تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر يۇتۇم سۇغا قانچىلىغان جاپا - مۇشەققەت، ئەجىر - مېھنەت سىڭگەن؟

​− «دېڭ زۇەنشيەن يولىدا قايتا مېڭىش» توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (3)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شياۋ چۇنفېي، جەزىرە نېسىپبېك، ۋاڭ جوۋ

ھازىر قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بەزى كىچىك ئىشلارغا ۋاقىت ئېقىنىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق، قەلبىمىز شۇ ھامان چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ.

مارالبېشى ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولغىنىمىزدا، ھاۋا تىنچىق ئىسسىق بولۇپ، زىيارەت ئوبيېكتى بىر بوتۇلكا «پاشۆيۈەن» ماركىلىق ساپ سۇنى بىزگە سۇندى، بۇ ساپ سۇ بۇ جايدىكى سۇ زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغانىدى.

بىر يۇتۇم سۇ ئىچىشىمىزگە ئاشۇ تاتلىق ھەم ساپ تەمنى تېتىپ، بىردىنلا كۆزىمىزگە ياش كەلدى.

بىرىنچى يۇتۇم سۇدىن خام كۇگۇانىڭ تەمىنى؛ ئىككىنچى يۇتۇم سۇدىن ئۇزاق قاينىتىلغان جۇڭيى دورىسىنىڭ تەمىنى ھېس قىلىش

1920 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دېڭ زۇەنشيەن يەكەندىن مارالبېشىغا بارىدىغان يولدا مۇنداق بىر ئابزاس خەتنى خاتىرىلىگەنىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ «بوينىدا ھەمىشە گۆش ئۆسمىسى بولىدۇ، كىچىكى جۈزىدەك، چوڭى يوۋزىدەك كېلىدۇ. <گۆش ئۆسمىسى> توپلاشقان ئارتۇقچە گۆش. بۇ <گۆش> تېرىگە تۇتاش ۋە تېرىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بولۇپ، خۇددى يەر ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويۇلغان توپىغا ئوخشايدۇ.» شۇ كۈندىكى كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىسىغا يەنە مۇنداق بىر ئابزاسنى قوشۇپ قويغانىدى: «يەكەندىكى كوناشەھەردە ئاھالىلەر كۆلدە يىغىلىپ قالغان سۇنى ئىچىدۇ، چوڭ - كىچىك بولۇپ 70 نەچچە يەردە بۇنداق كۆللەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى مانجۇ كۆلى. كۆللەرنىڭ تۆت ئەتراپىدا سۆگەت دەرىخى كۆپ بولغاچقا، ئەتىيازدا سۇدا كىچىك قۇرت كۆپ، قۇرتنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ، سۆگەت چېچىكىنىڭ سۇغا چۈشۈشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ سۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، ئىچكەندىن كېيىن ئاسانلا ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ، بۇ، ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاياللاردا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. خەنزۇلار ئۇزاق مەزگىل يەكەندە تۇرۇپ قالسا، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. دوختۇرلار كۆپرەك خەيدەي پىشۇرۇپ يېسە ئۆسمىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، دېيىشىدۇ. ئىلاۋە: بۇ <گۆش ئۆسمىسى> ئادەتتە <پوقاق> دېيىلىدۇ.»

«يىغىلىپ قالغان سۇ» يەنى «كۆل سۈيى» ئىچىش جەنۇبىي شىنجاڭلىقلار ئەسلەشنى خالىمايدىغان ئەسلىمە.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدا سۇ بولسا ھاياتلىق بولىدۇ، سۇ بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ، بۇ تۇپراقتىكى ئىلگىرىكى ئاۋات، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كىروران، نىيا، ئەندىر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى دەريا ئېقىنىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ياكى ئېقىن يولىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن. «نان ئالىمەن دېسەڭ نېنىمنى بېرەي، سۇ ئالىمەن دېسەڭ جېنىمنى.» بۇ بىر جۈملە قەدىمكى ماقال - تەمسىل تارىم ئويمانلىقىدا سۇنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ياشاش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر كۆل قېزىپ سۇ ساقلاپ كەلگەن، بۇ بىر كۆلچەك توختام سۇ ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ «جېنى» ئىدى. كۆلنىڭ ئۈستى ئوچۇق بولۇپ، ئادەملەر ئىچەتتى، قوي - كالىلارمۇ ئىچەتتى، ئۇچار قۇشلارمۇ ئىچەتتى، غازاڭ، قۇرت - قوڭغۇزلارنىڭ لېچىنكىسى، قوي مايىغى.... كۆلدە يىغىلىپ قالغان نەرسىلەرنىڭ «مەزمۇنى» مول، رەڭگىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى بەزىدە قىزىل، بەزىدە تۇتۇق يېشىل كۆرۈنەتتى.

