تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېيتۇەن شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

   7-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ياردەم بېرىش باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، مېيتۇەن «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار تىزىملىكى»نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مېيتۇەننىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئېلان قىلغان تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار تىزىملىكى. بۇ تىزىملىكتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 60تىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار سودىگىرى تاللانغان بولۇپ، خېرىدارلار مېيتۇەن Appسىدىن «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار تىزىملىكى»نى ئىزدىسە، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ تەۋسىيە قىلىنغان ئەڭ يېڭى تائاملىرىنى كۆرەلەيدۇ.

مېيتۇەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار تىزىملىكى»نىڭ خاسلىقىنى تونۇشتۇرماقتا.

   كۆپ مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە. ئۈرۈمچى ھەرقايسى جايلارنىڭ تەم جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كوچا-كويلاردا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كونا داڭلىق ماركىلىق تائاملارنىڭ تەمى ساقلىنىپ قالغان. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار مول بولۇپ، كۆپ مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئەنئەنىسى بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ گىرەلىشىپ كەتكەن. قەشقەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئاشپەزلىك ماھارىتى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇش ئىچىدە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. شىخەنزە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى بىلەن يەرلىكتىكى ئۆزگىچە تەمنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك خاسلىقىنى شەكىللەندۈردى.

   پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مېيتۇەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملىرى بويىچە بىۋاستە كۆرسىتىش ئېلىپ باردى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىك ۋارىسلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ ماھارىتىنى نامايان قىلدى. مېيتۇەن مەززىلىك تائاملارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ مەسئۇلى تاڭ شو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېيتۇەن سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش لىنىيەسىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشقان. مېيتۇەن «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار يۈرۈشلۈكى»نى ماس قەدەمدە تورغا چىقىرىپ، كونا داڭلىق ماركىلىق تائاملار كارخانىسى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار داڭلىق ماركىسى بىلەن بىرلىشىپ، كۆپ خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملىرىغا ئالاقىدار كوللېكتىپ سېتىۋېلىش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ بازارغا سالدى.

مېيتۇەن خىزمەتچى خادىملىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا.

   بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى تىزىملىككە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار ماھارىتى ئاساس قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئىستېمال باھاسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش خاسلىقى، دۇكانلارنىڭ دائىملىق تىجارەت سۈپىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئۆلچەملەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاللانغان سودىگەرلەر كىرگۈزۈلگەن. مېيتۇەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن سودىگەرلەرنى ئىزدەش ئېقىم مىقدارى ياردىمى، مەخسۇس تېما، مەخسۇس رايوندا كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق تور تەشۋىقات بايلىقى بىلەن تەمىنلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملىرىنىڭ تارقىلىش تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەمىنى بىلىش ۋە ئۇنى تېتىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.