىشلەپچىقارسىمۇ بولىدىغان بولدى. نۆۋەتتە، ھۈنەرخانا تۇمشۇق، ئاقتۇ، پوسكام قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى 900دىن ئارتۇق ئائىلىنى قاپلاپ، 3000دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

23 ياشلىق گۈلەمبەر ئابلا بىلەن ئاچىسى باغچە رايونىدا ئىشلەيدۇ. «ئۆيۈمگە يېقىن، چىقىم ئاز، ئىشلىگىنىمگە بىرنەچچە يىل بولمايلا ئۆزۈم پۇل يىغىپ كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم.» ئاددىي سۆزلەر يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنت ئاياللىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ يادرولۇق بولغان ئىشەنچ ئاساسى. يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرى كورىۋات كەنتىنىڭ ئاھالىسى نۇربىيە تۇردىمەتنىڭ ئېرى يىل بويى سىرتتا تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتى. نۇربىيە ئۆيىدە تۇرۇپ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، ئائىلىسىنىڭ يېرىنى ئۈچ مودىن سەككىز موغا كېڭەيتىپ تېرىپ، بادام، سەبدەرگۈلنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرۈپ، مول ھوسۇل مەزگىلىدە ئىشچى ياللاپ يىغىپ، بىرتۇتاش سېتىپ، ئائىلىسىگە كىرىم ياراتتى.

دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، نۇربىيە يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلىدى. «بۇ يىل مەن B تۈردىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئالدىم، كىچىك ئوغلۇم يەنە ئازراق چوڭ بولسا، مەن يەنە A تۈردىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئېلىپ تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ۋاقتى كەلگەندە ئېرىمغا ئوخشاش كۆپ پۇل تاپىمەن.» ئۇنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازىدىن ھازىرقى زامان ئاياللىرىدىكى ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان بولۇپ تۇراتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئايال بارغانسېرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىدە بۆسۈش قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىدى. 90 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى بۇخەلچەم سەمەت يېزا - بازاردا كىچىك تىپتىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى ئېچىشتىن ئىش باشلاپ، كىيىم - كېچەك كەسپىدە قەدەممۇقەدەم چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ئۇ قۇرغان كارخانا ياراتقان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، زور بىر تۈركۈم ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كۇچا شەھىرىنىڭ كۈسەن تار كوچىسىدا، كۈسەن تار كوچىسىدىكى ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش ھۈنەرخانىسىدا قايناق كەيپىيات ئەۋج ئالغانىدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان ما شياۋيەن باشلامچى بولۇپ سۇپا قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئايال قول ھۈنەرۋەنچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە توپلىدى، بۇ ھۈنەرخانا مەدەنىيەت - ساياھەتنى ھېس قىلىش، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ ئىگىسى نۇرگۈل مەمەت ئۇزاق مەزگىل ھۈنەرخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۇپىغا تايىنىپ يېڭى شەكىلدىكى لايىھە - نۇسخىغا ئېرىشىپ، ئېستېتىك ئىقتىدارى، تىكىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىگىلىك تىكلەپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئېڭى سىجىل ئويغاندى. كۇچا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى نۇربىيەم مامۇت يىل بويى ئاساسىي قاتلام قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتتى، ئۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇننى چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولدى.»

ھازىرقى زاماندىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئاياللىرى ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ يېپيېڭى كەلگۈسىگىمۇ تىرەك بولماقتا.

قىزىقىش ئۇرۇقىنى چېچىپ، يېزا - كەنتتىكى قىزلارنىڭ كەلگۈسىگە تىرەك بولۇش

بالىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا گۈزەل دەۋرنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى. بىڭتۇەن 3 - شى 51 - تۇەن 6 - ليەنگە جايلاشقان تاڭجىن بىلىم ئورنىدا گۈزەللىك تەربىيەسى، ئارزۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە دائىر بىر مەيدان ئۆزگىرىش يېزا - كەنتتىكى قىزلاردا تەدرىجىي يۈزبەرمەكتە.

شىنجاڭ تاڭجىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېنماۋ تاڭجىن بىلىم ئورنىغا كىرگەندە، 40 نەچچە بالا ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، جاراڭلىق ئاۋازدا «ماۋزى تاغا، بىز سىزنى سېغىندۇق» دەپ توۋلاشتى. بىلىم ئورنىدا قىزلار يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ۋە كۈلكە - چاقچاققا تولغانىدى، بۇ جايدىكى بىرنەچچىلا ئوغۇل بالا ئەكسىچە «ئاز سانلىقلار»غا ئايلىنىپ قالغانىدى.