مارالبېشى ناھىيەسى جىڭيۈەن يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رەن ۋۇجۇڭ ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر بولۇپ، 1992 - يىلى مارالبېشىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئەينى چاغدا مارالبېشىدا «سۇ سۈپىتى ياخشى ئەمەس، يول ئەھۋالى ناچار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى»، ناھىيە بازىرىدا ئەھۋال سەل ياخشىراق بولۇپ، تۇرۇبا سۈيىنىڭ مەنبەسى شياۋخەيزى سۇ ئامبىرى ئىدى، يېزىلاردا كۆل سۈيى ئىچەتتى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە مەينەت ئىدى. 1995 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا سۇنى ياخشىلاش باشلىنىپ، قۇدۇق قېزىپ يەر ئاستى سۈيى تارتىپ چىقىرىلدى، يېزا رايونلىرىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا كىچىك تىپتىكى سۇ زاۋۇتلىرى قۇرۇلدى. مارالبېشىنىڭ يەر ئاستى سۈيى مول، لېكىن سۈيى قىرتاق ئىدى.

يەر ئاستى سۈيى قىرتاق، شورلۇق بولۇپلا قالماي، يەنە تەركىبىدە سۇلفات، فىتورىد مول ئىدى، رەن ۋۇجۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سۇ قايناتسا چەينەكنىڭ ئىچى ناھايىتى تېزلا بىر قەۋەت قېلىن دۇغ تۇتۇپ كېتەتتى، كىر يۇيغاندا سوپۇن پاراشوكىدىن مازغاپ چىقمايتتى...

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى لۇ شياۋشىن ئۆزىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزىدا ئىككى قېتىم قىرتاق، شورلۇق سۇ ئىچكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق تەسۋىرلەپ بەرگەن: بۇ، 2016 - يىلىدىكى ئىش، تۇنجى قېتىملىقى، يۇرتداشلارنىڭ ئۆيىدە سۇلياۋ تۇڭدىن يېرىم نوگاي سۇ ئېلىپ تېتىپ باقتىم، ئاۋۋال تىلىمنىڭ ئۇچى سۇغا تېگىشى بىلەن بىر خىل قاڭسىق تەم شۇ ھامان ئېغىزمنى بىر ئالدى؛ ئارقىدىن قىرتاق تەم، خۇددى پىشمىغان كۇگۇا يەۋالغاندەك تۇيۇلدى؛ يۇتقان ۋاقتىمدا گېلىمدە يەنىلا ئازراق تۇزلۇق تەم قېپقېلىپ، خۇددى بىر قەۋەت تۇز سېپىۋەتكەندەك بىلىندى. ئىككىنچى قېتىملىقى، يەنە بىر يۇرتداشنىڭ ئۆيىدە، يېرىم نوگاي سۇ ئالدىم، سۇ قاراشقىلا سەل سېرىق بولۇپ، ئازىراق دۇغمۇ بار ئىدى، «غۇرتتىدە» قىلىپ بىر يۇتۇم ئىچتىم، «شۇ دەقىقىدە، تەم سەزگۈ ئەزالىرىمغا يىڭنە سانجىلغاندەك ھېس قىلدىم، قىرتاق تەم ئىلگىرى تېتىپ باققاندىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، خۇددى ئۇزاق قاينىتىلغان جۇڭيى دورىسىغىلا ئوخشايتتى؛ تۇزلۇق تەم گېلىمغا ئۇرۇلۇپ، خۇددى بىر يۇتۇم دېڭىز سۈيىنى يۇتۇۋالغاندەك بولدۇم؛ يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقازىنىم تۇيۇقسىز ئېچىشىپ، ياندۇرۇۋەتكىلى تاس قالدىم.»

