تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باش شۇجى شى جىنپىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ رۇيفېڭ، لى خېڭ

2035 - يىلىغا بارغاندا ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشنىڭ جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىدى. «15 - بەش يىل» بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 - سانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە «جەزمەن پارتىيەنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى، «جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ» دەپ تەكىتلەندى، «مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلىندى.

بۇ، تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن تەنتەنىلىك جاكار، ئۇنىڭغا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي مېتودولوگىيەسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئىستراتېگىيە بېكىتىلدى، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئىرادىنى ساقلاش كېرەك.

دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، نوپۇس كۆلىمى غايەت زور، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت.

ئون يىل ئىلگىرى، 2016 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى ھەم يېڭى دەۋردىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلاملىق مەزمۇنىنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈش، خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، بىر قاتار تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بۇ تەلەپلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

مەيلى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش بولسۇن ياكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى سىجىل ئۇزىراش، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈش، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىشتە بولسۇن، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا قەدەم پۇختا تاشلاندى، تەجرىبىلەر قىممەتلىك بولدى.

ئۇلۇغۋار پىلان چىقىرىلدى، سىستېما داۋامىدا مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش زۆرۈر.

مۇھىم نۇقتا نېمە؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەنپەئەت يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، پۈتكۈل سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچ ۋە بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.»

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئۈچ كۈچەش نۇقتىسى بار: ئۇلار ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىستراتېگىيە جەھەتتە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا دەل جايىدا كۈچەپ، مۇھىم نۇقتا ئارقىلىق ئومۇملۇققا تۈرتكە بولۇش. نۇقتىلىق خىزمەتلەر جايىدا ئىشلەنسە، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.

تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىتىلدى، كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈش داۋامىدا كاپالەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم ماقالىسىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشى توغرىسىدا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى ئاممىۋى سىياسەتنى تۈزۈپ يولغا قويۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، «پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» كېرەك.

داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» كېرەك.

يەنە، «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بويىچە رەقەملەشتۈرۈش - ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» كېرەك، «كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش» كېرەك.

پۈتۈن جەمئىيەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەر يۆنىلىشى، شۇنداقلا خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

يول ئايدىڭلاشتى، فاڭجېن بېكىتىلدى، مۇھىم نۇقتا دەل جايىدا بولدى، بىرىكمە كۈچ يېتەرلىك بولدى، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ تۇتقاندىلا، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇقەررەر ھالدا خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىش تېزلىتىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.