□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە، چۆللۈك تېخى ئۇيقۇدا ياتقان بولۇپ، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۆرۈك ناھىيەسى باي يېزىسىدىكى كارىز مەنبەسىدە گۈرجەك بىلەن يەر قازغاندىكى جاراڭلىق ئاۋاز ياڭرىدى.
قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرى ئەزىم تېغىدىن ئۆتكەندە، كارىز سۈيى ئالتۇندەك چاقنىدى. كەنت ئاھالىسى ئابلىز مەمەتنىياز ئۆستەڭ بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، يىرىك ئالىقانلىرىنى سۇغا تىقىپ، يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىققان سالقىنلىقنى ھېس قىلدى. «سۇ كەلدى» دەپ قەددىنى رۇسلاپ كىشىلەر توپىغا قاراپ توۋلىدى ئۇ، «بۇلاقتىن چىققان سۇ بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ ئىكەن!» كۆپچىلىك شۇ ھامان خۇشاللىق تەنتەنىسىگە جور بولدى.
بۇ، باي يېزىسىنىڭ 36 - قېتىملىق «بۇلاق تازىلاش بايرىمى». نەچچە ئون چاقىرىم دائىرىدىكى يۇرتداشلار كەلدى، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كەلدى، ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىمۇ كەلدى. 300دىن ئارتۇق ئادەم كارىز مەنبەسىنى لىققىدە ئورىۋالدى.
«بۇلاق تازىلاشنى باشلايلى!» باي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى جاڭ نانىڭ ئۈنلۈك توۋلىشى بىلەن، كىشىلەر توپى خۇددى دولقۇن كەبى ھەرىكەتكە كەلدى.
ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئالدى بىلەن تىزىغا كېلىدىغان ئۆستەڭ سۈيىگە سەكرەپ چۈشتى. شياشى ۋاڭ خاۋ بېلىنى ئېگىپ قېتىپ قالغان لاي - لاتقىلارنى سۈزۈپ ئېلىپ قىرغاققا تاشلىغاندا، يۈزىگە لاي چاچراپ كەتتى، ئۇ يۈزىنى سۈرتۈۋېتىپ يەنە ئېڭىشتى. كەنتتىكى رەيھان مەمەت ئانا بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: 36 يىل ئىلگىرىكى تۇنجى بۇلاق تازىلاش بايرىمىدىمۇ مۇشۇنداق «لاي مايمۇن»دەك بىر توپ ئەسكەر بالىلار چارلاپ قايتىپ كېلىپ بىردەم ئارام ئېلىۋالمايلا ئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشكەنىدى، «شۇ چاغدىكى ئۇلار ھازىرقى بۇ بالىلاردىنمۇ ياش ئىدى.»
ئۆستەڭ ئىچىدە، ئارمىيە ۋە خەلق ئەگرى - بۈگرى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تىزىلدى. يۇقىرى ئېقىندا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر گۈرجەك بىلەن توپا قېزىپ، توسالغۇلارنى قۇرۇق قول تازىلاپ، تىنىپ قالغىنىغا بىر يىل بولغان لاي - لاتقىلارنى بىر چېلەك - بىر چېلەكتىن كۈچ ئۇلاپ قىرغاققا توشۇدى؛ تۆۋەن ئېقىندا، كەنت ئاھالىسى ئەنۋەر ھەسەن بۇلتۇر ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ياردەملىشىپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئالغان قەرز پۇلغا سېتىۋالغان كىچىك تىپتىكى لاي - لاتقا تازىلاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، «گۈرۈلدىتىپ» غول ئۆستەڭ بۆلىكىگە كىردى. ماشىنا يەلكىسى سوزۇلۇپ يېتەلمىگەن ئۆلۈك بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردىكى لاي - لاتقىغا پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مۇنىرە غوپۇر يالاڭ ئاياغ دەسسەپ كىرىپ، بىر گۈرجەك - بىر گۈرجەكتىن كولاپ ياشلاردىنمۇ بەكرەك كۈچىدى. «سۇ كەلسە، ئۈزۈم ئاندىن تاتلىق بولىدۇ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ شېرىن بولىدۇ!» دېدى ئۇ تەرلىرىنى سۈرتكەچ كۈلۈپ تۇرۇپ.