سۇ ھاياتلىق مەنبەسى، كۆل سۈيى، قىرتاق، شورلۇق سۇ چوقۇم ھاياتلىق ۋە ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، دېڭ زۇەنشيەننىڭ تېببىي بىلىمى چەكلىك ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆرگەن «گۆش ئۆسمىسى» يود كەملىكتىن كېلىپ چىققان بويۇن قالقانسىمان بەز ئىشىش كېسىلى بولۇپ، ئادەتتە «پوقاق» دەپ ئاتىلاتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالغىنى يالغۇز «پوقاق»، فىتور سۆڭەك كېسىلى، ئارسېندىن زەھەرلىنىش، جىگەر ياللۇغى، تولغاقلا ئەمەس ئىدى... شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سۇ ۋاسىتە قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە سۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى، ئېغىزىنى ئاچسىلا سېرىق چىش (فىتور دېغىدىن سارغايغان چىش) كۆرۈنۈش، پۇتى ئېغىرلىشىپ كۆتۈرەلمەي قېلىش (فىتور سۆڭەك كېسىلى) بىر مەھەل كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان كۈندىلىك كۆرۈنۈش بولۇپ قالغانىدى.

لۇ شياۋشىن قىرتاق، شورلۇق سۇنى تېتىغاندىن كېيىن، كۆڭلى يېرىم بولدى، شۇنداقلا زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى. بۇ، مەلۇمات جەدۋىلىدىكى «سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكى» ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ ساغلاملىقى، ياشانغانلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرى، يۇرتداشلارنىڭ «تاتلىق سۇ»غا بولغان ئارزۇسى ئىدى...

دېڭ زۇەنشيەندىن لى يۈنياڭغىچە

مارالبېشىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاچقۇچى» دېگەن نامى بار. 1920 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 -، 29 - كۈنلىرى دېڭ زۇەنشيەن مارالبېشىدىكى گۇەنديەندە ئۇدا ئىككى ئاخشام تۇرغان، گۇەنديەن ناھايىتى ۋەيرانە بولۇپ، بىر قىسىم ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى. شۇ چاغدا ئۇ بەلكىم 13 يىلدىن كېيىن مارالبېشىنىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. «قاغىلىق - دىخۇا سەپىرى خاتىرىسى»نىڭ 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى خاتىرىنى ئوقۇغاندا، بۇنىڭ ئالدى - كەينى كۈنلەردىكى خاتىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بۇ كۈندىكى خاتىرە چوڭقۇر ھەسرەتكە تولغان بولۇپ، بۇ چاغدا قاغىلىقتىن يولغا چىققىنىغا 10 كۈندىن ئاشقانىدى، سەپەر جاپالىق، ئالدىدىكى يول ئۇزۇن ئىدى، گەرچە ئۇ قەيسەر بولسىمۇ، لېكىن شۇ پەيتتە يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتى تولۇپ تاشقانىدى، ئارقا - ئارقىدىن يەتتە خىل ئۇچار قۇشنى مىسال ئېلىپ ساياھەتچىنىڭ يىراققا قىلغان سەپىرىنى تەسۋىرلىگەنىدى، «قۇشلار چېغىدا ھارغىنىدا ئۇۋىسىغا قايتىشنى بىلىدۇ، ئادەم نېمە ئۈچۈن قۇشچىلىكمۇ بولالمايدۇ؟»

1933 - يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى، ۋەزىيەت خۇددى «قىزىغان قازان»غا ئوخشاش بولۇپ، كۆپ تەرەپ بىردەك مارالبېشىنى ئاساسلىق تالاشقانىدى. دېڭ زۇەنشيەن شۇ چاغدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولۇپ، يالغۇز شەھەرنى چىڭ ساقلاپ، ئاخىرىدا ئۆگەي ئوغلى دېڭ چوۋجو، كېلىنى، نەۋرىسى قاتارلىق بەش تۇغقىنى بىلەن بىللە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، 65 يېشىدا ۋاپات بولغان.

