تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتاي تېغى ئېتىكى تۇتاشتۇرۇلدى! شىنجاڭدىكى يەنە بىر تاشيولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، دۆلەت يولىG219 لىنىيەسىنىڭ قاناس-قابا-جېمىنەي تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 159.641 كىلومېتىر بولۇپ، ئالتاي تېغى ئېتىكىنى، تاغ-دەريا مەنزىرە رايونى بىلەن چېگرا رايون پورتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قاتناش قۇرۇلۇشى بولۇپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە چېگرا بويىنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، G219 لىنىيەسى قاناس-قابا-جېمىنەي تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى.

  G219 لىنىيەسى قاناس-قابا-جېمىنەي تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرىدە 2024-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان. پۈتۈن لىنىيە 2-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان بولۇپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئويماق بازىرى ئەلامان كەنتى (ھازىرقى G219 تاشيولىنىڭ K204 + 980 ئورنى)دىن باشلىنىپ، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى (ھازىرقى G219 تاشيولىنىڭ K364 + 939.751 ئورنى)دا ئاخىرلىشىدۇ، پۈتۈپ بولغان G219 لىنىيەسى جېمىنەي-قوبۇقسار تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا تۇتىشىدۇ. پۈتۈن لىنىيەدە يېڭىدىن 17 كۆۋرۈك، 224 سۈڭگۈچ، ئىككى ئاسراش رايونى، ئۈچ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى ياسالدى.

  G219 لىنىيەسى قاناس-قابا-جېمىنەي تاشيولى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس مەنزىرە رايونى، قابا ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ جاينى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇ G219 لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭ چېگرا بويىدىكى يول تورىنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچلۇق يول بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، G219 لىنىيەسى قاناس-قابا-جېمىنەي تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. بۇ چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتكەندە يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.

  تاشيولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، رايوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتناش راۋانلىشىپلا قالماي، يەنە «مەنزىرە رايونى + ناھىيە بازىرى + پورت» ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات يولى بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئۇ بىر مەنزىرە يولى بولۇپ، بىر ئۇچى قاناس مەنزىرە رايونى، لىنىيە بويىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يايلاق، چېگرا مەنزىرىسى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يېزا-كەنت ساياھەت تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە بىر ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولى بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى جېمىنەي چېگرا پورتىغا تۇتىشىدۇ، چېگرا بويىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئەشيا ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭ چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئوبوروت قىلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئالتاي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتى جېمىنەي قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى يەنزې بازار مۇنداق دېدى: «G219 لىنىيەسى قاناس-قابا-جېمىنەي تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈچ جايغا بېرىپ-كېلىشتىكى يول يۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، يول ئەھۋالى ۋە بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى».

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.