□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
تومۇز مەزگىلىدە، قاراقۇرۇم تېغىدىن غەلىبە خەۋىرى تارالدى. 2026 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1014.86 ئېشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «يىل ئوتتۇرىسىدىكى جاۋاب قەغىزى»نى تاپشۇردى.
بۇ يەككە مىسال ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال بۆلىكىدىكى كوللېكتىپ كۈچ چىقىرىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئون خىل رەڭلىك مېتالنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى رەڭلىك مېتال كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %94 ئېشىپ، كەسىپنىڭ گۈللىنىش دەرىجىسى سىجىل جانلاندى. شىنجاڭنىڭ جاۋاب قەغىزى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتتى: رەڭلىك مېتال رۇدىسى قېزىش ۋە تاللاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئېشىپ، رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ رەڭلىك مېتال خەرىتىسىدە روشەن شىنجاڭ سۈرئىتىنى نامايان قىلدى.
يىل ئوتتۇرىسى تۈگۈن نۇقتىسى، شۇنداقلا پەشتاق. نەتىجىنى خۇلاسىلەش يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۈنۈمنى ئېدىتلاش كۈچ توپلاپ قايتا جەڭ قىلىش ئۈچۈن. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال كەسپى پۈتۈن يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، كېيىنكى يېرىم مۇساپىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يۈگۈرمەكتە.
مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تولۇق ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئاساسىي ھالەتنى مۇستەھكەملەش
پېچتىكى ئوت ئۆچمىسىلا ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالمايدۇ. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، شىنجاڭ ۋۇشىن مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئېرىتىش - تاۋلاش سېخىغا كىرگەندە، ئايلانما پېچتا مىس ئېرىتمىسىنىڭ قايناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى يۈزگە ئۇرۇلاتتى، مەركىزىي كونترول چوڭ ئېكرانىدا تۈرلۈك پارامېتىرلار پۈتۈن لىنىيە بويىچە مۇقىم ھالەتتە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى - يۈك نىسبىتى %100تىن يۇقىرى ھالەتنى مۇقىم ساقلىغانىدى.
خام ئەشيا تەمىناتى سەل قىس بولۇش، مۇھىت قوغداش چەكلىمىسى كۈچىيىش، بازارنىڭ داۋالغۇشى ئېغىرلىشىش − قاتمۇقات بېسىم ئاستىدا، ۋۇشىن مىسچىلىقى يەنىلا قالتىس نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %136.22 ئېشىپ، تىجارەت نەق پۇل نىسبىتى %110.41نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاساسلىق تىجارەت كۆرسەتكۈچلىرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاشتى.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنىڭ رۇدا تاللاش سېخىدا، كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدىكى ئىشلەنمىگەن رۇدا پارچىلاش، تاسقاپ ئايرىش، ئېغىر ئارىلىق ماددىنى ئايرىش ئارقىلىق، تەدرىجىي ھالدا كۈمۈش رەڭلىك لىتىيلىق پىروكسېن ساپ رۇدىسىغا ئۆزگەردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، كارخانىنىڭ ئىشلەنمىگەن رۇدا مەھسۇلات مىقدارى بويىچە يىللىق پىلاننىڭ %59.12ى، لىتىيلىق پىروكسېن رۇدىسى مەھسۇلات مىقدارى بويىچە يىللىق پىلاننىڭ %52.09ى ئورۇندىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.
ئالتۇن مۇسابىقە يولىمۇ ئوخشاشلا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا كىرىشتى. غەربىي قىسىم ئالتۇن پاي چەكلىك شىركىتى ساھەنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، سېتىش قوراللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى. شىركەت قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى تىيانشان شىڭگۇي مېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ سىرتتىن سېتىۋالغان بىرىكمە ئالتۇن كەسىپ مىقدارى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، كەسكىن رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلىدى.
كارخانا كۈچەيسە، كەسىپ كۈچىيىدۇ. شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال كەسپىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا يەنە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى: سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %134.24 ئاشتى، تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %123 ئاشتى، پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %709 ئاشتى. مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، تىجارەت ئۈنۈمى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىدا قەدەم پۇختا، كۈچلۈك بولدى.
ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق ئۇرغۇتۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا، بىر يۈرۈش ئىنچىكىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈۋاتقانلىقى بار. ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تولۇق ئىشلەپچىقىرىش شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال كەسپىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئىشەنچىگە ئايلانماقتا.
يېڭىلىق يارىتىپ ئېنېرگىيە توپلاپ، ئېشىش قۇتۇپىنى قوزغىتىش
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجىلەر قەيەردىن كەلگەن؟ بۇنىڭ جاۋابى قۇدۇق ئاستى، تەجرىبىخانا، تۈر نەق مەيدانىغا يوشۇرۇنغان.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك موتور.
