تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى يېمەك-ئىچمەك يەر بەلگىسى مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، خۇش پۇراق تۆت ئەتراپقا تارىدى، 4-نۆۋەتلىك يىپەك يولى مەدەنىيەت-ساياھەت لوڭقىسى مەملىكەتلىك ئاشپەزلىك ماھارىتى بويىچە ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى) قىزغىن باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «يىپەك يولىدىكى ئېسىل تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش، خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاشپەزلىك ماھارىتى جەھەتتە بەسلىشىش، خەلق ئۆرپ-ئادەت كۆرىكى، ئومۇمىي خەلق ئېغىز تېگىش بىر گەۋدىلەشكەن يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى كاتتا مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلدى.

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاشپەز بەش كىلوگىرام ئۇندىن ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىرلىق جەمئىي 40 تاللىق لەنجوۋ لەغمىنىنى تارتتى، بۇ لەغمەن نەق مەيداندىكى نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى.

مېۋە-چېۋە، كۆكتات شەربىتى ۋە ئۇندىن ياسالغان رەڭگى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئۇن تاماقلىرى.

ئاشپەزلەر ئەتكەن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان قورۇمىلار.

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان قورۇمىلار.

باھالىغۇچىلار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان قورۇمىلارنى باھالىماقتا.
مۇسابىقە مەيدانىدا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 40تىن ئارتۇق ئاشپەزلىك ماھىرى بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسەتتى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە 100دىن ئارتۇق قورۇما تەرتىپ بويىچە نامايان قىلىندى. ماھىرلار ئەنئەنىۋى تەم بىلەن زامانىۋى تاماق ئېتىش ئىجادىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە تائاملارنى ئۇستىلىق بىلەن پىشۇردى.

ئارتىسلار پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

تاماشىبىنلار پائالىيەت نەق مەيدانىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

ساياھەتچىلەر پائالىيەت نەق مەيدانىدا پولۇغا ھەقسىز ئېغىز تەگمەكتە.
پائالىيەت نەق مەيدانىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئاشپەزلىك ھۈنىرى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن باشقا، ئۆزگىچە تائاملار كۆرگەزمە رايونى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاشپەزلىك كۆرىكى، خەلق ئۆرپ-ئادەت ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى. شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزگىچە تائاملارنى ھەقسىز تېتىپ، نەشپۈت شەھىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق ۋە يىپەك يولى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مەززىلىك تائاملار ۋاسىتە قىلىنىپ، يەرلىكنىڭ خەلق ئۆرپ-ئادەت يېمەك-ئىچمەك ماھىيەتلىك مەزمۇنى چوڭقۇر قېزىلپ، مەززىلىك تائاملار كەسپى بىلەن يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىستېمال ھاياتىي كۈچى سىجىل قوزغىتىلىپ، كورلىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىسىم كارتىسى جۇلالاندۇرۇلدى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






