− 18 - نۆۋەتلىك ياۋروپا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى مۇھاكىمە كۇرسىدىكىلەر شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، سىلوۋاكىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق 15 ياۋروپا دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 18 - نۆۋەتلىك ياۋروپا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى مۇھاكىمە كۇرسىدىكىلەر قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، يېزا - كەنت، مەھەللە، كەسىپلەر باغچە رايونى، مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى ۋە ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، چىراغلار چاقناپ تۇرغان كوچىلار بىلەن ئەركىن - ئازادە يۈرگەن ئاھالىلەر خاتىرجەملىككە تولغان مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتىدە دۇتار، تەمبۇر، غېجەك ۋە داپ تەڭكەش قىلىنىپ، لەرزان مېلودىيە ياڭراپ تۇراتتى. سىلوۋېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمراھ خادىمى ۋېد جېرب پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى: «ئوخشاش بولمىغان چالغۇلار ئوخشاش بىر مۇزىكىدا ماس تەڭكەش قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۆزى دەل جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغانلىقىنىڭ تەسۋىرى.»
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ئېپوسىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزىدە، قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»قا ۋارىسلىق قىلىشتىن مۇھاكىمە كۇرسى ئەزالىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇلار «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. نۇرغۇن ئەمەلىي بۇيۇم ۋە سۈرەت، سىن ماتېرىياللىرى ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئاپەتلىرىنى ھەقىقىي قايتا نامايان قىلدى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تىنچ - ئىناق تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارىتا تېخىمۇ ئەتراپلىق، ھەقىقىي تونۇشقا ئىگە قىلدى.
جەمئىيەت مۇقىملىقى تەرەققىيات ئۈچۈن يۈگۈرۈش يولى ھازىرلاپ بەردى، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا سۈرئەتنىڭ ئاشقانلىقىنى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى ناھايىتى ئېنىق كۆردى.
جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى سىستېمىلىق ئىگىلىدى. قەشقەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چېگرا ھالقىغان سودا، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
بۇلغارىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 3 - دەرىجىلىك كاتىپى ئىۋائىلو گاتېف جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە ئېكسكۇرسىيەدە بولغاندا مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ جايدىن يولغا چىقىدىكەن، جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن. بۇ خىل رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تەڭداشسىز، بىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزدىكى يوشۇرۇن كۈچ غايەت زور.»
كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئوخشاشلا كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسىدا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدىن مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش - ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مۇھىتنى دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئاقىل يېزا ئىگىلىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ قوللىنىلىشى ئوخشاشلا مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرىنى جەلپ قىلىۋالدى، ئۇلار ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.
7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى ئىكەن، ئەگەر راستتىنلا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت بولسا، بۇ ماشىنىلار كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟ بۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بەزى خەۋەرلەردىن ئالغان تەسىراتقا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.
ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىسى ئاخىرقى ھېسابتا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلىشىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - كەنتلىرىدە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى يەنە بۇ خىل بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئاددىي ئىپادىسىنى تاپتى.
قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا شال ئېتىزلىرى تۇتاش كەتكەنىدى، ئاسفالت يوللار ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلغانىدى. كەنتتە «داۋشياڭچۈەن كەنتى» دېگەن ماركا يارىتىلىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى يولغا قويۇلغانىدى، پاكىز، رەتلىك قورۇدا كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇق مېۋە ۋە نانلارنى تىزىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش كاتىپى ئېدىن دىلبېروۋىچ ماڭغاچ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسى، مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى، داۋالىنىش شارائىتىنى سورىدى. بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر كەنتنىڭ قىياپىتى كىشىنى ئالدىيالمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلكىسىدىن ناھايىتى خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرىدىكەن.»
كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئوخشاشلا مۇھاكىمە كۇرسىدىكىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. كەنتتە كەسىپ بار ئىدى، ئۇل ئەسلىھە بار ئىدى، يەنە بىر يۈرۈش ئېنىق بولغان ئىدارە قىلىش رامكىسى بار ئىدى. شىمالىي ماكېدونىيە دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى مارىيا فىدانوۋا مۇنداق دېدى: «كەسىپ تەرەققىياتى پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ئىكەن، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىنچىكە بولۇپ، مۇرەككەپ ئەمەس ئىكەن، بۇ خەلق تۇرمۇشى نەتىجىلىرى ھەقىقىي بولۇپ، قەغەز يۈزىدىلا ئەمەس ئىكەن.»
قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ كوچا باشقارمىسى دۇڭخۇ مەھەللىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى يەنە مۇشۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولدى. پاكىز، رەتلىك تۇرالغۇ مۇھىتى، مۇكەممەل ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئاھالىلەر تەبىئىي ئىپادىلەپ تۇرغان تۇرمۇش پۇرىقىدىن ئۇلار قەدىمىنى قايتا - قايتا توختىتىپ، يان تېلېفوننى ئېلىپ خاتىرە قالدۇردى، شۇنداقلا مەيلى يېزا - كەنتلەر ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى قايتا - قايتا مۇئەييەنلەشتۈردى.
«يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.» ئايرىلىش ئالدىدا، ئېدىن دىلبېروۋىچ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سەپەردە بىز جەمئىيەت تىنچ بولغان، ئىقتىساد جانلانغان، خەلق خاتىرجەم بولغان جۇڭگو شىنجاڭنى كۆردۇق. تېخىمۇ كۆپ ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ جايغا كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»