غەربىي قىسىم ئالتۇنچىلىقى قاراماي «خاتۇ» ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كان رايونىدا، قالدۇق كاننىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن قىسمىدىكى رۇدا ياتمىسىنى يىغىۋېلىش تېخنىكىسىنى سانائەتلەشتۈرۈپ قوللىنىش تاماملىنىپ، ساختا تەگلىك قالدۇرماي بىخەتەر يىغىۋېلىش، كونا كان رايونىدىكى قۇرۇلمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۈنۈمسىزلىنىش زىيىنىنى دەل جايىدا كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىيىن ئۆتكەلگە بىراقلا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، كان رۇدا ياتمىسىنى يىغىۋېلىش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئاشتى. بۇ تېخنىكا كان مۇلازىمەت يىل چېكىنى ئۇزارتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئوخشاش تۈردىكى كونا كان رايونىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشنى كۆپەيتكىلى بولىدىغان «شىنجاڭ لايىھەسى» بىلەن تەمىنلىدى.
ئاقتۇ كېباڭ مانگان كەسپىي ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس بەنى ئېلېكتىرولىزلانغان مېتال مانگان تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى جىددىي ئالغا سىلىجىتىۋاتقان بولۇپ، تەجرىبىخانىدىكى «مانگان بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش» تۈرىدە ئاچقۇچلۇق ھۈنەر - سەنئەت سىنىقى ۋە مانگان رۇدىسىنى ئۇدا چىلاپ چىقىرىشقا دائىر ئارىلىق سىناقنى تاماملاپ، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تەدرىجىي يېقىنلاشتى. مانگان كەسپى شىنجاڭنىڭ رەڭلىك مېتال بۆلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، كېباڭ مانگان كەسپىي ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ھۈنەر - سەنئەت بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىسىلا، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، مانگان كەسپىدە يېشىللاشتۇرۇش، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈشكە قەدەم قويۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شىنجاڭ شىنشىن كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى دىققەتنى مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش پۈتۈن زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇدۇق ئاستىدا تىرەك قويۇپ قوغداش، قېزىش، پارتلىتىش يېڭى ھۈنەر - سەنئىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، قۇدۇق ئاستى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، توشۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق رەقەملەشكەن سىستېمىنى تۈركۈمگە ئايرىپ ئىشقا كىرىشتۈردى، كاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
ئەگەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېسەك، ئۇنداقتا تۈر قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى «سۇ ساقلاش كۆلچىكى». قارچار فىتورىت كېنى تۈرىدە ئاساسىي قۇرۇلۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تېزلىتىلدى − شىنجاڭ خۇائوۋ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئاچقان دۆلەت ئىچىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ يەككە كىرىستاللىق فىتورىت كېنىنىڭ زاپاس مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان يەككە كىرىستاللىق فىتورىت كېنى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %15ىنى ئىگىلەيدۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ فىتور خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا تولۇقلىنىدۇ. قومۇل يەنە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ مىس ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، مىس بايلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى يەنىمۇ قوزغىتىلىدۇ.
كوئېنلۇن تېغىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇشلاردا باسقۇچ خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ داۋاملاشما قۇۋۋىتى سىجىل كۈچەيتىلدى.
ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش
تاغنىڭ قاپتىلىغا كەلگەندە توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، كېمە ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇش كېرەك.
7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق تەلەپ قىلىندى: سانائەت ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جانلاندۇرۇپ، نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۇ ھەم سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، ھەم يول خەرىتىسى.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، رەڭلىك مېتال كەسپى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېنېرگىيە ساقلاش، AI ھېسابلاش كۈچى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر مىس، لىتىي، سىرەك توپا قاتارلىق ھالقىلىق قېزىلما بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە لىتىي كاربونات مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.9 ئاشتى، مىس تەمىناتى - ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇق تەخمىنەن 250 مىڭ توننا بولدى. تەمىنلەش چەكلىمىسى كۈچىيىپ، ئېھتىياج ئەۋرىشىملىكى ئاشتى، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى تېز سۈرئەتتە كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا.
سىياسەت جەھەتتىن قوللاشمۇ قاتلاممۇقاتلام كۈچەيدى.
2026 - يىلى، شىنجاڭ «ئالتە چوڭ ھەرىكەت»نى يولغا قويۇپ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن، قوغۇشۇن - سىنك، مىس، تىتان قاتارلىقلاردا ئىشەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەڭلىك مېتال كەسپىنىڭ يۇقىرى ئېشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. «ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، رەڭلىك مېتال كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جانلاندۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن تىجارەت نەتىجىسى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىدىكى يادرولۇق ئېشىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. سىياسەت پايدىسى سىجىل جانلاندۇرۇلۇپ، رەڭلىك مېتال كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
كارخانا ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى كېيىنكى يېرىم يىلدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش - مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىدۇ. ھەربىر تۈردە پۈتۈن يىللىق نىشاننى كۆزلەپ، ھەربىر قەدەمدە تەرەققىيات رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەيدۇ.
ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغىچە، تەجرىبىخانىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كانلارغىچە، شىنجاڭدىكى رەڭلىك مېتال كارخانىلىرى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ھالىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانماقتا.