بۇ قېتىمقى بالايىئاپەتتە، دېڭ زۇەنشيەننىڭ مارالبېشىدا ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللاردىن ھېچنېمە قالمىغانىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئەمەلدارلىق سالاپىتى، خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە ئاساسلانغاندا، مارالبېشىنىڭ سۇچىلىقىنى تۈزەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشنى چوقۇم قىلغان. ئۇ شىخودا ۋەزىپە ئۆتىگەندە، يول ياساپ، سۇنى ئىدارە قىلغان، سىياسىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان. «شىخو ناھىيەسى تەزكىرىسى»دىكى شەخسلەر تەرجىمىھالىدا دېڭ زۇەنشيەنگە مۇنداق باھا بېرىلگەن: «دېڭ زۇەنشيەن شىخودا ئىككى يىل ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، شىخونىڭ شەھەر - يېزىلىرىنى ئارىلاپ، جۇغراپىيەسىنى تەكشۈرۈپ، خەلق ئەھۋالىنى ھېس قىلغان... ليۇشىخۇ مەھەللىسىدە يېڭى غول ئۆستەڭ ھەم ئۇنىڭ ئىككى تارماق ئۆستىڭىنى چاپقۇزۇپ، 4000 مودىن ئارتۇق ئېتىزنى سۇغارغان، پۇقرالار ئۇنى ئاقىل كىشى دەپ ئاتىغان.»

مارالبېشىنىڭ سۇ مەسىلىسى ئەزەلدىن گەۋدىلىك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، جياڭنەندىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، جياڭنەندە قانچە تۆۋەن ئېقىنغا بارغانسېرى سۇ مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ مەنبەسى مۇزلۇقلار ۋە ئېرىگەن قار سۇلىرىغا تايىنىدۇ، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، پارلىنىش مىقدارى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن لېنىيەدە تولۇقلاش كەمچىل، چۈنكى يۇقىرى ئېقىن ۋە ئوتتۇرا ئېقىندا ئارقا - ئارقىدىن سۇ ئېلىنىدۇ، تۆۋەن ئېقىنغا بارغاندا سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدۇ. مارالبېشى يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا سۇ كەمچىل بولىدۇ، كەلكۈن كەلگەندە ئېتىزلار يەنە سۇ ئاستىدا قېلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. 1917 - يىلى 6 - ئايدا، مىنگو ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خاس ۋەكىلى شيې بىن مارالبېشىدا تەكشۈرۈشتە بولغان، بۇ جايدا سۇ تالىشىش مەسىلىسى تۈپەيلى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنى، «سۇ تالىشىش دەۋاسىنىڭ ھەر يىلى بولۇپ تۇرىدىغانلىقى»نى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ «شىنجاڭ ساياھەت خاتىرىسى»دە مۇنداق يازغان: «مارالبېشىنىڭ يەر شەكلى ئويمان بولۇپ، يەنە كۆكئارتنىڭ جەنۇبىي - شىمالىدىكى ئىككى دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەلكۈن كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئەتىيازدا تېرىقچىلىق قىلغاندا، يۇقىرى ئېقىندىكىلەر ئارقا - ئارقىدىن سۇنى توسۇۋالغاچقا، سۇ تۆۋەنگە ئاقماي، خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دېڭىزغا ئوخشاپ قالىدۇ. كۈز پەسلىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۆستەڭلەردىكى سۇ دەرياغا قايتۇرۇلىدۇ، دەرياغا تاشقىن كېلىپ يەنە سۇ بېسىپ كەتكەن رايونغا ئايلىنىدۇ، دائىم سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، لېكىن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يوق...» ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: ئىشنى ئۆستەڭ چېپىپ ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، سۇ باشلاش، سۇ يىغىش قاتارلىقلاردىن باشلاش كېرەك. ئۈچ يىلدىن كېيىن، دېڭ زۇەنشيەنمۇ مارالبېشىدىن ئۆتكەندە، سۇ ئاپىتى مەسىلىسىنىڭ قاتناشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. 1932 - يىلى دېڭ زۇەنشيەن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغاندىن كېيىن، سۇنى ئىدارە قىلىش ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى بولدى.

