تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كورلا شاڭخۇ - چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى چۆللۈكتە، نەچچە مىليون پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا قېنىق كۆك رەڭلىك نۇر چېچىپ تۇراتتى. 35 مىڭ مو كېلىدىغان بۇ كۆك رەڭلىك سەپ تارىم نېفىتلىكى شاڭخۇ - چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش 1 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 6 - ئايدا بۇ تۈر يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى. ئۇزۇنلۇقى 34.4 كىلومېتىر كېلىدىغان مەخسۇس توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى بۇ يورۇقلۇق ۋولت بازىسى بىلەن مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 - قارارلىق تۈرىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا بىۋاسىتە يەتكۈزىدۇ.

6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 267 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 173 مىليون كىلوۋات بولۇپ، %65نى ئىگىلىدى. يېشىل توك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئىشلىتىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسلىقى ئىككى يول ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇردى: بىرىنچى، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق چوڭ لىنىيەسىگە تايىنىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارغا يەتكۈزدى؛ ئىككىنچى، رايون ئىچىدىكى ئېلېكتىر تورىغا تايىنىپ، بازارلاشقان سودا ۋە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تەڭشەش مېخانىزمى ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ ئىشلىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقتى.

لېكىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇلۇش دەۋرىيلىكى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى تەسكە توختىدى، رايون ئىچىدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى چەككە يىقىنلىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا زور مىقداردىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەر توپلاندى، بۇ كەسىپلەر ئېنېرگىيە بازىسى بىلەن قوشنا بولسىمۇ، ئېلېكتىر تورىدا بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش سېتىش مېخانىزمىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئەتراپتىكى شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتەلمىگەنىدى.

يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش دەل شىنجاڭ سىستېمىلىق ئىسلاھات تەپەككۇرى ئارقىلىق بۇ قۇرۇلمىلىق زىددىيەتكە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭ لايىھەسى».

«تارقىتالايدىغان» بولۇپلا قالماي، يەنە «ئىشلىتىۋېتەلەيدىغان» بولۇش

يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشنىڭ «بىۋاسىتە»لىقى قەيەردە؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاممىۋى چوڭ ئېلېكتىر تورىدا بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش سېتىشقا ئۇلانمايدۇ، بەلكى ئۆزى بىر مەخسۇس لىنىيە قۇرۇپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يەتكۈزۈش شەكلىدە توكنى زاۋۇت ياكى باغچە رايونىغا يەتكۈزىدۇ.

ئەنئەنىۋى يول بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىشتە «مەيدان - پونكىتتا بېسىمنى ئاشۇرۇش − چوڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاش − كۆپ دەرىجىلىك بېسىم ئۆزگەرتىپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش − ئاخىرقى ئۇچ ئابۇنىچى»دىن ئىبارەت بىرقەدەر ئۇزۇن جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسى چىقارغان توكنىڭ بەزىدە تورغا كىرىشى تەسكە توختاپ، خېرىدارلار دائىم شامال ئېلېكتىر توكى، يورۇقلۇق ۋولت توكىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىدىغان ئەھۋال كۆرۈلەتتى.

يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشتا يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىندى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەخسۇس لىنىيە ئارقىلىق ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئابۇنىچىنى نۇقتىدىن نۇقتىغا بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىۋى ئېلېكتىر تورى بىلەن پەقەت ئۇلاش ئېغىزىدىلا چەكلىك ئۇلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. توكنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، تەمىنلەش قولايلىق، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئاسان.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ ئەندىزىنى تۈزۈم رامكىسى بىلەن تەمىنلىدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەتراپ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش - پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يېقىن ئەتراپتا يەككە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئابۇنىچىسىنى بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا «يۈككە ئاساسەن مەنبەنى بېكىتىش» پىرىنسىپى بېكىتىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش لوگىكىسىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پىرىنسىپتا: ئاخىرقى ئۇچ ئابۇنىچىنىڭ ئەمەلىي توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە يۈك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمى ۋە ساقلانغان ئېنېرگىيەنى تەقسىملەشنى تەتۈر يۆنىلىشتە پىلانلاپ، توك مەنبەسى ۋە يۈك كۆتۈرۈشچانلىقىنى ماس قەدەمدە پىلانلاش، ماس قەدەمدە قۇرۇش، ماس قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى. ساھە زاتلىرى بۇنى «تاماق زاكاز قىلىدىغان ئادەم بولسا ئاندىن تاماق ئېتىش»كە ئوخشاتتى.