تاڭجىن بىلىم ئورنى جاڭ ۋېنماۋ ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ غەم ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بەرپا قىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەرسخانىسى بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، ھەپتە ئاخىرى، قىشلىق، يازلىق تەتىللەردىن پايدىلىنىپ خەتتاتلىق، مۇزىكا، رەسىم سىزىش قاتارلىق قىزىقىش كۇرسلىرىنى تەسىس قىلغان. جاڭ ۋېنماۋنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇشتىن توختاپ ئىشلەش كەچۈرمىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ يېزا - كەنتتىكى ئوقۇشى تەس بولۇۋاتقان بالىلارغا بەكلا ئىچى ئاغرىيتتى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە مائارىپتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشتا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتتىكى بالىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئۆسۈپ يېتىلىش سۇپىسى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا تاڭجىن بىلىم ئورنىدىن سەككىزى قۇرۇلدى، بۇ، يېزا - كەنتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ بالىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك گۈزەللىك تەربىيەسى دەرسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

12 ياشلىق مۇنەزەر ئەكبەر بىلەن 13 ياشلىق مەلىكەم تۇرسۇن بىلىم ئورنىدىكى ئازراق نامى بار ھەمراھلار. بىرى خەتتاتلىققا، بىرى ناخشا ئېيتىشقا ماھىر، ئىككى قىزچاق يەنە بىرلىكتە «پارلاق يول» پىروگراممىسى سەھنىسىگە چىققان بولۇپ، يېزا - كەنتتىن چىقىپ، كەڭ دۇنيانى كۆردى.

بالىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانىنىڭ قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇنەزەرنىڭ ئاپىسى رەيھانگۈل ھەسەن ئۈچ يىل ئىلگىرى تېخى ئۆيدە تۇرۇپ ئائىلىسىدىن تولۇق خەۋەر ئالىدىغان ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يېرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۈچ قىزىغا مۇستەقىل ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان ئۈلگە تىكلەپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئائىلىۋى ھۈنەرخانىغا بېرىپ ئىشلەپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەمراھ بولۇپ كۈندىلىك پايپاق پىششىقلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ مۇقىم كىرىم قىلدى.

«مەن ئۈچ قىزىمغا قىز بالىنىڭ باشقىلارغا تايانماسلىقىنى، چوقۇم ئۆزىگە تايىنىپ، ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولۇپ، ئۆز قىممىتىنى يارىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىدىم» دېدى رەيھانگۈل. ئۇنىڭ ئارزۇسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېڭى دەۋردىكى سانسىز ئانىلارنىڭ ئورتاق تونۇشى. قىزىنىڭ بىلىم ئورنىدا خەت يېزىشنى مەشىق قىلىپ ھۈنەر ئۆگىنىپ، سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلىغانلىقىنى كۆرۈپ، رەيھانگۈل ئىنتايىن خۇشال بولدى.

ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بىلىم ئورنىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى يۇرتىغا قايتقان ياشلارنى يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا جەلپ قىلدى. 25 ياشلىق شەھىدە مەمەتئېلى مۇنەزەرنىڭ خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىسى. ئەينى يىلى ئائىلىسى تىراكتورنى سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ داشۆدە ئوقۇش پۇلىنى غەملىگەچكە، ئۇ پۇرسەتنى ناھايىتى قەدىرلىدى. 2022 - يىلى، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى(شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى)نى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يېزا - كەنت ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەرسخانىسىدا يىلتىز تارتتى.

«بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدا، قىزىقىش كۇرسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىز پەقەتلا يوق ئىدى. ھازىر بىلىم ئورنى مەيدان، قەلەم - سىياھ، ئوقۇتۇش قوراللىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، يەنە دائىم بالىلارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىدۇ. قىشلىق، يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەنلا، ھەر كۈنى 40 - 50 بالا دەرسكە كېلىدۇ، كەيپىيات قىزغىن بولۇپ ھەممىسى ئۈمىدكە تولىدۇ» دېدى شەھىدە.

شىنجاڭ تاڭجىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇسسۇل، پىيانىنو، خەتتاتلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە دائىملىق تەشكىللەپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، يۈكسىلىشىگە كۈچ قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، شەھىدە موي قەلەم خەتتاتلىقى بويىچە 6 - دەرىجىلىك كىنىشكىگە ئېرىشتى، سىنىپتىكى نۇرغۇن قىزلارمۇ ئالاقىدار دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

100 يىل ئىلگىرى تارىخىي كىتابلاردا ئاددىيلا تىلغا ئېلىنىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە يىلتىز تارتىپ، ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىشقىچە؛

دوختۇر ۋە ئاساسىي دورىلار كەمچىل بولۇش، داۋالىنىش كاپالىتى ئاز بولۇش، ئوقۇش يولى بولماسلىقتىن كاپالەت ئەتراپلىق بولۇش، تولۇق غەيرەتكە كېلىشكىچە؛

بېقىنىپ ئۆيدە تۇرۇپ پاسسىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش، ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكىچە.

ھەربىر روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتىكى ياش كۈلۈمسىرىگەن چىرايلار، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ھەربىر كۈرەش ھېكايىلىرى دەل دەۋر غايەت زور ئۆزگىرىشىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ جانلىق ئىزاھاتىدۇر. ۋاقىتنىڭ توختىماي ئۆتۈشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار تارىخنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، باتۇر قىياپەت بىلەن ئۆزىگە تەۋە دەۋر سەھنىسىدە مەزمۇت تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.