دېڭ زۇەنشيەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ يەتتە يىلدىن كېيىن، 1940 - يىلى 6 - ئايدا، 27 ياشقا توشمىغان لى يۈنياڭ مارالبېشىغا كېلىپ ھاكىم بولدى، بۇ، مارالبېشى تارىخىدىكى تۇنجى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ھاكىم ئىدى.

لى يۈنياڭ 1938 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن شىنجاڭغا خىزمەتكە كەلگەن بولۇپ، لىن جىلۇ سەپەردىشى ئىدى. لى يۈنياڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغاندىن كېيىن، مائارىپنى يولغا قويدى، تاشيول ياسىدى، سۇنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، ئۇ پۇقرالارنىڭ قىرتاق، شورلۇق سۇ ئىچىدىغانلىقىنى، ھەتتا يەر سۇغىرىش ئۈچۈن سۇ تالىشىپ قوراللىق ئۇرۇشىشتىنمۇ باش تارتمايدىغانلىقىنى كۆردى، ئاڭلىدى، بۇنىڭدىن كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاناركۆل سۇ ئامبىرى ياساشنى قارار قىلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلدى: «مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سۇچىلىق مەسىلىسى يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئاددىي خەلق ئاممىسىنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك... شۇڭا سۇچىلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش يەنە مارالبېشى خەلق ئاممىسىغا ئەڭ زور بەخت يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك.» تەستىقلانغاندىن كېيىن، لى يۈنياڭ پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۈچىنى ئىشقا سالدى، ئۇنىڭغا قوشنا ناھىيەدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر قوشۇلۇپ تەڭ ئاتلىنىپ، ئاددىي سايمانلارنى ئىشلىتىپ توغان سېلىپ توسما ياسىدى، سۇ ئامبىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى... بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ قۇرۇلۇش تاماملاندى، سۇ ساقلاش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى بولۇپ قالدى، 100 نەچچە مىڭ مو ئېتىز ۋە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى نەچچە مىڭ كىشىنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسى بىراقلا ھەل قىلىندى. ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنى ياساش جەريانىدا، لى يۈنياڭ يەنە ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى ماۋ زېمىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى.

1942 - يىلى 3 - ئايدا، شېڭ شىسەي جياڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، لى يۈنياڭ قاتارلىق شىنجاڭدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشىنى نەزەربەند قىلغان، ئارقىدىنلا تۈرمىگە تاشلىغان، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. لى يۈنياڭ قاتارلىق كىشىلەر تۈرمىدە قەتئىي تىز پۈكمەي، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇتقۇزۇشى بىلەن، 1946 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 100دىن ئارتۇق كىشى كوللېكتىپ قويۇپ بېرىلگەن، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يەنئەنگە قايتىپ كەلگەن، بۇ، تارىختا «يۈز پەرزەنتنىڭ يەنئەنگە قايتىشى» دەپ ئاتالغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، لى يۈنياڭ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى، چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتى ۋە كۆپلىگەن داشۆدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

لى يۈنياڭ ۋە خوتۇنى ۋۇ نەييىن مارالبېشى ناھىيەسى خەلقىگە، ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ بەرگەن ئاناركۆل سۇ ئامبىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان بولۇپ، ئىلگىرى 1983 - يىلى، 1987 - يىلى ۋە 1991 - يىلى ئۈچ قېتىم مارالبېشى ناھىيەسىگە قايتقان. گۇاڭجوۋدىكى ئۆيىدە، ئۇ مارالبېشىدىكى دوستى سوۋغا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى، ئۇزۇن چاپان كىيىشنىمۇ ياخشى كۆرەتتى، قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۇنى «شىنجاڭلىق بوۋا» دەپ چاقىراتتى. 2004 - يىلى لى يۈنياڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە، جەسەت كۆلىنىڭ يېرىمى ئاناركۆل سۇ ئامبىرى قىرغىقىغا كۆمۈلدى.