بۇ «بايلىق ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»تىن «ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش»قا قاراپ چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىش.

«شىنجاڭ تۇنجى بولۇپ كۆپەيمە توك تەقسىملەش تورى بىلەن يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن ئۆلكە - ئاپتونوم رايون.» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى پىلانلاش - لايىھەلەش باش ئورنى پاكىز ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىق ياردەمچىسى ۋاڭ نىڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەۋزەل يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر توپلىشىشتىن ئىبارەت قوش شارائىتنى ھازىرلىغان، يەنە سىياسەت مۇھىتى سىجىل ئەلالاشقان بولۇپ، يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش ھەم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ھەم رېئال بېسىمنى ھەل قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. گېنېراتورلار كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، ئىشلىتىش بېسىمىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يۈرۈشلەشكەن سىياسەتتە ئۈچ خىل مۇھىتتا يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشنى ئالدىن يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتتى: كۆمۈر يېقىلغۇسى، تەبىئىي گاز يېقىلغۇسىغا ئىگە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ساقلانما يۈكى (يېشىل توك ئارقىلىق ئوت ئېلېكتىر سەرپىياتىنى ئازايتىش)، ئېكسپورت، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ساقلانما يۈك (خەلقئارا كاربون تاموژنا بېجىغا ماسلىشىش)، دۆلەت دەرىجىلىك نۆل كاربونلۇق سانائەت باغچە رايونى دائىرىسىدىكى ساقلانما يۈك، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىشتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى سەرپىياتلىق كەسىپلەردە يېشىل توك ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

بۇ يىل 4 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت تۈرى رەسمىي قوزغىتىپ يولغا قويۇلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 630 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، غۇلجا شەھىرى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شايار ناھىيەسى ۋە كۇچا شەھىرىگە تارقالغان، ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت - تەبىئىي گاز، نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق يۇقىرى سەرپىياتلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى قاپلىدى.

ئىلىدا، شىنتيەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 50 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش تۈرىنى قوزغاتتى. بۇ تۈر يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك يېشىل ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 105 مىليون كىلوۋات سائەت بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل توك كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدا توك ئىشلىتىشكە بىۋاسىتە تەمىنلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش بىلەن سانائەتتە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تاخې نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش تۈرىدە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى قۇرۇلمىسى رايونىغا كىرگۈزۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈردە ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېشىل توك ئىستېمالى تەخمىنەن 320 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، بۇ، 193 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر ئىكەن.

ئەڭ ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مىسال جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى ئاقسۇ شايار ناھىيەسى فۇمەن رايون بۆلىكىدىن كەلگەن. يىللىق نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4 مىليون 600 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان فۇمەن نېفىتلىكىدىكى كاچالكا، سۇ بېرىش پونكىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىنىڭ توك سەرپىياتى ناھايىتى زور. ئىلگىرى، بۇ يۈك تورلاشقان توك ۋە ئۆزىدە بار يېقىلغۇ گازدىن توك چىقىرىشقا تايىنىپ ھەل قىلىناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، نېفىتلىك چۆللۈكتە 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، 20 مېگاۋات \ 80 مېگاۋات سائەتلىك زاپاس ئېنېرگىيەنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مەخسۇس لىنىيە ئارقىلىق يېشىل توكنى نېفىتلىك مەيدان پونكىتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان توكنى يېشىل توكقا ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىلدى.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى «شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ نۆل كاربونلۇق باغچە رايونى ئىچىدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى سودىغا قاتنىشىش مۇلازىمەت كۆرسەتمىسى»نى ئېلان قىلىپ، باغچە رايونى ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئابۇنىچىلىرى، تارقالما توك مەنبەسى، مۇستەقىل ئېنېرگىيە ساقلاش، مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈردىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە قارىتا، بازارغا كىرىش ئىجازىتى، سودا شەكلى، ئۆلچەم راسچوتىدىن يېشىل توك كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش، نامىغا يۆتكەشكىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە ساھەدە ئەڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى شۇكى يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش تۈرىنىڭ بازار سالاھىيىتى، سودا پاسىلى، يېشىل توك كىنىشكىسىنىڭ تەۋەلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مەملىكەت بويىچە نۆل كاربونلۇق باغچە رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە مۇتلەق ئېھتىياجى بار يۇقىرى سەرپىياتلىق كارخانا، يېڭى ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ بۇ مۇلازىمەت كۆرسەتمىسى ناھايىتى يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

«بىرگە بىر» بولۇشتىن كۆپ خىل ئەندىزىگىچە

شىنجاڭنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش ئەمەلىيىتى «بىرگە بىر» بولۇش ئاددىي ئەندىزىسى بىلەنلا توختاپ قالمىدى.