كۈن بارغانسېرى قىزىپ، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى تېزلىكتە 40 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلىدى.
«تېز كېلىڭلار، ماش شورپىسى تەييار بولدى!» 54 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئايجامال ھەسەن ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭ بويىغا كەلدى، چېلەكتە يېرىم كۈن قاينىتىلغان ناۋات سېلىنغان ماش شورپىسى بار ئىدى. ئايجامال بىر قاچا ئۇسۇپ، 1 - دەرىجىلىك ئەسكەر جاڭ مىڭنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ كېلىپ: «سىلەر كېچە - كۈندۈز ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ جاپا چەكتىڭلار!» دېدى. جاڭ مىڭ قوش قوللاپ ئېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ھەممىنى ئىچىۋېتىپ كۈلۈمسىرىگىنىچە: «بەك تەملىك ئىكەن!» دېدى.
بۇ شېرىن تەم تەرگە يۇغۇرۇلۇپ، قەلبلەرگە سىڭىپ كەتتى.
چۈشتە، ئەڭ ئاخىرقى بىر گۈرجەك لاي قىرغاققا تاشلاندى. بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان سۈزۈك بۇلاق سۈيى راۋانلاشتۇرۇلغان ئۆستەڭنى بويلاپ ئۆركەشلەپ ئېقىپ، توغراقلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئۈزۈمزارلىقنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، يىراقتىكى كەنتكە قاراپ ئويناقشىپ ئاقتى. سۇ شارىلداپ ئېقىۋاتاتتى، كىمنىڭ باشلاپ بەرگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان لەرزان كۈي شۇ ھامان ياڭرىدى، جاراڭلىق داپ ساداسى ئاڭلاندى.
كەنت ئاھالىلىرى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئۆستەڭ بويىدىكى بوش يەردە ئۇسسۇلغا چۈشتى. كەنت ئاھالىسى ھەلىمە ھەبىبۇللانىڭ ئەتلەس كۆڭلىكى پىرقىراپ بىر تال گۈل ھاسىل قىلغانىدى، ئۇ جىداۋيۈەن لى چېنياڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا پىرقىراشنى ئۆگەتتى، لى چېنياڭنىڭ قەدەملىرى تازا ماسلىشالمايۋاتاتتى، كۆپچىلىك قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. داپ ئاۋازى بارغانسېرى تېزلەشتى، كۈلكە ئاۋازى شامالغا ئەگىشىپ يىراقلارغا تارىلىپ، كارىزدىن ئۆتۈپ، قاراۋۇلخانىدىن ئۆتۈپ، كەچكى شەپەق ئالتۇندەك كۆرۈنگەن ئۇزۇن دەرياغا سىڭىپ كەتتى.
ئۆستەڭ سۈيى ئۈن - تىنسىز ئېقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ھەربىر ئېڭىشكەن سىيمانى خاتىرىلىدى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر نەچچە تۈركۈم ئالماشتى، كارىزنىڭ سۈيى سۈزۈكلەشتى، يەنە دۇغلاشتى، دۇغلاشتى، يەنە سۈزۈكلەشتى، لېكىن ھەر يىللىق شۇ «ئۇچرىشىش»تا ئەزەلدىن ۋەدىسىدە تۇرۇپ كەلدى. ئەڭ دەسلەپكى گۈرجەك، سېۋەتتىن، بۈگۈنكى كۈندىكى لاي - لاتقا تازىلاش ماشىنىسىغىچە؛ نوقۇل ھالدا ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى كولاپ تازىلاشتىن، سۇ باشلاش ئەسلىھەلىرىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇش، سۇغىرىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشكىچە، كارىزدا ھەربىر قېتىملىق «كونىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىنى كىرگۈزۈش» بۇ تۇپراقتىكى ھاياتلىق ئۈچۈن ئىزدىنىشتىن تەرەققىياتنى كۆزلەشكە ئۆتۈشكىچە بولغان ھالقىشنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.
كەچكى قۇياش غەربكە پاتقاندا، جەڭچى ليۇ جۈن ئۆستەڭ بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قولىنى يۇيۇۋاتاتتى، سۇ يۈزىدە كەچكى شەپەق ۋە ئۇنىڭ ياش چىرايى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يىراقتا، يۇرتداشلارنىڭ ئۆيىنىڭ مورىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىن بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.