مۇخبىر ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىدا بىر كىچىك شىپاڭنى كۆردى، ۋىۋىسكىغا چوڭ قىلىپ يۈنياڭ شىپاڭى دەپ يېزىلغانىدى. شىپاڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارا رەڭلىك مەرمەر تاش ئابىدە تىكلەنگەن بولۇپ، ئابىدىگە: بىرىنچى نۆۋەتلىك كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ھاكىم، يولداش لى يۈنياڭ خاتىرە مۇنارى دەپ يېزىلغانىدى. ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ يېنىغا يەنە لى يۈنياڭ خاتىرە سارىيى سېلىنغان بولۇپ، ساراي 2021 - يىلى ئېچىلىپ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بازىسىغا ئايلاندى. تومۇزدا، بالىلار ئۇ جاي - بۇ جايدىن كېلىپ تۇرىدۇ، تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن بالىلار تاتلىق سۇنى قانغۇچە ئىچىدۇ، بۇ، بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ ئەجدادلارغا بولغان زامان - ماكاندىن ھالقىغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت بىلدۈرۈشى.

تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، دېڭ زۇەنشيەنگە ئوخشاش، لى يۈنياڭمۇ گۇاڭدۇڭلۇق ئىدى.

تارىخنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى

چىت كەنتى مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توغراقلىققا ئورۇنلاشقان ئۆزگىچە كەنت. كەنت ئاھالىسى ئەيسا مۇسانىڭ ئۆيىدە، مۇخبىر جۈمەكنى ئاچتى، سۈپسۈزۈك سۇ شارىلداپ ئاقتى، تەمى تاتلىق ئىدى. ئەيسا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت!»

يەكەن دەرياسى ئايرىپ تۇرغاچقا، چىت كەنتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. 2019 - يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، چىت كەنتىگە تۇنجى قېتىم كۆۋرۈك، تاشيول، تۇرۇبا سۈيى ۋە ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلدى. ئەيسانىڭ ئۆيىدىكى سۇ مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىكى ئاممىنىڭكىگە ئوخشاشلا يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەنىدى.

مارالبېشى ناھىيەلىك شەھەر - يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدىكى چوڭ ئېكران ئالدىدا، مۇخبىرلار ھەيۋەتلىك بىر كۆرۈنۈشنى كۆردى: 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇ مەنبەسى بولغان يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى سۇقۇچاق سۇ ئامبىرىدىن باشلىنىپ، لۇڭغا ئوخشاش سوزۇلغان سۇ ئېقىنى توختىماي ئېقىپ، مارالبېشىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە يېزىلىرىدىكى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىۋاتاتتى. ھازىر ئاناركۆل سۇ ئامبىرى پەقەت سۇغىرىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، شياۋخەيزى سۇ ئامبىرى زاپاس ئىشلىتىلىدۇ. رەن ۋۇجۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مارالبېشى ناھىيەسى شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، يەكەن سۇ مەنبەسىدە بىر باش سۇ زاۋۇتى قۇرۇلدى، لايىھەدىكى ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 77 مىڭ 300 كۇب مېتىر، يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 21 مىليون 700 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، باش سۇ زاۋۇتىدا سۇ سۈپىتى بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، سۇ 26 بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتىغا يەتكۈزۈلۈپ 2 - قېتىم بېسىم ئاشۇرۇلۇپ پۈتۈن ناھىيەدىكى ئاھالىلەر تەمىنلىنىدۇ. باش سۇ زاۋۇتىدىن ھەرقايسى بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتلىرىغىچە بولغان ئاساسىي تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 239.174 كىلومېتىر كېلىدۇ، بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتىنىڭ تۆۋىنىدىكى سۇ تەقسىملەش تۇرۇبا تورىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. «بۈگۈنكى كۈندە، مارالبېشىدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى، سۇ مىقدارى، سۇ ئىشلىتىشنىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسى، سۇ ئىشلىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش نىسبىتى بىردەك ئۆلچەمگە يەتتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلق <ساغلاملىق سۈيى، بەخت سۈيى> ئىچەلەيدىغان بولدى، روھىي قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى!» دېدى رەن ۋۇجۇڭ ئىپتىخارلانغان ھالدا.

جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك، ھەتتا مۆجىزە دېيىشكە بولىدىغان مەنزىرىلەر ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغىدىكى ھەيۋەتلىك سۇچىلىق تۈگۈنلىرى خۇددى قىل قان تومۇرلارغا ئوخشاش ھەممە ئائىلىلەرنىڭ تۇرۇبا سۈيى تورىغا راۋان تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ يېزىلىرىدا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشتى، سۇ ۋاسىتە قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە سۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. مارالبېشىغا سېلىشتۇرغاندا سۇ بايلىقى تېخىمۇ ناچار بولغان پەيزاۋات ناھىيەسىدە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، مۇزتاغ چوققىسىدىن ئېرىپ چۈشكەن تاتلىق قار - مۇز سۈيى پەيزاۋاتتىكى ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈلدى، بۇنى ھازىرقى زاماندىكى «كوئېنلۇن رىۋايىتى» دېيىشكە بولىدۇ. 2020 - يىلى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە سۇ يەتكۈزۈلگەن كۈنى، ئىلگىرى يۇتۇش قىيىن بولغان قىرتاق، شورلۇق سۇ ئۈچۈن ياش تۆككەن پەيزاۋاتلىقلار يەنە بىر قېتىم كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى، بۇ قېتىم ئۇلار تاتلىق سۇ ئۈچۈن كۆزىگە ياش ئالغانىدى! ھالبۇكى بۇ چاغدا، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىغان پەيزاۋات ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇ ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، زىيادە چارچاپ كەتكەچكە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ 2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ۋاپات بولدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ سۇنى ئۇزاق يىللاردا جاپالىق ئىدارە قىلدى، يېڭى دەۋردە تارىخنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلگەن مەزگىلگە قەدەم قويدى!

«بىخەتەر سۇ ئىچىش»تىن «تېخىمۇ ياخشى سۇ ئىچىش»كىچە، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە كىرگۈزۈلگەن تۇڭيۇڭ سۇ تازىلاش پەن - تېخنىكىسى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى يەكەندە يىلتىز تارتتى، شىركەت تىجارەت مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ بىنبىن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا «سۇ قاتتىق» بولغاچقا، ئاسانلا بۆرەككە تاش چۈشۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىز يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق سۇ تازىلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا - كەنتلەردە ئاقىل، ئەلا سۈپەتلىك ئىچىدىغان سۇ پونكىتى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

لۇ شياۋشىن ئىلگىرى سۇچىلىق مىنىستىرلىقىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ئىدى، كېيىن شىنجاڭدا قېلىپ، «سۈرئەت تېزلىتىلگەن» سۇنى ئىدارە قىلىش جەريانىغا پۈتۈن مۇساپىلىك قاتناشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى «ئانار دەرىخىنى قوغداش» ناملىق كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىر جاينىڭ سۈزۈك سۈيىنى قوغدىغانلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىنى قوغدىغانلىق، ئۆزئارا زىچ تايىنىدىغان ئانار دانىسىنى قوغدىغانلىق، چېگرا رايون تۇپرىقىنىڭ ئەبەدىي خاتىرجەملىكى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدىغانلىق.

«قاغىلىق − دىخۇا سەپىرى خاتىرىسى»دە، دېڭ زۇەنشيەن مارالبېشىنىڭ سۈيىگە: «سۈيى سەل شورلۇق» دەپ باھا بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، مارالبېشى تۇپرىقىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن دېڭ زۇەنشيەن بۇنى بىلسە چوقۇم ماختاپ: سۈيى بەك تاتلىق! دېگەن بولاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.