تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى! ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 79 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى جەمئىي 79 مىليارد 24 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.11 ئاشقان، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 27 مىليارد 840 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %35تىن ھالقىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.92 ئاشقان.

دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر لىنىيە»سى ۋە مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە، شىنجاڭ «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان سەككىز ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان بەش لىنىيە» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقتى، رايون ھالقىغان توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتتىن بۆسۈپ ئۆتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سانجى - گۇچۈەن، قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ، قومۇل - چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە جەمئىي 70 مىليارد 585 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %89.32ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق لىنىيە بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كېڭەيتىلىپ، يېشىل توكنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسى پۇختىلاندى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 267 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 173 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %65 بولدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئېشىش، يېشىل توكنىڭ سۈپىتى ئۆسۈش، دائىرە كېڭىيىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، توك يەتكۈزۈش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىدى ھەم تۇنجى قېتىم مېڭدۇڭ ئېلېكتىر تورىغا توك يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2 - پەسىلدە، شىنجاڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىقى مول بولغان مەزگىلگە كىردى، شىنجاڭدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ كۈچ چىقىرىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆلكە ھالقىغان توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى، يېڭى ئېنېرگىيە شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارىنى كۆپەيتىشتىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالدى.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمنىڭ توك ئىشلىتىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىنات - ئېھتىياج تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇردى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن 79 مىليارد 24 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى تەخمىنەن 70 مىليون 370 مىڭ ئادەمنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن؛ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 27 مىليارد 840 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، تەخمىنەن 5 مىليون 870 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قالغانغا، تەخمىنەن 15 مىليون 840 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە، 700 مىليون تۈپتىن ئارتۇق دەل - دەرەخ تىكىش ئۈنۈمىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.