5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆپ ئابۇنىچىغا يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش تۈرىنى ئېلان قىلدى، بۇلار قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسى ھېسابلاش كۈچىدە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى (1 - قارار) بىلەن قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى (1 - قارار). بۇ ئىككى تۈرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 160 مىڭ كىلوۋات (شامال ئېلېكتىرى 40 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت 120 مىڭ كىلوۋات) بولۇپ، ئاساسىي يۈك ئوخشاشلا سانلىق مەلۇمات مەركىزى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى تەخمىنەن 263 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك ئىشلىتىلىدۇ.

كۆپ ئابۇنىچى ئەندىزىسى بىر يېشىل توك لىنىيەسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا باغچە رايونىدىكى نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، كۆلەم ئۈنۈمى ۋە سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

ھېسابلاش كۈچىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى. ئاراتۆرۈك ناھىيەسى ھېسابلاش كۈچىدە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھېسابلاش كۈچى كۆلىمى 21000Pغا يەتتى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى تىپىك ئەلا سۈپەتلىك يۈككە تەۋە بولۇپ، توك ئىشلىتىش ئەگرى سىزىقى مۇقىم، يىللىق ئىشلىتىش سائەت سانى يۇقىرى، ئېلېكتىر تورىغا بولغان بېسىمى تۆۋەن، يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشقا دەل ماس كېلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن «يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش، ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش» يۇقىرى ئىقتىسادىي مۇمكىنچىلىكنى ھازىرلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى يېقىن ئەتراپتا توك ئىشلىتىش تىزىملىكىدە، يەنە تېخىمۇ ئىستىقباللىق ھالەت − توردىن ئايرىلغان تىپتىكى يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش بارلىققا كەلدى.

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ توردىن ئايرىلغان شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىرى ھىدروگېن ئېلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 690 مىڭ كىلوۋات (شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىرى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ)، 160 مىڭ كىلوۋات\ 320 مىڭ كىلوۋات سائەت زاپاس ئېنېرگىيە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن، ئاممىۋى ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىل يۈرۈشىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان %100 توك سۇنى ئېلېكتىرولىزلاپ ھىدروگېن ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، يىلىغا تەخمىنەن 30 مىڭ توننا يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يىللىق يېشىل توك ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليارد 650 مىليون كىلوۋات سائەت بولىدۇ.

بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى توردىن ئايرىلغان تىپتىكى يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش تۈرى بولۇپ، بەرپا قىلىنغىنى «شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش - يېشىل ھىدروگېن ئېلىش - ھىدروگېن ساقلاش، ھىدروگېن قاچىلاش - ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقا بولۇپ، كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىش ئىستىقبالى كەڭ.

پۇختا قەدەم تاشلىغاندىلا يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. تورلاشتۇرۇش تىپىدىكى بىرگە بىر بىۋاسىتە تەمىنلەشتىن كۆپ ئابۇنىچى بار باغچە رايونى دەرىجىلىككە بىۋاسىتە ئۇلاشقىچە، يەنە پۈتۈنلەي توردىن ئايرىلغان ھىدروگېن ئېلىش يېپىق ھالقىسىغىچە − شىنجاڭنىڭ يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلىشى ئۈچ ئۆلچەم بويىچە بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلماقتا.

چۆللۈك سۆزلىيەلمەيدۇ، ئەمما ئاشۇ قېنىق كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى ۋە كۈمۈش رەڭلىك شامال گېنېراتورلىرى يېڭى تىل بىلەن يېڭى تەرەققىياتنى سۈرەتلەپ بەرمەكتە. چۆللۈك بىلەن زاۋۇت ئارىسىدىكى بارغانسېرى زىچلىشىۋاتقان يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش لىنىيە تورى بىر بايلىق چوڭ رايونىنىڭ شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيە ئۈستۈنلۈكىنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان كەسىپ ئاساسىغا ئايلاندۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.