تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ جىڭ، شۈ پېڭخاڭ، جوۋ ۋېنچۇڭ

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ شياجۇاڭ كەنتى ئىلگىرى تىك قىيالار ئوراپ تۇرغان، چوڭقۇر ھاڭنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان نامرات كەنت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايدا گەنجۈ بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. 2025 - يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 24 مىڭ 700 يۈەنگە يەتتى.

يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان «پەلەك يولى»نى قېزىپ ياسىدى، گەنجۈ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى... شياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ماۋ شياڭلىن نەچچە ئون يىل قەتئىي چىڭ تۇرۇپ «يول ياساپ بېيىتىش»تىن ئىبارەت قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇردى، «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ماۋ شياڭلىن مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار» بولۇپ تەقدىرلەنگەن ئوبيېكت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇراسىمنى نەق مەيداندا كۆردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىدۇق.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماۋ شياڭلىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا بۈگۈنكى شياجۇاڭ كەنتى بولمايتتى، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى.»

قۇرۇلغان چاغدا ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار بولۇشتىن، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىشقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان قورقماس غەيرەت - شىجائەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدۇق.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە مۇنداق سەپەرۋەرلىك قىلدى: «ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى.»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا، «1995 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ياش ساراي خادىمى لى شياۋلىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.

ئۇ 2021 - يىلى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە خىزمەتكە چۈشكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 20 نەپەردىن ئارتۇق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىنى رەتلەشكە قاتناشتى، 30 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق كۆپلىگەن كۆرگەزمىنى پىلانلىدى، AIدىن پايدىلىنىپ رەڭسىز سۈرەتلەرنى ھەرىكەتچان، رەڭلىك ھالەتكە كەلتۈرۈش قاتارلىق ھەمتۈرتكىلىك قۇرۇلمىلار ئارقىلىق، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە پەن - تېخنىكا بىلەن پارتىيە تارىخى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان كۆرگەزمە كۆرۈش تەسىراتى بېغىشلىدى.

«ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ» دېدى لى شياۋلىڭ.

100 يىل دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.